يوپۇرغا ساقچىسى: «گۈلنار ئەمەتنى 11 ئايدىن بۇيان تەربىيىلەۋاتىمىز، مۇددىتى ئاچىسى تۈركىيەدىن قايتىپ كەلگۈچە»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 30– ئىيۇل

مۇخبىرىمىز بۈگۈن يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى ساقچى خادىملىرىغا قارىتا تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، ناھىيىلىك تەربىيىلەش مەركىزىدە 11 ئايدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 19 ياشلىق تۇتقۇن گۈلنار ئەمەتنىڭ تۈركىيەدىكى ئاچىسى دىلبەر ئەمەت سەۋەبلىك تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، گۈلنار ئەمەت ئىككى يىل بۇرۇن تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەن ئاچىسى دىلبەر ئەمەت بىلەن تېلېفوندا 3 قېتىم سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ ۋە كويزا سېلىنىپ تۇتۇپ كېتىلگەن. ساقچىلار گۈلنارنى تۇتقان كۈنى دادىسى ئەمەت كىچىككە ، گۈلنارنىڭ ئاچىسى تۈركىيەدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر تۇتۇپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

تەپسىلاتى...

يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغان ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى ۋە دوستلىرى قاماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 26– ئىيۇل

بۈگۈن ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدا 2014‏-يىلى ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى قاتارلىق 20 نەچچە كىشىنىڭ يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەنلىكىنى، ئۆتكەن ئايدا يەنە شۇ دېلوغا باغلىنىپ 7 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچى خادىمى مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. مىسىردىن ئايرىلغان، نۆۋەتتە تۈركىيەگە جايلاشقان سابىق ئوقۇغۇچى ئابدۇللا تۇرسۇن خىتاينىڭ ئىئانىنى چەكلىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلىغانلىقى ئۈچۈن كېسىلگەن ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى قاتارلىق ياشلارنىڭ يوپۇرغىنىڭ سىيەك يېزىسىدىن ئىكەنلىكى يېزىلغان. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، سىيەك يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىدىن مەلۇمات سورىدۇق. ساقچىخانا خادىمى ئىنكاستا دېيىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇكېرىم ئابدۇغېنى قاتارلىق ياشلار 10 مىڭ بىلەن 20 مىڭ سوم ئارىسىدا پۇل توپلىغان. ئەمما، ئۇلار پۇلنى پىلانلىغان ئائىلىلەرگە بېرىشتىن ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇلار، « ئابدۇكېرىم گۇرۇھى» دەپ نام بېرىلىپ ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش دېگەن ئاتالمىش جىنايەت ئارتىلىپ كېسىۋېتىلگەن. جازاغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدا پۇل توپلاش ئۈچۈن تەشۋىق ۋە ھەرىكەت قىلغانلارلا ئەمەس، پۇل بەرگەنلەرمۇ ئورۇن ئالغان. ۋەقەنى دەلىللىگەن ساقچىخانا خادىمى دېلوغا ئۆزى ئارىلاشمىغانلىقىنى، ئەمما كۆزىتىپ تۇرغانلىقىنى ۋە ۋەقەدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، يېتىم-يېسىرلارغا پۇل توپلاش« جىنايى» دېلوسىنىڭ داۋامى ئۆتكەن ئايدا يەنە تەكشۈرۈلگەن. ئەينى چاغدا شۇ دېلوغا چېتىلغانلىقى ۋە توردىن چۈشۈپ قالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 7 كىشى يېڭىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇلار نۆۋەتتە تەكشۈرۈلمەكتە. 

تەپسىلاتى...

مىسىر: ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمە!

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch)
2017 – يىلى 8– ئىيۇل

(بېيرۇت، 2017- يىلى 8- ئىيۇل) مىسىر دائىرىلىرى نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلماننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ئۇ يەردە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.

2017- يىلى 3- ئىيۇلدىن باشلاپ، دائىرىلەر مىسىردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 62 كىشىنى قولغا ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئادۋوكات ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىغا يول قويمىغان. مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئۈستىدىن ئۇلارنى «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئاز دېگەندە 20 تۇغقىنى قاماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ئىيۇل

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلىشى داۋامىدا تۈركىيەدە قاماقتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان يېزىسىدىكى يېقىن-ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلىشى داۋامىدا ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ ئائىلىدە يالغۇز ئوغۇل ئىكەنلىكى، تۈرمىدە يېتىۋاتقانلارنىڭ بولسا ياپچاننىڭ نەۋرە ئاكىسى ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى، شۇنداقلا ئايالىنىڭ قېرىنداشلىرى بولۇپ ئاز دېگەندە 20 كىشى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

قەشقەر يېڭىشەھەرنىڭ ياپچان بازىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، تۈركىيەدە قاماقتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈرمىدە ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمما كەنت سېكرېتارلىرى ياپچاننىڭ نۆۋەتتە تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كىملىكلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

پەيزىۋاتتا «ئەكسىلىنقىلاۋىي» تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان ۋە ئالغان 3 كىشى قايتا قاماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 25– ئىيۇن

پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدا 8 يىلنىڭ ئالدىدا ئاتالمىش ئەكسىلىنقىلاۋىي تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتقان ۋە ئالغان 3 كىشى يېقىندا قايتىدىن قاماققا ئېلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن ئىككى نەپىرى بۇرۇن 6 ئايلىقتىن قاماق جازاسىنى تاماملىغان، بىر نەپىرىنىڭ تەشۋىقات ۋارىقىنى ساقلىغانلىقى يېڭىدىن بايقالغان. مەزكۇر تەشۋىقات ۋارىقىنى تەييارلىغان كىشى بارىننىڭ ئىككىنچى كەنتىدىن بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

تەپسىلاتى...

خىتاي قازاقلارغا تۇتقان نىسبەتەن يۇمشاق سىياسىتىنى بىردىن ئۆزگەرتكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇن

بۈگۈن بىر قازاق ئاڭلىغۇچىمىز رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان دىنىي، سىياسىي تەقىبلەش سىياسەتلىرىنى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان قازاقلارغىمۇ ئوخشاش يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى پاش قىلدى.

ئۇنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە قازاقلارنىڭمۇ پاسپورتىنى جىددىي يىغىۋېلىۋاتقاندىن باشقا، قازاقىستانغا كۆچۈپ بېرىپ قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان ۋە ئۇ جاينىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن قازاقلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايتىپ كېلىپ پاسپورتلىرىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىماقتا، قايتىپ بارغانلىرىنى بولسا، تەربىيىلەش سىنىپى نامىدىكى شەكلى ئۆزگەرگەن  تۇتۇپ تۇرۇش كەبى ئورۇنلىرىغا جايلاشتۇرۇپ تەربىيە بەرمەكتە ئىكەن.

تەپسىلاتى...

غايىب رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ دادىسى ئۇيغۇر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇن

بىز ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىر ئاڭلىتىشىمىزدا 2014-يىلى ۋېيتنامدىن قايتۇرۇلغان رىزۋانگۈل تۇرسۇن ئىسىملىك قىزنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ 3 يىلدىن بېرى ئائىلىسىگە نامەلۇم ئىكەنلىكى، رىزۋانگۈل نوپۇسلۇق قاغىلىقتىكى ساقچىلارنىڭمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدۇق. مۇخبىرىمىز بۈگۈن رىزۋانگۈل تۇرسۇننىڭ 4 يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان دادىسى تۇرسۇنجان سەمەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن، 7 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى بولغان تۇرسۇنجان سەمەت ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالى ۋە قىزىدىن سەپەر ئۈستىدە ئايرىلىپ قېلىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

بۇ ئۇلىنىشنى چىكىپ سۆھبەت خاتىرىسىنى اڭلاڭ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/rizwangul-tursun-dadisidin-murajet-06122017163750.html

تەپسىلاتى...

مەھبۇس ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇن

ئۆتكەن ئايلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەشقەردە 1990-يىللاردا چەتئەل تىلى مەكتىپى ئاچقان دىنىي ئالىم ئابلىمىت داموللامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. بىر ھەپتىدىن بۇيان ئابلىمىت داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر نەچچىسى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئابلىمىت داموللامنىڭ بىر مەزگىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەردە دىنىي ۋە مائارىپ ساھەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇلغان ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىق ۋە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەردىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابلىمىت داموللام ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. ساقچىلاردىن بىرى ئابلىمىت داموللامنىڭ بىر مەزگىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىنى بارلىقىنى ئېيتتى. نەزەرباغ ساقچى خادىملىرى ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە-قورۇسىنىڭ نۆۋەتتە غوپۇرجان زېمىن ئىسىملىك بىر ساقچى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غوپۇرجان زېمىن ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە بىر گۇرۇپپا ساقچىلار بىلەن ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە قورۇسىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى؛ ئەمما قانداق بىر سەۋەب ۋە زۆرۈرىيەت بىلەن نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. 

تەپسىلاتى...

ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەربىيىلەش مەركەزلىرى تۈرمىدىنمۇ چىڭ باشقۇرۇلماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– ئىيۇن

بۇ يىل ئاپرېلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى، رايوندىكى ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرغان بولدى. ئىنكاسلاردىن بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ «دىن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۆگىنىشى» باھانىسىدە بىر قانچە ئايلاپ تۈرمە شەكلىدىكى ئۆزگەرتىش تەربىيىلەش مەركەزلىرىگە قامالغانلىقى شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ بۇ ئورۇنلارنى پۈتۈنلەي يېپىق شەكىلدە، تۈرمىلەردىنمۇ قاتتىق باشقۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش» تەدبىرىدە، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تە ئاداققىچە چىڭ تۇرۇشنى ئاساس قىلماقتا. «نىزام» نىڭ 46-ماددىسىدا: «مۇشۇ نىزامنىڭ 9-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن قىلمىشى يېنىك بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار تارماق ۋە ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، تەنقىد-تەربىيە بېرىدۇ ياكى قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيىسى بېرىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراق بولسىمۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى›، ‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى›، شۇنىڭدەك ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسى› بويىچە جازا بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ ئارقىلىق ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ قانۇن ئاساسى تۇرغۇزۇلدى.

تەپسىلاتى...

خوتەندە ساقچىلارنىڭ چارچاشتىن ھوشىدىن كېتىش ھەتتا ئۆلۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتىكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ئىيۇن

ئالدىنقى ئايلاردا خوتەندە بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىنىڭ قاتتىق چارچاش تۈپەيلىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەق مەيداندا ئۆلۈپ قالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

يېقىنقى بىر قانچە ئاي مابەينىدە، بولۇپمۇ بۇ يىل 14-فېۋرال كۈنى گۇمىدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ساقچىخانىلار «بىرىنچى دەرىجىلىك جىددىي ھالەت» كە ئۆتكەن.

تۈركۈملەپ قوبۇل قىلىنغان ياردەمچى ساقچىلار ۋە ئامانلىق خادىملىرى شەھەر، بازار، يېزا، كەنتلەردە ئۇدا 48 سائەتلىك چارلاش ھەم نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.

بىز خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيەلەردىكى يەرلىك ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ئۇدا 48 سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتىن قاتتىق چارچىغانلىقى بولدى.

كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىلىق ساقچىخانىسىدىكى بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ 48 سائەتتىن بۇيان دەم ئالماي ئۇدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...