تاشپولات تېيىپنىڭ قىسمىتى: ئۆمۈرلۈك خىزمەت بەدىلىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن بىرنەچچە يۈز ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىشى پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ۋەھىمىگە سالغان بولسا، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تۇتقۇندىكى بۇ زىيالىيلارنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان تاشپولات تېيىپقا كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. چۈنكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بۇ كىشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىدى. ئۇنىڭ پۈتكۈل ئۆمرى ئىلىم-پەندە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىش ھەمدە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ياخشىلاش بىلەن ئۆتكەن بولۇپ، «ئۆلۈم جازاسى» دېگەن ئاتالغۇ بۇنداق بىر شەخسكە پەقەتلا جىپسىلاشمايتتى.

دەرۋەقە، دۇنيانىڭ تاشپولات تېيىپقا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ھەيران قېلىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى.

تەپسىلاتى...

«مىراج» شىركىتى ئىگىلىرىنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرىغا قاماق جازاسى بېرىلگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى «مىراج» شىركىتىنىڭ شېرىكلىرىدىن ئابدۇرېشىت ھاجى بىلەن ۋەلى ھاجى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ھەم بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقان، قۇدا-باجىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىگىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قۇدا-باجىلىرىنى مەخپىي سوتلاپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا «مىراج» شىركىتىنىڭ شېرىكى ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ ئوغلى رىزائىدىن، سىڭلىسى مۇيەسسەر، ئىنىسى ئەمەتجان، قۇدىسى (يەنى رىزائىدىن بىلەن ئەمەتجاننىڭ قېيىنىئاتىسى) ئاتۇشنىڭ تىجەن يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات دادىخان ھاجىم شۇنداقلا ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ يەنە بىر قۇدىسى، ئاتاقلىق ئۆي مۈلۈك سودىگىرى ئىمىنجان ھاجىم قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى «مىراج» شىركىتىنىڭ ئىگىلىرىدىن ئابدۇرېشىت ھاجىم بىلەن ۋەلى ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «مىراج» ناملىق ئىككى رېستورانىنى پېچەتلىگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بەزى شېرىكلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رېستورانىنى تاقاشتا مەزكۇر رېستوراننىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىنى ئويغىتىش ۋە تەرغىب قىلىش رولى بار دېگەننى باھانە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدە ئوقۇغان دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا تۇتقۇن قىلىنغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي ئالىملىرى ۋە سىياسىي سەرخىللىرىنى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەن سەرخىللارنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلىشمۇ تەس بولماقتا.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ خىل تەقىبنىڭ ئەڭ قاتتىق زەربىسىگە ئۇچرىغان ئورۇنلاردىن بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدۇر. بۇ ئىنستىتۇتتا ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى بويىچە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تونۇلغان بىلىم ئادەملىرى توپلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھمان، پروفېسسور ئازاد سۇلتان، پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا، پروفېسسور راھىلە داۋۇت، پروفېسسور غەيرەتجان ئوسمان ۋە دوكتور ئابدۇرېھىم راھمان قاتارلىقلار بار ئىدى. مەزكۇر ئىنستىتۇتتىكى يۇقىرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم بىلىم ئىگىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىن بۇيان تۇتقۇن قىلىنىپ، يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىدا دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2015-يىلىدىن بېرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىلولوگىيە ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقان دوكتور نەبىجان ھەبىبۇللا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرىگە قاراتقان تازىلاش خاراكتېرلىك سىياسىي تەقىبلىرىنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرىدۇر.

دوكتور نەبىجاننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ جامائەتچىلىككە مەلۇم بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قاچان، قايسى يەردە ۋە نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار بولماي كەلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئاياللىرىنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەۋاتقانلىقىنى» بازارغا سالماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان لاگېرلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورنى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەشۋىقاتلىرىنى كۆپلەپ بازارغا سېلىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

جۇڭگو خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-يانۋار كۈنىدىكى بىر خەۋىرىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا ئاساسەن خوتەندىكى دېھقان-چارۋىچى ئاياللارنىڭ قىشلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە دەم ئالماي كەسپىي ماھارەت ئىگىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە خوتەن تەۋەسىدە كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان ئاياللار 25000 ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ يېرىمدىن كۆپى ئۆزلۈكىدىن بۇ تەربىيەگە قاتناشقانمىش. بۇ ئاياللار ساتراچلىق، تاتلىق-تۇرۇم پىشۇرۇش قاتارلىق ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ماھارەتلەر بىلەن تەربىيەلىنىۋېتىپتۇمىش. 

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتا 5 لاگېر بارلىقى، لاگېردىكى بىر ياتاق نومۇرىنىڭ 3513 ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مۇخبىرىمىزنىڭ ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئاتۇشتا بەش لاگېر بارلىقى، بۇ بەش لاگېرنىڭ ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى سانائەت رايونىدا يانمۇ-يان ئورۇنلاشقانلىقى ئاشكارىلاندى. كەنت سېكرېتارلىرىدىن بىرى ئۆز كەنتىدىن ئەكېتىلگەن بىر تۇتقۇننىڭ 2‏-تەربىيەلەش مەركىزىدىكى 3513‏-ياتاقتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ 2‏-تەربىيەلەش مەركىزىدە 10 بىلەن 20 مىڭ ئارىسىدا كىشى بارلىقىنى تىلغا ئالدى.

تەپسىلاتى...

لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (4)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گۈلباھار جېلىلوۋا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر بىلەنمۇ بىر كامېرىدا ياتقان 

لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان قازاقىستانلىق شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ 2017-يىلى-5 ئايدىن، 2018-يىلى 9-ئايغىچە بولغان 15 ئاي لاگېر ھاياتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بەزى ئادۋوكات، يازغۇچى، تېلېۋىزىيە دىكتورى، دوختۇر ۋە ئىگىلىك تىكلىگەن بەزى ئۇيغۇر ئاياللار بىلەنمۇ كامېرداش بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا بولسا بەزى كېسەل تۇتقۇنلارنىڭ ئۇخلىتىشقا ئېلىپ كېتىلىپ ئىككىنچى قايتىپ كىرمىگەنلىكىگە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ كامېرداشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، بۇ ئۇخلىتىش ئادەتتىكى ئۇخلىتىش بولماستىن، ئۇلارغا ئوكۇل ئۇرۇپ ئۇخلىتىش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي مۇستەبىتلىكىنىڭ ياش قۇربانلىرى – دوكتور ساجىدە تۇرسۇن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەن ساجىدەنى 2012-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى گېرمانىيە گۆتتىنڭېن ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى فاكۇلتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئۇچرىشىشى» ناملىق كۆلىمى كىچىك، ئەمما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر يىغىندا ئۇچراتقان ئىدىم.

مەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى قوليازمىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش باسقۇچىغا كەلگىنىمدە ئارقا رەتتە ئولتۇرغان قارا چاچلىق ئورۇققىنا بىر قىز ئورنىدىن تۇرۇپ تولىمۇ ئەدەپ بىلەن سورىدى: «كەچۈرىسىز، مەن كىچىكىمدىن خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇپ چوڭ بولغان بىر ئۇيغۇر قىزىمەن. بۈگۈنكى يىغىنغا قاتنىشىپ، يۇرتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە سۇنۇلغان بىر بىرىدىن قىممەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولدۇم ۋە تولىمۇ سۆيۈندۈم. ئۆزۈمنىڭ بۇ جەھەتلەردە تولىمۇ ئاز نەرسە بىلىدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ خىجىل بولدۇم…»

قىزنىڭ ئەدەپ يۈزىسىدىن قىزىرىپ كەتكەن يۈزىدىنمۇ كۆپرەك مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، قىزنىڭ راۋان ئىنگلىزچىسى بولدى. قىزنىڭ چىرايىنى كۆرمىگەن بولسام قىزنىڭ ئانا تىلى ئىنگلىزچە بولغان بىرى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىشتىن باشقا چارە يوق ئىدى. يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ساجىدە ئىسىملىك بۇ قىز بىلەن يەنە بىر ئاز سۆھبەتلىشىش پۇرسىتىمىز بولدى. قىزنىڭ تۇغۇلغان يېرى قاغىلىق ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشىنى تاماملىغان بۇ قىز شۇ يىلنىڭ بېشىدا گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيەتلىرىدىن ماكس-پىلانىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، دوكتورلۇق ماقالىسىنى «شاڭخەيدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى» دېگەن تېمىدا يېزىۋاتقان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتىكى 55 ياشلىق تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئىككى ھەپتىدىن بېرى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئاتۇشنىڭ ئازغان كەنتىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بىرقانچە كۈندىن بېرى ئاتۇشتىكى ئالاقىدار ساقچى ۋە كەنت كادىرلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، بىرقانچە بالىنىڭ ئاتىسى بولغان 55 ياشلار چامىسىدىكى تىجارەتچى ۋەلى مەمەتنىڭ ئۆتكەن ئاي يەنى دېكابىرنىڭ ئاخىرى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى دەلىللەندى. ۋەلى مەمەتنىڭ 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بالىلىرىنى بىر ئائىلىۋى دىنىي مەكتەپكە بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئاتۇشتىكى لاگېردا جان ئۈزگەن ۋەلى مەمەتنىڭ ئاتۇشتا تونۇلغان كەنت باشلىقلىرىدىن «مەمەت دادۈيجاڭ» دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئاتۇشقا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، ئاتۇش بازارلىق ساقچى خادىملىرى ۋەلى مەمەتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇردا ۋەلى مەمەتنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ئاتۇش ئازغاندا كۆپ ساندا ساقچىلارنىڭ ۋەزىپىلەندۈرۈلگەنلىكى ۋە مۇسىبەتلىك ئائىلىنى نازارەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئاتۇش شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى، بۇ ئەھۋال ھەققىدە ئاساسى قاتلامدىكى ساقچىخانىلاردىن، بولۇپمۇ، ئۆلگۈچى تەۋە بولغان يېزىلىق ساقچىخانىدىن مەلۇمات سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. 

تەپسىلاتى...

ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ياشلىرى مەتبۇئات ئارقىلىق «جازا لاگېرلىرى» غا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى باشلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر ياشلىرى 10-يانۋار كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خىتايدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى «ستوپ گېنوتسىد-بىز تىنچلىقنى ئارزۇ قىلىمىز!» ناملىق مەتبۇئات ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىنى باشلىدى.

بۇلارنىڭ رۇس تىلىدىكى «ستوپ-گېنوتسىد» دېگىنى «قىرغىنچىلىقنى توختات» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى، بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يالغۇز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلىشقا باشلىغانلىقى مەلۇم. بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرى ھازىرغا قەدەر سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ دۆلەتلەردىكى ئاددىي پۇقرالار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يەتمەكتە. بۇ ھەقتە مەتبۇئاتلاردا تۈرلۈك ئۇچۇرلار ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلماقتا. قىرغىزىستاندا بولسا يېقىندا بىر قىسىم ئاممىسى ھەتتا خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىدە بولۇۋاتقان بۇ ۋەقەلەرگە قاتتىق نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدىمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەر جانلانماقتا.

تەپسىلاتى...

لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (4)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گۈلباھار جېلىلوۋا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر بىلەنمۇ بىر كامېرىدا ياتقان 

لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان قازاقىستانلىق شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ 2017-يىلى-5 ئايدىن، 2018-يىلى 9-ئايغىچە بولغان 15 ئاي لاگېر ھاياتىدا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بەزى ئادۋوكات، يازغۇچى، تېلېۋىزىيە دىكتورى، دوختۇر ۋە ئىگىلىك تىكلىگەن بەزى ئۇيغۇر ئاياللار بىلەنمۇ كامېرداش بولغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تۈرمە دوختۇرخانىسىدا بولسا بەزى كېسەل تۇتقۇنلارنىڭ ئۇخلىتىشقا ئېلىپ كېتىلىپ ئىككىنچى قايتىپ كىرمىگەنلىكىگە شاھىت بولغان. ئۇنىڭ كامېرداشلىرىدىن ئاڭلىشىچە، بۇ ئۇخلىتىش ئادەتتىكى ئۇخلىتىش بولماستىن، ئۇلارغا ئوكۇل ئۇرۇپ ئۇخلىتىش ئارقىلىق ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.

تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ شاھىت گۈلباھار جېلىلوۋا بىلەن ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبىتىنىڭ داۋامىدىن ئاڭلايلى.

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر تىجارەتچى گۈلباھار جېلىلوۋا ئۈرۈمچىدە خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، چەتئەل پۇقراسى بولغىنىغا قارىماي 15 ئاي لاگېرغا قامالغان ۋە ئۇنىڭدىن چىقالىغان شاھىتلارنىڭ بىرى. ئۇ تۇتقۇنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن لاگېر ئورنىدا قوللىنىلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى 3-، ۋە 2-تۈرمىلەردە ھەم تۈرمىلەر رايونىدىكى تۈرمە مەركىزى دوختۇرخانىسىدا مەھبۇسلۇق ھاياتىنى ئۆتكۈزگەن.

تەپسىلاتى...