ئاڭلىغۇچى: «13 مىڭ ‹تېررورچى› نىڭ ئارىسىدا مېنىڭمۇ بىگۇناھ ئىككى تۇغقىنىم بار»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى 18 ‏-مارت، يەنى دۈشەنبە كۈنى «ئاق تاشلىق كىتاب» ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئۆزىگە «تەنقىدچى» دەپ ئىسىم قويغان بىر ئاڭلىغۇچىمىز رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، خىتاينىڭ مەزكۇر «ئاق تاشلىق كىتاب» ىدا ئۇيغۇر رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنى «تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت» دېگەن نام بىلەن پەردازلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ بۇ ئىنكاسىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئېلى مەمتىمىن ۋە رۇقىيە مەتنۇرى ئىسىملىك ئەر-ئايالنىڭ نورمال بىر دىنىي پائالىيىتى سەۋەبلىك تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ۋە 8 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەتنۇرى ۋە رۇقىيەنىڭ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل بۇرۇن تەبلىغقە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن 2016 ‏-يىلنىڭ ئاخىرىدا 8 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى.

تەپسىلاتى...

غۇلجادا تۇتۇپ قېلىنغان ئامېرىكالىق ئۇيغۇر بالا ھەمداننىڭ تەقدىرى ئۇنىڭ ئەنگلىيەدىكى دادىسىنى ئەندىشىگە سالماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھەمدان خۇشتار 2015‏-يىلى ئۆكتەبىردە ئامېرىكانىڭ ۋىرىگىنىيە شتاتىدا تۇغۇلغان ئىدى. ئۇنىڭ خىتاي گىراژدانى بولغان ئانىسى پاتىگۈل سادىقجان ئوغلى ھەمدانغا ئامېرىكانىڭ تۇغۇلۇش گۇۋاھنامىسى ۋە پاسپورتىنى بېجىرىپ، شۇ يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا 2 ئايلىق ھەمداننى ئېلىپ يۇرتى غۇلجاغا قايتىپ بارىدۇ. ئەمما بۇ ئۇنىڭ غۇلجاغا ئاخىرقى قېتىم قايتىشى ئەمەس ئىدى. پاتىگۈل 2016‏-يىلى 2‏-قېتىم ئوغلىنى ئېلىپ ئامېرىكاغا قايتىپ كېلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە غۇلجاغا قايتىشىدا ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق يولدىشى بىلەن تۈركىيەدە ئۇچراشقان. ئۇ يولدىشى بىلەن تۈركىيەدە 6 ئايدەك تۇرۇپ، 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا غۇلجاغا قايتىشىدا ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن ئىدى.

پاتىگۈل تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، رايوندا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان مەزگىلدە غۇلجاغا قايتىدۇ. ئۇ ئەينى چاغدا بۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قېتىم چەتئەلگە چىقىشى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

غۇلجادىكى داڭلىق ساخاۋەتچى بايلاردىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، غۇلجا شەھىرىدە ئەڭ بۇرۇن ئىگىلىك تىكلىگەن، كۆپ ساندا كىشىلەرنى تىجارەت يولىغا باشلىغان ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى يېتىم-يېسىر ھەم ئاجىزلارنىڭ بېشىنى سىلاپ كېلىۋاتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر سودىگەرلەردىن سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى، سادىقجان ۋە ساقىھاجىلارنىڭ قايسى تۈرمە ياكى لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ئېنىق جاۋاب بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى رەت قىلمىغان. خادىملاردىن بەزىلىرى بۇ ئىككى مەشھۇر ساخاۋەتچى سودىگەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلسا، يەنە بەزىلىرى بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ جاۋاب بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى. 

تەپسىلاتى...

قەشقەردىكى بىر ساقچى: «سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم مۇسا ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن تۇتقۇندا»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم مۇسا، ئۇنىڭ ئايالى دىلنۇر ھۈسەيىن ۋە بىر ئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قەشقەردىكى سەمەن مېھمانخانىسى تەۋەلىكىگە مەسئۇل بىر دۆلەت ئامانلىق خادىمى ئىبراھىم مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئوتتۇرانچى ئوغلى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، قەشقەر سەمەن ساياھەت گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى، سەمەن مېھمانخانىسىنىڭ ساھىبى ئىبراھىم مۇسا قەشقەردە ئەڭ بالدۇر ئىگىلىك تىكلىگەن، مېۋە-چېۋە سودىسى، ئۆي-مۈلۈك تىجارىتى، مېھمانخانا ۋە ساياھەت ئىشلىرى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەدە سودا قىلىپ بېيىغان كىشى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئىبراھىم مۇسا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن 2017‏-يىلنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە ئەكېتىلگەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى دىلنۇر ۋە بىر ئوغلىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان. دەسلەپ تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملار ئىبراھىم مۇسا ۋە ئۇنىڭ شىركىتى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. توردىكى ئۇچۇر ئارخىپلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم مۇسا 2005‏-يىلى خىتاي بويىچە «مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالانغان. يەنە بىر توردىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن خەۋەرنىڭ ئىزناسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىبراھىم مۇسا 2016‏-يىلىنىڭ ئاخىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ سايلانغان.

تەپسىلاتى...

قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدىكى ئۇيغۇر خىزمەتچىلەرنىڭ 15 پىرسەنتى يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى  ئۆتكەن جۈمە كۈنى تولۇقلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە قەشقەر شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەمتىلى ۋاھاپ قاتارلىق 6 خىزمەتچىسىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن قەشقەردىكى ئالاقىدار سىياسىي قانۇن تارماقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى دەلىللەندى. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر يەنە مەزكۇر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىدە 50 نەچچە ئىشچى-خىزمەتچى بارلىقى، لاگېرغا ئەكېتىلگەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئومۇمى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچى سانىنىڭ 15 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. 

تەپسىلاتى...

دوكتور ئاسپىرانت تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى: «دادام بىلەن كۆرۈشۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم، ئەمما كۆڭلۈم يەنىلا يېرىم»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئىسىمشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئۆتكەن يىلى 11‏-ئايدا رادىيومىز تەرىپىدىن ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوغلى تاھىر مۇتەللىپ قاھىرى دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

دەسلەپتە گېرمانىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن تاھىر مۇتەللىپ ئاخىرى ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان ھەمدە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلات ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىن دادىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشتا ياردەم سورىغان ئىدى. 

تەپسىلاتى...

كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭمۇ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق كومىتېتىنىڭ ئاتالغۇلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شۇنداقلا كاندىدات ئالىي تەرجىمان. «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار قوللانمىسى»، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئەقلىيە سۆزلەر لۇغىتى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان لۇغەتلەرنىڭ روياپقا چىقىشىغا ئەجىر سىڭدۈرگەن ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭمۇ لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم. بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىگەن ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئۆز سىڭلىسى گۈلرۇي ھۈسەيىن خانىم، «لۇغەت بىر مىللەتنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى ھېسابلانسا، ئۇنداقتا، ھۈسەنجان ئەسقەردەك پۈتۈن ياشلىق باھارىنى مىللىتىمىزنىڭ لۇغەتچىلىك ئىشلىرىغا بېغىشلىغان زىيالىيلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئېغىر بىر كرىزىس ئىچىدە قېلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ» دەپ بىلدۈردى.

بۈگۈن 25-فېۋرال ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلرۇي ھۈسەيىن خانىمنىڭ رادىيومىزغا ئۆز ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ بۇلتۇر 4-ئايلار مەزگىلىدە لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن تىلشۇناسلىق، لۇغەتچىلىك ساھەسىدە نەچچە ئونلىغان قورال كىتابلارنىڭ نەشردىن چىقىشىغا ئىلمىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان كاندىدات ئالىي تەرجىمان ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ ئىسمىمۇ، خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلار تىزىمىغا قوشۇلغان بولدى.

گۈلرۇي ھۈسەيىن خانىم ئۈرۈمچى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن ئاكىسى ھۈسەنجان ئەسقەرنىڭ قانداق سەۋەبلەر بىلەن تۇتۇلغانلىقى، ئۇنىڭغا قانداق ئەيىبلەشلەر ئارتىلغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان.

تەپسىلاتى...

ئىشقىيار ئابدۇرەھىم: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن 35 كىشى تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىدا»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن بەزىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتسا، يەنە بەزىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەرز يېزىپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىشقىيار ئابدۇرەھىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 35 كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرى ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىشقىيار ئابدۇرەھىم ئەپەندى قورغاس ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان، مىسىردا 6 ئاي تۇرغاندىن كېيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن. ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 3 بالىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە.

تەپسىلاتى...

«ئىنتىل» مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىنكاسلاردا، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تونۇلۇۋاتقان ياش ساخاۋەتچى ۋە مەرىپەتپەرۋەر دەپ تونۇلغان، «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. نۆۋەتتە، ئىنتىل مەكتىپىگە ئائىت توربېكەت، ئۇچۇر ۋە ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تاقالغانلىقى مەلۇم. ئابلەت ئابدۇللانى بىلىدىغان كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ۋە ئىنتىل مەكتەپلىرىنىڭ نامى خىتايچىغا ئۆزگەرتىلىپ قايتا قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىنتىل» كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىنجاڭ «ئىنتىل» مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدېرى ئابلەت ئابدۇللانىڭ يېقىنقى يىللاردا يەنە «شېرىن چۈش» پروگراممىسى قاتارلىقلارغا قاتنىشىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارغا ئىئانە قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ساخاۋەتچىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى مەلۇم ئىدى.

ئەپسۇس يېقىنقى كۈنلەردە رادىيومىزغا بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بۇ داڭدار ساخاۋەتچى، دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىك پسىخىك مەسلىھەتچىسى ئابلەت ئابدۇللانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقى ھەتتا 17 يىل كېسىلگەنلىكى ئىنكاس قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئوخشاش ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغان ئىدى.

ئابلەت ئابدۇللانى تونۇيدىغان تۈركىيەدىكى ئەنۋەر ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تونۇشلار ئارقىلىق ئالغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ئابلەت ئابدۇللا 2017-يىلى 6-ئايلاردا بىر قېتىم تۇتۇپ كېتىلىپ كېيىن قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ يېقىنقى ئايلاردا قايتا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە 17 يىل كېسىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. لېكىن، بىز خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتىن بۇنى دەلىللەشكە ئېرىشەلمىدۇق. ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىمۇ ئابلەت ئابدۇللانىڭ ئەھۋالىغا ئائىت بىرەر ئۇچۇرنى ئېلان قىلمىدى.

تەپسىلاتى...

ئاۋسترالىيەلىك بىر ئۇيغۇر ھۆكۈمەتنى خىتايدا تۇتۇپ قېلىنغان بىر يېرىم ياشلىق ئوغلىنى قۇتقۇزۇشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاۋسترالىيەلىك بىر ئۇيغۇر ئاۋسترالىيە دىپلوماتلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ، لاگېرغا قامالغان ئايالى ۋە بىر يېرىم ياشلىق ئوغلىنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىرغان.

ئاۋسترالىيە ئاخبارات گۇرۇھى ABC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئاۋسترالىيە پۇقراسىنىڭ خىتايدا تۇتۇپ قېلىنغان ئوغلى بىر خىتاي ئائىلىسىگە بېقىۋېلىشقا بېرىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بۇ كىشى 2015‏-يىلى 10‏-ئايدا ئايالى بىلەن ئۈرۈمچىدە تونۇشۇپ، 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا نىكاھلانغان. ئۇلار نىكاھتىن كېيىن ئامېرىكىدا شېرىنئاي ئۆتكۈزگەن ھەم تۈركىيەنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق تۇغقانلىرىنى يوقلاپ بارغان.

مەزكۇر كىشىنىڭ ABC مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار تۈركىيەدىن قايتىشىدا ئۇ ئاۋسترالىيەگە ماڭغان، ئايالى ئائىلىسىنى كۆرۈپ كېلىش ئۈچۈن يۇرتىغا قايتقان. ئۇنىڭ ئايالى يۇرتىغا قايتقىنىدا ھامىلىدار بولۇپ، 2017‏-يىلى 8‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كۆزى يورۇغان. لېكىن ئايالىنىڭ كۆزى يورۇشتىن سەل بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن.

تەپسىلاتى...