ب د ت ئەنقەرە شۆبىسى بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

كامبودژا تەرىپىدىن 20 ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا چۆمدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتى بىلەن 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ مۇخبىرلارغا بايانات بېرىلدى.

نامايىش ئاخىرىدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 20 ئۇيغۇرغا سىمۋول سۈپىتىدە 20 ئاق گۈل بىلەن قارا گۈلچەمبىرەك خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىشىكىگە قويۇلدى.

بۇ نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ نامايىشقا يەنە تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان تۈرك دۇنياسى تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرىمۇ قاتناشتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كالىفورنىيىدە تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈردى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەمراھى، ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس – ئانجېلېس شەھىرىدە “تەيۋەن دوستلىرى” جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا  تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ يىغىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولدى، شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئالىم سېيىتوف ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەر يىغىندا يەنە ئايرىم – ئايرىم نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghur-teywen-munasiwiti-12232009190754.html/story_main?encoding=arabic

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇق باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى باشلىغان بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنى، 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىتالىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت مەسئۇللىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي جەريانى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش

Germaniye namayish3.2009.12.102009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

دۇق مەركىزى ئورگىنى ۋە دۇق تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  61 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مەخسۇس نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى گېرمانىيىدە قۇربان ھېيتلىق چاي بەردى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

قۇربان ھېيت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تەبرىكلەپ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي بايرىمى .مۇشۇ مۇبارەك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن،ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ميۇنخېن شەھىرىدە 29 –نويابىر كۈنى گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك بايرىمىنى تەبرىكلەپ قوي سويۇپ چاي بەردى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيدىكى ياشلار بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ 80- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گېرمانىيىگە كېلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى نۆۋەتتە ئالدى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ ۋە بەزىلىرى ھەر خىل ئۆتكۈر كەسىپ تۇرلىرى بويىچە تەربىيىلىنىش قەدىمىنى باشلىدى.

تەپسىلاتى...