خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىياقازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ كەلگەن بىر قىسىم قازاق پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىش، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇش مەقسىتىدە تەشكىللىگەن «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ پائالىيەتلىرى ئىجابىي نەتىجە بېرىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باشلامچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىچىدە «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» سېپىگە قېتىلغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ بار ئىكەن. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە مەلۇمات بېرىدۇ.

ئۆتكەن ھەپتە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بايانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلاردىكى قازاق تۇتقۇنلاردىن ئىككى مىڭ كىشىنى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى خەۋەر قىلىشى، دۇنيا مەتبۇئاتى ۋە ئۇيغۇرلاردا زور غۇلغۇلا قوزغىغان بىر خەۋەر بولغان ئىدى. ئەمما بۇ خەۋەردە ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي قازاقلار ياكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئېيتىلمىغان ئىدى. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان بىگۇناھ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭمۇ قۇتۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. 

تەپسىلاتى...

بابۇر: «مەن بىلىدىغان دادام ئابدۇقادىر جالالىدىن»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2018-يىل 2-ئاينىڭ باشلىرىدا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىدى. بۇلتۇر 4-ئايدا رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قوغداش باشقارمىسى سىياسىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ۋېنچياڭ بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ بارغاندا، ئۇ ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ 2018-يىل 29-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.

ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان ئوغلى بابۇر 11-يانۋار كۈنى رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇلتۇر 1-ئاينىڭ 29-كۈنى دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنى ئۇلارغا يەتكۈزگەن ئاپىسى جەمىلە خانىمنىڭمۇ بىر كۈندىن كېيىن، يەنى بۇلتۇر 30-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاتتى.

بابۇر جالالىدىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋىرىنى ئاڭلىغان كۈنلەردە ھەدە-ئىنى ئىككىيلەن تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىكەن. 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچقۇرۇن ئۇلار ئاپىسى جەمىلە خاانىمدىن دادىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ خىتاي دۆلەت ئامانلىقى ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئەكېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىكەن. 

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى مۇتەخەسسىسلەر: «شىنجاڭدا زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بېرىۋاتىدۇ»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئاۋام پالاتاسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىگە دائىر قاراشلىرىنى ۋە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ «شىنجاڭدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قاماشتەك بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن كېيىن كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئەگەر ئەنگلىيە ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىگە ئىشەنسە، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيۇر رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ئېغىر دەپسەندىچىلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك ئىكەن.

مەزكۇر مەسىلە ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى 8‏-يانۋار كۈنى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. «ئاغزاكى دەلىللەر: خىتاي ۋە قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا سىستېما» ناملىق مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق خىتايشۇناس مۇتەخەسسىسلەر گۇۋاھلىق بەرگەن. مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللىك مۇخبىرلار گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ئۇلارنى قەشقەر خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيىسىدىكى ئاتالمىش 3 ‏ «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان، تۇتقۇنلارغا بۇ مەركەزلەردە قانۇن ۋە تېخنىكا ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ «رادىكاللىق» ئىدىيىسىنى تۈگىتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى.

لېكىن ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلا كومىتېتىنىڭ رەئىسى، كونسېرۋاتىپلاردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم تۇگېنھاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ يىغىندا، پارىژ ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ئىلىملەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ساباستيان ۋەگ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ «قايتا-تەربىيەلەش لاگېرلىرى» غا يىغىۋېلىنغانلىقىنىڭ ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنچلىك ئەمەسلىكىگە دائىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىگە بۇ سورۇندىكى ھېچكىمنىڭ گۇمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سورۇندىكى ھېچكىم بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرگە گۇمان قىلىدۇ، دەپ قارىمايمەن. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن ئىشەنچلىكتەك قىلىدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيەردە غايىب بولغان پروفېسسورلار ۋە ئالىي مەكتەپ مۇدىرلىرىغا دائىر خەۋەرلەر بار. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى مانا شۇلارنىڭ بىرى. ئۇ بىزگە قېرىنداش ئىنستىتۇت بولغان پارىژ EPHE ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرى پروفېسسورى ئىدى. بەزى خىزمەتداشلىرىمىز ئۇنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ھېچبىرى رەت قىلىنمىدى. بۇيەردە بۇ خەۋەرلەرنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر دەلىل يوق. بۇنىڭ ئەكسى ئىسپاتلانغۇچە، مەن بۇنى ۋە بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارنى يالغانغا چىقىرالمايمەن.»

يىغىندا ئەنگلىيەلىك خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى، لوندون كىڭس ئىنستىتۇتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى ئېۋا پىلس گۇۋاھلىق بېرىپ، ھەقىقەتەن بۇ لاگېرلارغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېردىكى تۇتقۇنلار قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، ئۇلارغا يەنە تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەرمۇ بار ئىكەن.

ئېۋا پىلس مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە كەلسەك، ۋەزىيەتتە بىر ئاز ئۆزگىرىش بولدى. بۇرۇن بۇ لاگېرلاردا بىر مىليوندەك ئادەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى، ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش توختاملىرى دېگەندەك ئۇچۇرلارغا تايانغان. بۇ ھەقتىكى دەلىللەر شۇنىڭدىن تەمىنلىنىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ، ‹كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى› دەپ خاراكتېرلىنىشكە، ئۇنىڭدا ‹تەربىيە ئارقىلىق ئۆزگەرتىش› ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈشكە باشلىدى. بىر كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ سۆز ماڭا ناھايىتى تونۇشلۇق. مەن بۇ ئورۇنلاردا يېتىپ چىققان نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولغان. گەرچە ئۇلار شىنجاڭدا ياشىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئورۇنلار ئوخشاش خاراكتېرگە ئىگە.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ لاگېرلاردا تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى پروفېسسور زېڭ ئېيتقاندەك بۇ رايوندا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقى راست. ھەقىقەتەن قولىمىزدا بۇنىڭغا دائىر نۇرغۇن دەلىللەر بار. بۇ دەلىللەر كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپلا قالماي، تەن جازاسى ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقى ۋە رادىكاللىقتىن خالى قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ بيۇروكراتىك تىلىدا ئىپادە قىلىنماقتا. بۇ نۇقتىدىن قولىمىزدا دەپسەندىچىلىكنىڭ شۇنداق زور كۆلەمدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر دەلىللەر بار. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئەندىشە قوزغىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر.»

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئۆتكەن ھەپتە چەتئەللىك مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنى كۈتۈۋالغاندا بۇ ئورۇنلارنى ئاقلاپ، «كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرى» دىكى «ئوقۇغۇچىلار» نىڭ قانۇن، سىياسەت ئۆگىنىۋاتقانلىقى ئۇلارنىڭ «رادىكاللىق» ئىدىيەلىرىدىن خالى بولۇشىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنىدا لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى خىتاي تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسسور زېڭ رۈيشېڭ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى خىتايدا 1976‏-يىلدىن كېيىن يۈز بېرىپ باقمىغان. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي پۇقراسى دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئۇلار باشقا بىر نەرسە بىلەن سۈپەتلىنىپ باقمىدى. ئۇلار خىتاي پۇقراسى دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر دۆلىتىڭىزدىكى مەلۇم بىر گۇرۇپپا پۇقرايىڭىز بىر كىملىك بىلەن سۈپەتلەنگەن بولسا ۋە بۇ كىملىك بىلەن سۈپەتلىنىپ كېلىۋاتقان بىر گۇرۇپپىسىنىڭ 10 دەن بىر قىسمى لاگېرلاردا ياشاۋاتقان بولسا، بۇ سىزدە غايەت زور كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار دېمەكتۇر. بىز 1976‏-يىلى ماۋ زېدوڭ دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن بېرى، ھەتتا 1989‏-يىلدىكى ھەربىي باستۇرۇش دەۋرىدىمۇ شىنجاڭدا يۈز بەرگەندەك بۇنداق زور كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شاھىت بولۇپ باقمىغان. ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ قىممەت ئۆلچىمى ۋە سىستېمىمىزغا ئىشەنسەك، بىزنىڭ خىتاي ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە كۈچىمىز يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشىمىز خاتالىقتۇر.»

گۇۋاھلىق يىغىنىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھازىرقى ھەرىكىتىگە قانداق ئامىل تۈرتكە بولدى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان دۆلەتلەر قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ، دېگەن سوئاللار چۈشكەن.

پروفېسسور زېڭنىڭ قارىشىچە، خىتاي سىياسىتىدىكى ئۆزگىرىشىنى شى جىنپىڭ بىلەن باشلاندى دېيىش بىر ئاز زورلىما بولۇپ قالىدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ تىبەتتىكى ۋاقتىدا يۈرگۈزگەن قىساس ئېلىش سىياسىتىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈرۈپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور زېڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شۇنى قوشۇمچە قىلماقچى، مېنىڭچە، سىياسەتتىكى زور ئۆزگىرىشىنى شى جىنپىڭ بىلەن باشلاندى، دېسەك بەك زورلىما بولۇپ قالىدۇ. شۇنداقلا بۇ يەردە يەنە قارىماققا شىنجاڭدىكى سىياسەت بىلەن ئاساسەن ئوخشاش سىياسەت يۈرگۈزگەن تىبەت پارتىيە سېكرېتارى بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ئۇ تىبەتنى غەلىبىلىك بىر تەرەپ قىلغان شەخس. مانا بۇ شەخس تىبەتتىن شىنجاڭغا يۆتكەپ ئاپىرىلدى. ئۇ تىبەتتە يولغا قويغان قىساسخورلۇق سىياسىتىنى ئوخشاشلا شىنجاڭدا يولغا قويدى. مانا بۇ بىز ھازىر شاھىت بولۇۋاتقان ۋەزىيەت.»

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى لاگېرلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتقان بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باشىلېت ئۆتكەن يىلى 12‏-ئايدا مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، لاگېرلار ھەققىدىكى «ۋەھىمىلىك خەۋەرلەر» نىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللەشنىڭ چارىسىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پروفېسسور ئېۋا پىلسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشكە بىر خەلقئارا كۆزەتكۈچى تەيىنلەشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى كەلگەن ئىكەن. ئۇ گۇۋاھلىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ «پەۋقۇلئاددە مۇھىملىقى» نى تەكىتلەپ، «بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرۇش پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؟ مەن بۇ مەسىلىدە پروفېسسور زېڭنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق بىر غەرب دۆلىتىنىڭ خىتايغا تەسىر كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى چەكلىك. لېكىن ھېچبولمىسا بىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەرنى تەيىنلەش مۇۋاپىق چارە دەپ قارايمەن» دېگەن.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تۇگېنھاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى مەزكۇر گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا مەزكۇر كومىتېتتىكى ئىيان ئائۇستېن، ئەن كلىۋۇد، مايك گېيپىس، ستېفېن گېيتىنېس، ئىيان مۇرېي، پرىتى پاتېل، ئاندرېۋ روسېندال قاتارلىق پالاتا ئەزالىرىنىڭ قاتناشقانلىقى مەلۇم.

تەپسىلاتى...

خىتاي بىر قىسىم چەتئەل مۇخبىرلىرىنى لاگېرلارنى زىيارەت قىلدۇرغان ۋە «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش» قانۇنى ماقۇللىغان

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى قەشقەر، خوتەن ۋە قاراقاش قاتارلىق 3 جايدىكى «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

«گېرمانىيە ئاۋازى» نىڭ 7-يانۋاردىكى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر گۇرۇپپا چەتئەل مۇخبىرلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر، خوتەن ۋە قاراقاش 3 جايدىكى ئالدىن تەييارلانغان «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

تەپسىلاتى...

قابا ناھىيەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار يېتەكچىلىرىدىن ئىككى نەپىرىنىڭ كىملىكى ئايدىڭلاشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۆتكەن ئايدا ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە بىر تۈركۈم قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تاماقلىرىدا ھالال-ھارامنى سۈرۈشتە قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۇتۇلغانلار ئارىسىدا بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ بىر يېزىسىغا تەۋە ئوقۇغۇچىلاردىن 20 نەچچىسى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشى داۋامىدا نارازىلىق بىلدۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلغانلاردىن بىرىنىڭ جايلىما يېزىسىغا نوپۇسلۇق ئورالقان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى، يەنە بىرىنىڭ بولسا ساربۇلاق يېزىسىغا نوپۇسلۇق قانات ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئالتاينىڭ قابا ۋە بۇرچىن ناھىيەلىرىدە بىر تۈركۈم قازاق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ھەپتە يەنە رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، تۇتقۇنلار ئۈستىدىن بىر قىسىم مەكتەپلەردە ئىچكى جەھەتتىن ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئىنكاستا دېيىلىشىچە، مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا بەزى مەكتەپلەردىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپنىڭ تاماق ۋە ياتاق تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىپ تەنقىد قىلىنغان ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن بۇ ۋەقەدىن ئىبرەت ئېلىشقا دەۋەت قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاشقا باشلىغاندىن بۇيان چەتئەل پۇقرالىقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مۇشۇ خىل لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە قىيناققا دۇچار بولۇشى ھەققىدە كۆپلىگەن مىساللار مەلۇم بولدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى، بولۇپمۇ قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىملاپ سۆھبەتلەردە بولدى. 9-يانۋار كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئىككى مىڭ قازاق تۇتقۇننى قويۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقى لاگېرلار ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق چاقماق تېزلىكىدە تارقالدى.

تەپسىلاتى...

12 دۆلەت دىپلوماتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئورۇنلاشتۇرۇلغان» زىيارىتى كۆزەتكۈچىلەرنى قايىل قىلالمىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا رويتېرسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك كۆلەملىك بىر چەتئەل مۇخبىرلىرى گۇرۇپپىسى ۋە شۇنداقلا رۇسىيە، ھىندونېزىيە، تايلاند، قازاقىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ دىپلوماتلىرىنى تەشكىللەپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش 3 «كەسپىي تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى» نى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىقلار 7-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە يۇقىرىدىكى بۇ زىيارەتنى «بىر قىسىم غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ قايتا تەربىيە مەركەزلىرى ھەققىدىكى ئاساسسىز خەۋەرلىرى ۋە ھۇجۇملىرىغا قايتۇرۇلغان جاۋاب» دەپ كۆرسەتكەن.

تەپسىلاتى...

يەنە بىر پۇتبول چولپىنى ئەرپات ئابلەكرەمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

غۇلجىدا ئۆسمۈر چېغىدىن تارتىپلا پۇتبول چولپانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان، تالانتلىق كەسپىي پۇتبولچى ئەرپات ئابلەكرەمنىڭمۇ ئۆتكەن يىلى 3-ئايدىن بۇيان لاگېردا ئىكەنلىكى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق دەلىللەندى. ئەرپات، ئېرپان ھېزىمدىن كېيىن پۇتبولچىلىق ساھەسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىككىنچى كەسپىي پۇتبولچى ھېسابلىنىدۇ.

ئەرپات ئابلەكرەم كەسپىي پۇتبولچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېشىل مەيداندىكى ئورنى ۋاراتا، ئۇ، بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 1994-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان. ئەرپات ئابلەكرەمنىڭ يۇرتى غۇلجا بولۇپ، ئۇ غۇلجا شەھىرىدىكى دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇنىڭ 2018-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ خىتاينىڭ جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 

تەپسىلاتى...

لاگېرغا تاشلانغان چەتئەل پۇقراسى: گۈلباھار جېلىلوۋا لاگېردا كۆرگەن قارا كۈنلەر (3)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گۈلباھار جېلىلوۋا سولانغان لاگېردىكى كامىرىدا 14 ۋە 17 ياشلىق قۇرامىغا يەتمىگەن ياش قىزلارمۇ ياتقان.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتاينىڭ جازا لاگېرىدىن تىرىك چىقالىغان ساناقلىق شاھىتلارنىڭ بىرى بولغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئايال گۈلباھار جېلىلوۋانىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئۈرۈمچى 3-تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن 15 ئايلىق كامېر ھاياتىدا ئىنسان تەسەۋۋۇرىغا سىغمايدىغان خورلۇقلارنى باشتىن كۆچۈرگەن. ئۇنىڭ مەھكۇملۇق ھاياتىدا ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، تارتقان ئازابلىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان. 

تەپسىلاتى...

ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 5 يىل كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان كۆپ قىرلىق سەنئەتكار، ئاتاقلىق ناخشىچى سەنۇبەر تۇرسۇننىڭ 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تۇتقۇن قىلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، ئۇيغۇر جامائىتى ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئۇيغۇر

سەنۇبەر تۇرسۇن ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ۋە «ئون ئىككى مۇقام» لارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن داڭلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ سەرخىل مۇزىكا ئىجادىيەتلىرى، ئۇيغۇر سەنئىتى تەتقىقاتلىرىدىكى ئىزدىنىش نەتىجىلىرى بىلەنمۇ ئېتىراپ قىلىنغان بىر كۆپ قىرلىق سەنئەتكار.

تەپسىلاتى...