قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇن ھەققىدە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2013-يىل 21-فېۋۇرال كۈنى، يەنى پەيشەنبە كۈنى قەشقەردە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر پائالىيەتكە قەشقەردىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. يىغىندا ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «ئانا تىل يەسلىسى» قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەزكۇر يىغىندا قەشقەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇنمۇ سۆز قىلىپ، ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەققىدە ناھايىتى تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىگەن. پائالىيەتتىن كېيىن ئۇنىڭ نۇتۇقىدىكى «چەتئەل تىلى بىلىش شەرەپ، ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت» دېگەن سۆزى سەۋەبلىك ئۇ كېيىنكى مەزگىللەردە دائىرىلەر تەرىپىدىن كۆپ قېتىم سوراق قىلىنغان ئىكەن.

چەتئەلدە ئېلان قىلىنغان تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تىزىملىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ قېتىمقى پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلىگەن قەشقەر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى دولقۇن تۇرسۇن قەشقەردە تۇنجى تۈركۈمدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىكەن.

تەپسىلاتى...

جەۋلان شىرمەمەت: خىتاي ساقچىلىرى دادام ئارقىلىق ماڭا تەھدىت سالدى، ئاپامنى ئىزدەشتىن توسۇشقا ئۇرۇندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

سۈيدۈڭدىكى مەھبۇس ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن تۈركىيەدە 6 ئايدىن بۇيان ئاخبارات ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقان جەۋلان شىرمەمەت بۈگۈن، يەنى 1‏-ئىيۇن كۈنى سۈيدۈڭدىكى دادىسىدىن ئۇشتۇمتۇت تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. دادىسى تېلېفوندا، ھە دېگەندىلا ئۇنى ئەيىبلەش بىلەن بىرلىكتە تۈرمىدىكى ئانىسى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا بەرگەن مەلۇماتىدا دادىسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن سۆزلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن جەۋلان شىرمەمەت ئانىسى تۈرمىدىن چىقماي تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

12 يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جەۋلان شىرمەمەت دەسلەپكى 10 يىلدا، ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، خىتايغا قارشى سۆز ھەرىكەتلەردىن پۈتۈنلەي ساقلانغان، ھەتتا ئىجتىمائىي ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىستىنمۇ ئۆزىنى تارتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئېھتىياتچانلىقى قىلچە كارغا كەلمىگەنىدى.

مىليونلارچە ئۇيغۇر قاتارىدا 2017 ‏-يىلى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەن ئائىلە-تاۋابىئاتىدىن ئانىسىنىڭ 5 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى، دادىسى ۋە ئىنىسىنىڭ بىر يىلدىن لاگېردىن يېتىپ چىققانلىقىدىن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرقى ھەپتىلىرى خەۋەر تاپقان جەۋلان شىرمەمەت بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ، بۇ ئائىلە پاجىئەسىنى ئاخباراتقا كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ئانىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىزچىل ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇ بۈگۈن، يەنى 1 ‏-ئىيۇن كۈنى، 3 يىلدىن بۇيان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان دادىسىدىن ئۇشتۇمتۇت تېلېفون تاپشۇرۇۋالغان. دادىسى تېلېفوندا ھە دېگەندىلا ئۇنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە ئۇنى ئانىسى ھەققىدە ھەرىكەت قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان.

تەپسىلاتى...

21 ئايدىن بۇيان ئىز-دېرىكى ئېلىنمايۋاتقان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارا سەھنىلەردە ئىسمى كۆپ تىلغا تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ھېچقانداق ئۇچۇرى ئېلىنماي كەلگەن غايىب ئۇيغۇرلاردىن بىرى ئۈرۈمچى نۇرباغ نېفىت دوختۇرخانىسىنىڭ پېنسىيىگە چىققان دوختۇرى، ۋاشىنگتوندىكى پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى گۈلشەن ئابباستۇر. ئايلاردىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ گۈلشەن ئابباس ئىسىملىك بىر دوختۇرى بولغانلىقىنى رەت قىلىپ كەلگەن مەزكۇر دوختۇرخانا خادىملىرى بۇ قېتىم مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋابەن گۈلشەن ئابباسنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

گۈلشەن ئابباسنىڭ ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئىككى قىزى ئۈرۈمچىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، تونۇش-بىلىشلىرى ۋە ھەتتا ساقچى ئورگانلىرىدىن ئاپىسى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا توختىماي خەت يازغان، تېلېفون قىلغان. ئەمما ئانىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكى، تېلېفونىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىنمايدىغانلىقى، تۇتقۇندا ياكى ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت تولىمۇ ئاددىي بىر سوئالغا جاۋاب تاپالمىغان.

گۈلشەن ئابباسنىڭ خىزمەت ئورنىغا قارىتا ئايلاردىن بېرى ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزمۇ ئىزچىل جاۋابسىز قالدۇرۇلدى. خادىملار بەزىدە گۈلشەن ئابباسنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بەزىدە بۇ ئورۇندا بۇنداق بىر خىزمەتچىنىڭ بولغانلىقىنىمۇ ئىنكار قىلىپ كەلدى.

تەپسىلاتى...

توققۇزاقنىڭ بىر كەنتىدىن مەمەتياسىن ئۇرايىم قاتارلىق 57 كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەدىكى توققۇزاقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرى توققۇزاقنىڭ ئوغۇساق يېزا غوجىلا كەنتىدىكى دوستى مەمەتياسىن ئۇرايىمنىڭ 2017‏-يىلىنىڭ بېشىدا تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقانلىقى، ئەمما ئاقىۋىتىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئوغۇساقنىڭ بىر كەنتىدىنلا مەمەتياسىن ئۇرايىم قاتارلىق 57 كىشىنىڭ 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋېتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

توققۇزاقلىق مۇھاجىرنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ يىل 38 ياشلارغا كىرگەن مەمەتياسىن ئۇرايىم كۈنبويى ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولسىمۇ، داۋاملىق پاكىز كىيىنىپ يۈرۈشى، قولۇم-قوشنا ۋە مەھەللە-كۆي بىلەن مۇناسىۋەتتە ئارتۇقچە گەپ-سۆز ۋە تالاش-تارتىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇشى، ئائىلىسىدىن باشقا ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەسلىكى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەن مەھەللە جامائىتىگە تونۇلغان. شۇڭا 2017-يىلىنىڭ بېشىدا مەمەتياسىن ئۇرايىم «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلگەندە بۇ ئەھۋال مەھەللە جامائىتىگە تاسادىپىي ۋە ھەيران قالارلىق بىر ۋەقە بولۇپ تۇيۇلغان.

تەپسىلاتى...

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر رايوندىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى، تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت غايىب بولغىنىغا 3 يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇنىڭ ئاقىىۋىتى ھەققىدە خىتاي دائىرىلىرىدىن تا ھازىرغىچە رەسمىي بىر ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا قۇربان مامۇتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى سابىق خىزمەت ئورنى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم دەلىللەندى.

سەۋەبسىز تۇتۇپ ئەكېتىش ۋە ئەكېتىلگەنلىكىنى ئائىلىسىگە بىلدۈرمەسلىك ۋە ھەتتا نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تۇتقۇننىڭ ئۆزىدىنمۇ مەخپىي تۇتۇش ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى ئۈچ يىلدا داۋام قىلغان تۇتقۇن ھەرىكىتىدە كۆپ كۆرۈلگەن بىر ھادىسىدۇر.

شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت 2017‏-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئوغلى بەھرام سىنتاش دادىسى ھەققىدە تا ھازىرغىچە رەسمىي (دائىرىلەر تەمىنلىگەن) بىر مەلۇماتقا ئېرىشەلمەي كەلگەن.

تەپسىلاتى...

«تەمبۈر ۋەقەسى» دە شېئىر ئوقۇغان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ مىدوڭ رايونلۇق قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2001‏-يىلى كىرگەن يېڭى يىل كەچقۇرۇن ئۈرۈمچىدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەتكار نۇرمەمەت تۇرسۇننىڭ «تەمبۈر كېچىلىكى» دە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت «قانغا بويالغان ناخۇل» دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، كېچىلىككە قاتناشقان تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئىدى. بۇ كېچىلىكتىن چۆچۈگەن خىتاي دائىرىلىرى ئەتىسىدىن باشلاپ «تەمبۈر ۋەقەسى» ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باشقا جايلىرىدا «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى. شۇ كۈندىن بۇيان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتقان شائىر تۇرسۇنجان ئەمەتنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچى مىدوڭ رايونلۇق قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2001‏-يىلى يېڭى يىلدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر تەمبۈر كېچىلىكى شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت ئوقۇغان «قانغا بويالغان ناخۇل» ناملىق شېئىر بىلەن تارىخىي بىر ۋەقەگە ئايلانغان. شۇ كېچىلىك سەۋەبلىك تالانتلىق تەمبۈرچى مەرھۇم نۇرمەمەت تۇرسۇن خىزمىتىدىن ئايرىلغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خىتايچە ۋە ئۇيغۇرچە سانلىرىدا «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» ھەققىدە باش ماقالە ئېلان قىلىنغان ھەمدە شائىر تۇرسۇنجان ئەمەت «تەمبۈر كېچىلىكى» دە «مىللىي قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان شېئىر ئوقۇغان» دېگەن ئىبارىلەر بىلەن ئىشارەتلىك ھالدا تەنقىد قىلىنغان. شۇ كېچىلىكتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، تەشۋىقات ساھەلىرىدە «ئىدئېولوگىيە ساھەسىدىكى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش» دېگەن نامدا دۆلەت خىمزەتچىلىرىگە 20 كۈنچە سىياسىي ئۆگىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەت 15 يىللىق كېسىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇزلۇق پروگراممىسىغا قاتناشقان ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكبەر ئەسئەت «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش گۇمانى» بىلەن 15 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ھەدىسى رەيھان ئەسئەت ئىنىسىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلان قىلغان مۇراجىئەتنامەگە قارىغاندا، ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى 20-فېۋرالدىن 15-مارتقىچە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «خەلقئارا زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قاتناشقان.

ھالبۇكى ئۇ، ئامېرىكا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ خىتايغا قايتىپ ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس خانىم ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئۇنىڭ مەسىلىسىنى خىتاينىڭ سەمىگە سېلىشىنى ئىزچىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى «مەجبۇرىي تۇتقۇن قىلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ سىياسەتلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇش» قا چاقىرغان.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن: «يۈرىكىمدىن ھازىرغىچە قان ئاقىدۇ» (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا چىققان ئۈچ يىل مابەينىدە لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان شاھىتلار خىتاينىڭ تەھدىت ۋە بېسىملىرىدىن قورقماي خەلقئارا جامائەتكە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلدى ھەمدە خىتاينىڭ ئىنسانىيلىققا قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلدى. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت خىتايغا قارشى يېتەرلىك بېسىم پەيدا قىلالمىدى، لاگېرلارمۇ تاقالمىدى. بەلكى كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن خەلقئارانىڭ دىققەت نەزىرى بۇ نۇقتىدىن بۇرۇلۇپ كەتتى.

مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۇ يىل 29-ئاپرېل يۇتۇب قانىلىدا ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. شۇندىن كېيىن بۇ ۋىدېيونىڭ تاراتقۇلاردا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىپ، كىشىلەرنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قايتىدىن قوزغىغانلىقى مەلۇم.

تۇرسۇنئاي بۇ ۋىدىيودا ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىقىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بويىچە لاگېردا كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدىكى ۋەدىنامىگە قول قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالتە قېرىندىشىنى خىتاينىڭ گۆرۆگە ئېلىۋالغانلىقىنى، ئەمما قازاقىستانغا كەلگەندىن كېيىن لاگېردىكى قاباھەتلىك كەچمىشلىرىنى ھېچ ئۇنتۇيالمىغانلىقىنى، ھەر قېتىم ئۇنى ئەسلىگىنىدە يۈرىكىنىڭ قان يىغلايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

تۇرسۇنئاي لاگېردا قانداق زۇلۇملارغا، ئىنسانىيلىققا يات قىلمىشلارغا ۋە قىيىن-قىستاقلارغا شاھىت بولدى؟ ئۇ تا ھازىرغىچە ئۇنتۇيالمايدىغان قانداق ئازابلىق كەچمىشلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى مەخسۇس زىيارەت قىلدۇق. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە تۇرسۇنئاي خىتاينىڭ لاگېردا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرى، بولۇپمۇ ئاياللارنى قانداق قەبىھ ئۇسۇلدا خورلىغانلىقى ۋە لاگېردىن چىققاندىن كېيىنكى كەچمىشلىرى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ ئېرى قازاق بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى يولدىشى بىلەن بىرگە قازاقىستاندا ياشىغانلىقى ئۈچۈن گۇمانلىق دەپ قارىلىپ، 2017-يىل 4-ئايدا ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە يىغىۋېلىنغان. بۇ يەردە ئۇ چوشقا گۆشى يېيىشكە، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغان، ئىككى ئاي تۇرۇش جەريانىدا ئاشقازىنى ئېغىر دەرىجىدە ياللۇغلىنىپ كېسەل بولۇپ قالغان. دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتۇرۇلۇپ، «ئۆي قاماق» تا ياشىغان

تەپسىلاتى...

«دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى كۈنى» ھارپىسىدا ئابدۇراخمان ئەبەي قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ژۇرنالىست قاماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

3‏-ماي كۈنى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى خاتىرە كۈنى» دۇر. مانا بۇ كۈن ھارپىسىدا ئۇيغۇر رايونىدا ئاخبارات-نەشىريات ساھەسىدە داڭ چىقارغان مەمۇرىي ۋە كەسپىي خادىملاردىن ئابدۇراخمان ئەبەي، ئىلھام ۋەلى، ئەركىن تۇرسۇن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، قۇربان مامۇت قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق مۇخبىر ۋە تەھرىرلەر لاگېر ياكى تۈرمىلەردە ياتماقتا. بىز مەزكۇر خاتىرە كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن يۇقىرىقى ئاخباراتچىلاردىن بىر قىسمىنىڭ ئىلگىرى رادىيومىز تەرىپىدىن دەلىللەنگەن تۇتۇلغانلىق ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا خاتىرىلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

1948‏-يىلى ئېلان قىلىنغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق باياناتىنىڭ 19-ماددىسىدا سۆز ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھالقىلىق تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە جاكارلانغان ئىدى. ب د ت 1993‏-يىلى ھەر يىلىنىڭ 3 ‏-ماي كۈنىنى «دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىك كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن. دۇنيادا مانا مۇشۇنداق ئېتىبار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئاخبارات ۋە نەشرىيات ساھەسىنىڭ خادىملىرى 2017 ‏-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇندا نۇقتىلىق ۋە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان.

تەپسىلاتى...

لاگېردىكىلەرنىڭ يەنە بىر بۆلىكى «كەسىپكە چىقىرىش» نامىدا زاۋۇتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لاگېردىكىلەرنىڭ 3 يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار (5)

ئىلاۋە:

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايوندا مىليونلارچە كىشىنىڭ لاگېرغا سولانغانلىقى دۇنياغا ئاشكارىلىنىپ قالغان چاغدا ئۇلارنىڭ جازالىنىۋاتقانلار ئەمەس، بەلكى «كەسىپ ئۆگىنىۋاتقان» لار ئىكەنلىكىنى بازارغا سالغان ئىدى. ئەمما ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ قۇلۇپلانغان دەرۋازىلىرى تېخى ئېچىلغىنى يوق. يېتىمخانىلارغا، يەنى ئاتالمىش «پەرىشتىلەر مەكتەپلىرى» گە ئەكېتىلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ كۆز يېشى توختىغىنى يوق. خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا زاۋۇت-فابىرىكالاردا خۇشال-خۇرام ئىشلەۋاتقان كۆرۈنۈشتەارىلاپ كۆرسىتىلىپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى زادى قانداق؟ بۇ سوئالغا جاۋابەن «لاگېردىكىلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن كېيىنكى ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر ۋە قاراشلار» ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 5‏-قىسمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تەپسىلاتى...