خىتاي CNN مۇخبىرلىرىنىڭ لاگېرلارنى زىيارەت قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم چەكلىگەن

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلار ئىچىدە مۇئەييەن ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر چەتئەلدىن ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاشقا بېرىپ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلەر ئىكەن. ئامېرىكادىكى «سىملىق خەۋەرلەر تورى» (CNN) نىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش پائالىيىتى دەل مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەرگە بېغىشلانغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا خىتاينى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ب د ت «يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» نىڭ ئەزالىقىغا سايلىماسلىققا چاقىرغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەقىب ئاستىغا ئېلىشى ب د ت دا ئامېرىكا بىلەن-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تېخىمۇ كەسكىن ۋە ئاشكارا توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولماقتا. 7‏-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ ب د ت ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي كېڭېشىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مەزكۇر كېڭەشنىڭ «يەرلىك مىللەتلەر مۇنبىرى» نىڭ ئەزالىرىنى تولۇقلاپ سايلاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئەزا دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقۇن مۇئامىلىسى سەۋەبلىك ئۇنىڭ كۆرسەتكەن نامزاتىنى سايلىماسلىققا چاقىرغان. يىغىندا خىتاي ۋەكىلى ئامېرىكا تەرەپنىڭ پىكىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن. 

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر رايونىدىكى تېخىمۇ كۆپ مەسچىت ۋە مازارلارنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەر ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن «بېللىڭكېيت» ناملىق تور ژۇرنىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2016‏-يىلدىن بېرى قاغىلىق، خوتەن قاتارلىق تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى جايلاردىكى 30 نەچچە مەسچىت ۋە دىنىي تاۋاپگاھنىڭ پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلىغانلىقىغا دائىر يېڭى دەلىللەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. «مۇھاپىزەتچى گېزىتى» نىڭ 6‏-ماي ئېلان قىلغان خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چېقىپ تاشلانغان بۇ مەسچىت ۋە دىنىي تاۋاپگاھلار خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى، جەفەرى سادىق مازىرى قاتارلىق ئىككى مەشھۇر تاۋاپگاھنى، قاغىلىق چوڭ مەسچىتىدەك ئاتاقلىق جامەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«مۇھاپىزەتچى گېزىتى» بىلەن «بېللىڭكەيت» تورى بۇ دەلىللەرگە مەزكۇر رايوندىكى 100 دەك مەسچىت ۋە تاۋاپگاھنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىش، يەرلىك پۇقرالارنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇلار تەكشۈرگەن 100 دەك مەسچىت ۋە تاۋاپگاھنىڭ ئىچىدىكى قاغىلىق مەسچىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 31 مەسچىت بىلەن خوتەندىكى ئىمام ئاسىم مازىرى ۋە جەفەرى سادىق مازىرى قاتارلىق ئىككى تاۋاپگاھنىڭ قۇرۇلۇشى 2016‏-يىلدىن 2018‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئىكەن. خەۋەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 15 مەسچىت ۋە يۇقىرىقى ئىككى مازارنىڭ پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى، قالغان مەسچىتلەرنىڭ قۇببە، مۇنار ۋە دەرۋازىلىرىنىڭ چېقىپ تاشلانغانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن مەسچىت ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان 9 قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئۆرقانقىزى: ئاياللار ياتاقتىن كېچىلەردە ئاچىقىپ كېتىلىدۇ، ھېچ بىرى قايتىپ كەلمەيدۇ

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

غۇلجا ناھىيەسىدىكى ئاياللار لاگېرىدا 27 ئاي يېتىپ چىققان شاھىت گۈلزىرە ئۆرقانقىزى، ئۆتكەن ھەپتە يوتۇب قانىلىدا ئېلان قىلغان گۇۋاھلىق باياناتىدا، ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان بەزى ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ يېرىم كېچىلەردە نامەلۇم سەۋەب بىلەن ياتاقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكى ۋە تەكرار ياتاققا قايتىپ كەلمىگەنلىكى ۋە شۇ پېتى ئىز-دېرىكى يوقالغانلىقىنى ئاشكارىلىدى؛ ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق سىرلىق غايىب بولۇشقا كۆپ قېتىم شاھىت بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن بەزى كىشىلەردىن ھەتتا ئىككى يىلغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر يوقلۇقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

لاگېر شاھىتى گۈلزىرە ئۆرقانقىزىنىڭ گۇۋاھلىق باياناتىدىن، لاگېر ئىچىدىكى يەنە بىر جىددىي ئەھۋال تۇتقۇنلارنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش مەسىلىسىمۇ ئاشكارىلاندى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، 27 ئاي جەرياندا ئۆزى بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان ئاياللاردىن بەزىلىرى كېچىلەردە نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئاچىقىپ كېتىلگەن، ئەمما قايتىپ كەلمىگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دېرىكى تامامەن بولمىغان. شۇ مەزگىللەردە لاگېردىن قويۇۋېتىلگەنلەر، يەنى ئاتالمىش تەربىيەلەش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنلەر بولمىغاچقا، ھەم بۇ تەربىيەلىنىشنىڭ مۇددىتىمۇ بېكىتىلمىگەن بولغاچقا، بۇ خىل ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش گۈلزىرە ۋە ياتاقداشلىرىنى ئويغا ۋە ئەندىشىگە سالغان.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى يەنىلا قىزىق تېما بولماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمانىيەدىكى مەشھۇر ئاخبارات قاناللىرى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى داۋاملىق قىزىق تېما سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.

2-ماي كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نازارەت سىستېمىسى توغرىسىدا «خىتاينىڭ زۇلۇم ھېسابلىرى» ناملىق 68 بەتلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە بەس-بەستە ئۇچۇرلار تارقاتتى.

گېرمانىيەدىكى دۆلەتلىك 1-تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ARD «ساقچى ئەپ مىليونلىغان خىتايلىقلارنى نازارەت قىلماقتا» دەپ ئۇچۇر بەردى. «گېرمانىيە رادىيوسى» بولسا «مۇسۇلمانلارنى نازارەت قىلىشقا قارىتا ئېتىراز» ناملىق خەۋەر ئېلان قىلدى. داڭلىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن بىرى بولغان R T L «خىتاي مۇسۇلمانلارنى ساقچى ئەپ بىلەن نازارەت قىلماقتا» دەپ خەۋەر تارقاتتى. «قىززىق لىنىيە قانىلى» «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ئۇرۇش سۇپىسىنى ئاشكارىلىدى» دەپ يازدى. گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى «خىتاينىڭ نازارەت سىستېمىسى پاش قىلىندى» دەپ بايان بەردى. «باسلېر گېزىتى» بولسا، «بۇ ئەپ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ» دەپ ماقالە ئېلان قىلدى. «Business Insider» قانىلى «غەلىتە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى: خىتاي بىر ئەپ بىلەن ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلماقتا» دەپ مەلۇمات بەردى. بۇندىن باشقا شىۋېتسارىيەدە چىقىدىغان «يېڭى زۇرۈكلىكلەر گېزىتى» : «خىتاي ھاكىمىيىتى بىر ئەپ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىنسانلارنىڭ باسقان ھەربىر قەدەم ئىزىنى نازارەت قىلماقتا» دەپ مەخسۇس ماقالە يازدى. «T-Online» قانىلى بولسا «خىتاي ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىدا تۇتماقتا» دەپ ئۇچۇر تارقاتتى.

تەپسىلاتى...

لاگېر شاھىدى گۈلزىرە ئۆرقانقىزى: «لاگېرغا تەكشۈرگۈچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن چاچلىرىمىزنى بوياتقۇزدى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدىن قويۇۋېتىلگەن ۋە نۆۋەتتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان گۈلزىرە ئۆرقانقىزى تۈنۈگۈن، يەنى 29‏-ئاپرېل كۈنى يۇتۇب قانىلىدا تۇنجى قېتىم گۇۋاھلىق باياناتى ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياتقان غۇلجا ناھىيىسىدىكى بىر لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. گۈلزىرە ئۆرقاننىڭ پاش قىلىشىچە، ھەر قېتىم لاگېرغا تەكشۈرگۈچىلەر كەلگەندە لاگېردىكىلەر ئۆز ئەھۋالى ھەققىدە يالغان سۆزلەشكە مەجبۇرلانغان. ئوقۇتقۇچىلار ئۆيلىرىدىن تەشتەكلىك گۈللەرنى ئېلىپ كېلىپ لاگېرنى ۋاقىتلىق بېزىگەن. ھەتتا لاگېردىكى بىر قىسىم ئاياللارنىڭ چاچلىرى بويالغان.

تەپسىلاتى...

مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى بىرەيلەننىڭ قاش تېشى سودىگىرى ئېلىئاخۇن قارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەشھۇر لاگېر سۈرىتى، يەنى لوپ ناھىيەلىك «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىۋېلىنغان سۈرەتتىكى 3‏-رەتتە ئولتۇرغان كىشىلەردىن بىرىنىڭ قاش تېشى سودىگىرى، ۋەزىپىسىز دىنىي زات ئېلىئاخۇن قارى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئېلىئاخۇن قارىنى سۈرىتىدىن تونۇۋالغان ئىككى نەپەر لوپلۇق مۇھاجىر ئۇنىڭ ئىلگىرى خوتەندە دىنىي ساھەدە ئەتراپلىق تەلىم ئالغانلىقى، قاشتېشى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى كۆپ تاپقانلىقى ۋە كىشىلەرنى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا يېتەكلىگەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى.

تەپسىلاتى...

مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى شوپۇر ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكى دەلىللەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

مەشھۇر لاگېر سۈرىتى، يەنى لوپ ناھىيەلىك «تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ يىغىن مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتتىكى 5‏-رەتتە ئولتۇرغان تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ لوپ ناھىيەلىك ئەمگەك سۇغۇرتىسى ئىدارىسىنىڭ شوپۇرى ئابدۇلئەزىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ئىدارىدىكى ئالاقىدار بىر خادىم شوپۇر ئابدۇلئەزىزنىڭ لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن خىزمەتتىن ھەيدەلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

يېقىندىن بۇيان چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر سەرخىللىرنىڭ تىزىملىكىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ تىزىملىكنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ راستلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىچكىرلەپ ئېنىقلاش ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن تۇتقۇن قىلىنغان زىيالىيلار تىزىملىكىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئالىم ئەھەت 2018-يىلى يانۋاردىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان. يېقىندا رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالىم ئەھەت شۇ يىلى يازدىن بۇيان يوقاپ كەتكەن.
تەپسىلاتى...

مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن بىرى لوپتىكى ئابدۇللا خارەت ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

لوپ ناھىيەلىك ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» گە ئائىت مەشھۇر سۈرەتتىكى ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان ئاق چاچلىق كىشىنىڭ لوپ ناھىيە شىپاڭ مەسچىتىنىڭ خوجىلىق ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇللا خارەت(ياغاچچى)، يەنى ئابدۇللا ياغاچچى دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئابدۇللا خارەتنى سۈرىتىدىن تونۇۋالغان چەتئەلدىكى لوپلۇق مۇھاجىرلار بۈگۈن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە خىسلەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. گۇۋاھچىلار ئابدۇللا خارەتنىڭ شىپاڭ مەسچىتنىڭ خوجىلىق ئىشلىرىنى خالىسانە بېجىرىپ كېلىۋاتقان تەقۋادار بىر كىشى ئىكەنلىكى ۋە تىرىكچىلىك كويىدىكى بىر ھۈنەرۋەن ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

لوپ ناھىيەسدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئائىت مەشھۇر سۈرەتتىن تونۇۋېلىنغان تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا تۇتقۇنلاردىن بىرىنىڭ لوپتا تونۇلغان ياغاچچى ئابدۇللا خارەت ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت ساۋابلىق ئىش ئىزدەپلا يۈرىدىغان تەقۋادار بىر كىشى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئابدۇللا ياغاچچىنىڭ نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر مەھەللىلىكلىرى ئۇنىڭ كىملىكى ۋە خىسلەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...