ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى: «ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرىدۇر»
ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– ئىيۇن
بۈگۈن، يەنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى».
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2015-يىلى قارار ئېلان قىلىپ، ھەر يىلى 15-ئىيۇن كۈنىنى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» قىلىپ بېكىتكەندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ كۈننى تەبرىكلەپ كەلمەكتە.
بۈگۈن باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە بىردەك ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ جان تومۇرى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، خەلقئارا جەمئىيەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمە ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش سىياسەتلىرىگە چەك قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
تەپسىلاتى...