غۇلجادىكى ئاق مەسچىتنى سالدۇرغان ياقۇپ ھاجى بىلەن سەلىم ھاجى كېسىۋېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاشكارىلىشىچە، غۇلجا سۇ دەرۋازىدىكى ئوت ئوتكەن مەسچىتنىڭ ئورنىغا يېڭى مەسچىت سېلىشنى غۇلجىدىكى ئەلسۆيەر سودىگەرلەردىن ياقۇپ ھاجى بىلەن سەلىم ھاجى تالىشىپ قالغان. جامائەتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئىككىسى ئورتاق دەسمايە چىقىرىپ، 4 مىليون يۈەنچە مەبلەغ بىلەن «ئاق مەسچىت» نامىدا يېڭىدىن بىر مەسچىت سالغان. ئۇلارنىڭ بۇ ئاكتىپلىقى 2017‏-يىلىغا كەلگەندە «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى» دەپ قارىلىپ، ئۇلار يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولىۋېلىنغان. ئۆتكەن يىلى يىغىلىۋېلىش لاگېرىدىكى بىر تۈركۈم تۇتقۇنلار ئۈستىدىن سوتسىز ھۆكۈم چىقىشقا باشلىغاندا بۇ ئىككى ساخاۋەتچىنىڭ ھەر ئىككىسى كېسىۋېتىلگەن.

ئۇيغۇر رايونىدىن يېقىندا چەتكە چىققان ۋە غۇلجا ۋەزىيىتى ھەققىدە رادىيومىزغا يازما مەلۇمات يوللىغان بىر تىجارەتچىنىڭ بايان قىلىشىچە، غۇلجا سۇ دەرۋازىدىكى ئەسلىدىكى ئوت كەتكەن مەسچىتنىڭ ئورنىغا 2006‏-يىلى ئاق مەسچىتنى بىنا قىلغان ئەلسۆيەر سودىگەرلەردىن ياقۇپ ھاجى 15 يىللىق كېسىۋېتىلگەن. دېيىلىشىچە، سەلىم ھاجىمۇ كېسىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ جازا مۇددىتى مەلۇم ئەمەس. غۇلجادىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى ياقۇپ ھاجى ۋە سەلىم ھاجىلارنىڭ جازا ھۆكۈملىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

تەپسىلاتى...

ئالاقىدار خادىملار ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بىرقانچە ئايدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭمۇ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ھەققىدە غەيرىي-رەسمىي ئۇچۇرلار تارقىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. تۈنۈگۈن ئامېرىكادىكى «تىنچ ئوكيان ئۆلچىمى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى ھەققىدىكى ماقالىدىمۇ بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن ئاتاقلىق يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئۇيغۇر رايوندىكى ئالاقىدار خادىملار مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدىن «مەسىلە» چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

تەپسىلاتى...

قەلبىنۇر كامال: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن 8 كىشى لاگېردا»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتسا، يەنە بەزىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەرز يېزىپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. 

تەپسىلاتى...

ئاتۇش شورۇقلۇق تىجارەتچى ياقۇپ روزىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇ يىل 45 ياشلار چامىسىدىكى، ئاتۇش شورۇقلۇق تىجارەتچى ياقۇپ روزىنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلى قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ياقۇپ روزى 2017-يىلىنىڭ بېشىدا يۇرتىغا قايتقان، 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرى لاگېرغا ئەكېتىلگەن.

ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى لاگېردا جان ئۈزگەن. ساقچىلار ياقۇپ روزىنىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغۇچىلار، ياقۇپ روزىنىڭ جەسىتىنىڭ ئائىلىسىگە بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ قىيىن-قىستاقتا ئۆلگەن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

تەپسىلاتى...

گەنسۇنىڭ ۋۇيى تۈرمىسىدىكى 4 تۈرمە رايونىدا 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» تورى ‏4-ئاپرېل كۈنىدىكى خەۋىرىدە گەنسۇنىڭ ۋۇيى شەھىرىدىكى بىر تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى يېزىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ۋۇيى تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ 4 تۈرمە رايونىدا بارلىقى ۋە ھەر بىر تۈرمە رايونىدا 200-300 چە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى، يەنى بۇ تۈرمىدە ئاز دېگەندە 800، كۆپ بولغاندا 1200چە ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۇلتۇر كۈز ئايلىرىدا گەنسۇنىڭ ۋۇيى شەھىرىدە تۈرمىگە بارىدىغان بىر يول ئىككى كۈن توسۇۋېتىلگەن. بۇ يولدىن ماشىنىلارنىڭ مېڭىشىلا ئەمەس، ھەتتا پىيادىلەرنىڭ مېڭىشىمۇ چەكلەنگەن. شەھەردىكى ئاھالىلەرنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، يول توسۇلغان بىرىنچى كۈنى قوراللىق قىسىم ساقچىلىرى 10 نەچچە ئاپتوبۇسنى ھەيدەپ، تۈرمە قورۇسىنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققان. يەنى پەرەز قىلىنىشىچە، ساقچىلار بۇ كۈنى مەھبۇس يۆتكەشنىڭ مەشىقىنى ئېلىپ بارغان. ئىككىنچى كۈنى سەھەر سائەت ئىككى مەزگىلىدە ئۇيغۇر مەھبۇسلار بېسىلغان 10 نەچچە ئاپتوبۇس ۋۇيى پويىز ئىستانسىدىن ئىككى كۈندىن بېرى باشقىلارغا توسۇۋېتىلگەن يول ئارقىلىق ۋۇيى تۈرمىسىگە قاراپ يولغا چىققان. يولنىڭ ئىككى ياقىسى قوراللىق ساقچىلار بىلەن تولغان. ھەر ئاپتوبۇسنىڭ ئارقىسىدىن 3 ساقچى ماشىنىسى نازارەت قىلىپ ماڭغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان گەنسۇدىكى بىر تۈرمە خادىمى ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. مەھبۇسلارنىڭ ئاپتوبۇسىغا چىقىرىلىش ۋە چۈشۈرۈلۈش جەريانىنى كۆرگەن بىر گۇۋاھچىنىڭ «زىمىستان» تورى مۇخبىرىغا بايان قىلىشىچە، ھەر بىر مەھبۇس قولى كويزىلانغان، پۇتى كىشەنلەنگەن ھالەتتە ئىككى نەپەر ساقچى تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ مەھبۇسلار تۈرمىگە ئەكىرىلگەن ۋە ئايرىم-ئايرىم سولانغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى كويزا ۋە پۇتىدىكى كىشەنلەر ئېلىۋېتىلمىگەن.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ «زىمىستان» تورىنىڭ مۇخبىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىن گەنسۇنىڭ ۋۇيى تۈرمىسىگە يۆتكەلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1000 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇلار 20 يىللىققا قەدەر ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەنلەر ئىكەن. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋۇيى تۈرمىسىنىڭ بىر خادىمىدىن بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتى يوقلىغىنى ۋە بۇ سوئالنى گەنسۇ ئۆلكىلىك تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بۇ تۈرمىنىڭ قانچە تۈرمە رايونىدا ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئۇيغۇر رايونىدىن ئەكېلىنگەنلەرنىڭ تۆت تۈرمە رايونىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز ئۇنىڭدىن بۇ تۆت تۈرمە رايونىنىڭ ھەر بىرىدە قانچىلىك ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ ھەر بىرىدە 200 بىلەن 300 ئارىسىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى «زىمىستان» تورى خەۋەر قىلغان مەزكۇر تۈرمىدە 1000 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ بارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

ئۆتكەن ئايلاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا گەنسۇدىكى تۈرمە خادىملىرى ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ ئادەتتىكى ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەر ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە مەھبۇسلار ئىكەنلىكى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ھېچقانداق بىر كىشى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. «زىمىستان» تورىنىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرىدە مەھبۇسلارنىڭ كۈن بويى كويزا-كىشەنلەنگەن ھالەتتە تۇرىدىغانلىقى، ساقچىلارغا ئەگەر بۇ مەھبۇسلار قارشىلىق كۆرسىتىپلا قالسا نەق مەيداندا ئېتىۋېتىش بۇيرۇقى بېرىلگەنلىكى، شۇڭا مەھبۇسلار ھەر قېتىم ئىسمى چاقىرىلغاندا چۆچۈيدىغانلىقى ۋە ئالاقزادە بولىدىغانلىقى يېزىلغان.

رادىيومىز خىتايچە بۆلۈمىنىڭ بىر خەۋىرىدە ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە 34 تۈرمىنىڭ كېڭەيتىلىپ قۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردە يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تۈرمە ۋە لاگېرغا پاتماي قالغان ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، بارغانسېرى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتقان لاگېر مەسىلىسىنى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەھبۇس يۆتكىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

كامالتۈرك يالقۇن: «زۇلۇم تۈگۈمىگىچە كۈرەشلىرىمنى توختاتمايمەن!»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشتا ئەڭ دەسلەپ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان قاتلامنىڭ بىرى ئۇيغۇر مائارىپ ساھەسى بولدى.

ئانالىزچىلار بىردەك «ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىدا بىر تۇتاش قوللىنىلىدىغان ئۇيغۇرچە دەرسلىك كىتابلارغا قارىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر سەرخىللىرى بۇ ئىشقا چېتىلىپ قولغا ئېلىندى ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.

شۇ قاتاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ئۆتكۈر يازمىلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى يالقۇن روزىمۇ قولغا ئېلىنىپ، 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى.

تەپسىلاتى...

دۆربىلجىنلىك جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەت جەمەتىدىن 44 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۆربىلجىن بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ پېنسىيەگە چىققان كادىرى، جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ لاگېردىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىشىمىز داۋامىدا ئالاقىدار بىر ساقچى خادىمى داۋۇت ئابلەت جەمەتىدىن جەمئىي 44 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. داۋۇت ئابلەتنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئوغلى، پائالىيەتچى ئابلەھەت داۋۇت ئۆز ئائىلىسىنىڭ دۆربىلجىندە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئورنى كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ بىر جەمەت ئىكەنلىكى، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئۇنىڭ تاغىلىرى، قېرىنداشلىرى ۋە نەۋرە تۇغقانلىرى بولۇپ، جەمئىي 14 كىشىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن ئېنىق خەۋىرى بارلىقىنى ۋە قالغانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم تۇتۇش دولقۇنىنىڭ خاسلىقلىرىدىن بىرى ‏-بۇ لاگېرلارغا ھەر بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىردىن، كۆپ بولغاندا 10 نەچچىدىن، ھەتتا بەزى ئائىلىلەردىن جەمەت بويىچە 40-50 چە كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىدۇر. ئاشكارىلىنىشىچە، دۆربىلجىنلىك جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەت بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولۇپ، جەمەتىدىن جەمئىي 44 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. ئالاقىدار خادىملار ئابلەت داۋۇتنىڭ تۇتقۇندىكى قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. داۋۇت ئابلەتنىڭ ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئوغلى ئابلەھەت داۋۇت دادىسىنىڭ 4 قېرىنداش ئىكەنلىكى، ئۇلاردىن تاغىسى ئازاد ئالماسنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقى، قالغان ئىككى تاغىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتى...

دۆربىلجىندىكى جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ لاگېردىكى مەزگىلىدە بىر قېتىم دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئاۋسترالىيەدىكى ABC ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئۆتكەن يىلى ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ دۆربىلجىندىكى بىر تۈركۈم ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى، بۇ تۇتقۇنلار ئارىسىدا 69 ياشلىق دادىسى داۋۇت ئابلەتنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

يېقىندا پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دادىسى ئۆتكەن يىلى 4‏-ئايدا بىر قېتىم لاگېردىن دۆربىلجىن ناھىيىلىك دوختۇرخانىسىغا داۋالاشقا ئېلىپ چىقىلغان ئىكەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرنى شۇ كۈنلەردە مەزكۇر دوختۇرخانىدا ئاغرىق يوقلىغان بىر دوستى ئارقىلىق ئۇققان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن دۆربىلجىنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئابدۇلئەھەدنىڭ دادىسى، يەنى دۆربىلجىندە تونۇلغان جامائەت ئەربابى داۋۇت ئابلەتنىڭ ئۆتكەن يىلى بىر قېتىم لاگېردىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغانلىقى تۈرمە خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، دۆربىلجىن بازارلىق ھۆكۈمەت شەھەر قۇرۇلۇش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى داۋۇت ئابلەت ئالدىنقى يىلنىڭ بېشىدا نامەلۇم سەۋەب بىلەن لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ئۇنىڭ نۆۋەتتە ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان ئوغلى، پائالىيەتچى ئابدۇلئەھەد داۋۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 69 ياشلارغا كىرگەن داۋۇت ئابلەت دۆربىلجىندە جامائەتچىلىك ئىشلىرىدىكى ئاكتىپلىقى بىلەنمۇ تونۇلغان. داۋۇت ئابلەت 2008‏-يىلى ئاۋسترالىيەدىكى ئوغلىنى بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ بارغان، ئەمما سالامەتلىكى يار بەرمىگەچكە ئاۋسترالىيەدىن بالدۇر ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. داۋۇت ئابلەتنىڭ جامائەتچىلىك ئىشلىرى سەۋەبلىك ۋە ياكى چەتئەل زىيارىتى سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. 

تەپسىلاتى...

قەشقەر سۇ ئىدارىسىنىڭ كادىرى تۇرغۇن ئاسىم مەسچىت چېقىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن لاگېرغا ئەكېتىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بىز ئۆتكەن ھەپتىلەردە قەشقەر سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ 15 پىرسەنتىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. شۇندىن كېيىن ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مەزكۇر ئىدارىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئەتلىرىدىن بىرى، تېخنىك مۇدىر تۇرغۇن ئاسىمنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەسچىت چېقىشتا ئاكتىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالىنىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى.

تەپسىلاتى...

قەشقەردىكى ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى رامان ئىدرىسنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

نۆۋەتتە گوللاندىيەدە ئوقۇۋاتقان نەجمىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان «لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى تىزىملىكى» دىن قەشقەردىكى رامان ئىدرىس ئىسىملىك ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىنىڭ لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بوۋىسى بىلەن ئوخشاش ئىسىمدىكى بۇ كىشىنىڭ دەل ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بوۋىسى رامان ئىدرىس ئىكەنلىكىنى بىلگەن.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزى بىلىدىغان قاناللار ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، تۇتقۇن قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىدىن بوۋىسى رامان ئىدرىس بىلەن كىچىك بوۋىسى باۋۇدۇن ئىدرىسنىڭ بۇلتۇر 10-ئاي مەزگىلىدە لاگېردا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى، 2015-يىلى سىياسىي جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ بىر يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى مامۇت راماننىڭمۇ قاماقتا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئالغان. 

تەپسىلاتى...