ۋايمار شەھىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 13– دېكابىر

10-دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدە خىتاي زۇلۇمىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، كارلىسرۇھې، فرانكفۇرت شەھەرلىرىدىن «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن 20 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «10-دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. 

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم تۈركىيەدىكى ئىككى چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتنى زىيارەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 9– دېكابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بويىچە 6-ۋە 8-دېكابىر كۈنلىرى د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن «تۈركىيە كامۇ-سەن» يەنى «تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى» بىلەن «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا ئۇ د ئۇ ق نىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى سايلىمى، كەلگۈسى خىزمەت پىلانلىرى شۇنىڭدەك تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق يىغىنغا قاتناشماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 7– دېكابىر

د ئۇ ق رەئىسى «19-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا قاتناشماقتا.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان «19-نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى» ناملىق يىغىنغا قاتناشماقتا.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ب د ت يىغىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەڭ يېقىنقى ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 1– دېكابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر جەنۋەدىكى ب د ت شتابىدا چاقىرىلغان بىر قاتار يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتماقتا.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق نىڭ 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى 29-نويابىردىن ئېتىبارەن ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.

دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بۈگۈن ب د ت نىڭ بەزى يىغىنلىرىغا قاتناشقان. د ئۇ ق خادىملىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ب د ت ئالاھىدە خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. 

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 29– نۇيابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-نويابىر كۈنىدىن 28-نويابىر كۈنىگىچە ياپونىيەدە زىيارەتتە بولدى. ياپونىيە قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تەكلىپكە بىنائەن ياپونىيەگە بارغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى تاكاشى ناگائو، پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى رەئىسى فۈرۇيا كېىجى ئەپەندى، ياپونىيە پارلامېنتى يۇقىرى پالاتا ئەزاسى ئەرىكو ياماتانى خانىملار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن سىرت، بۇندىن كېيىنكى ھەمكارلىق توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىنى ياپونىيەگە ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 14– نۇيابىر

12-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشتى. پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى سائەت 14:00 تە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېڭى سايلانغان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە 20 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېپىلىش نۇتقىدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنىڭ ئېغىزدىكى قۇرۇق شوئار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئەمىلى خىزمەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاخىرلاشتى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 8– نۇيابىر

6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

5-نويابىر كۈنى 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئاخىرقى تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تولۇق خۇلاسىلىگەن. 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 130 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشماقچى بولغان 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.

تەپسىلاتى...

ئىتالىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى ۋە ئەركىنلىك يۈرۈشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 24– ئۆكتەبىر

19-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ مۇراسىمىدىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر 20-ئۆكتەبىر كۈنى ئىتالىيەگە يېتىپ كېلىپ، پايتەخت رۇمدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كامپاگنانو شەھىرىدە دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.

«ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى» ناملىق بۇ يىغىننى كامپاگنانو شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى دون رېنزو تانتۇرلى ئەپەندى تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىنغا ئۇيغۇر، تىبەت، ۋېنسۇئىلالىقلار، روھېڭگالىقلار، كۇردلار، ئەرمەنىيلەر ۋە ئىرانلىقلار تەكلىپ قىلىنغان. مەزكۇر يىغىن زوربو دەپ ئاتالغان ئېگىز تاغ باغرىدىكى 1400 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر قەدىمىي چېركاۋنىڭ يىغىن زالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يىغىنغا «سوسىتا لىبېرا»، يەنى «ئەركىنلىك جەمئىيىتى» تەشكىلاتى ساھىپخانلىق قىلغان. 

تەپسىلاتى...

ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 20– ئۆكتەبىر

19-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا جايلاشقان ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» رەسمىي قۇرۇلدى.

ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دا باشلاندى. مۇراسىمغا ئىلھان كۈچۈك، سابا سۇگار، لۇئىگې كومپاگنا، رامون ترېموسا، ھېلگا ترۈپەل، كلاۇس بۇكنېر، پائۇل ساكي، توماس مان، ئىۋو ۋاجگۇل، ھېلگا ستېۋېنس قاتارلىق ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئەزاسى، 100 گە يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، رابىيە خانىم، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا باشلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھەمدە ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەنۋەرجان، پروفېسسور مارى ھولىزمان، شۇنداقلا تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى. 

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18– ئۆكتەبىر

د ئۇ ق رەھبەرلىرى 17-ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى.

شىۋېتسىيە پايتەختى سىتوكھولمدا 13-ئۆكتەبىر باشلىنىپ 15-ئۆكتەبىر ئاخىرلاشقان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى» دىن كېيىن، د ئۇ ق رەھبەرلىرى 16-ئۆكتەبىر بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار 17- ئۆكتەبىردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە ئۇلارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى.

تەپسىلاتى...