خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى، دئۇق نىڭ نارازىلىق پائالىيەت كالېندارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندا شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى، بىگۇناھ ئىنسانلارنى قانۇنسىز ئېتىپ تاشلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشتەك جىنايىتىگە قارشى ، دئۇق تەرىپىدىن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنىڭ روھى بويىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا نارازىلىق پائالىيەتلىرى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

دئۇق ئىجرائىيە كومىتېتىغا ھازىرغىچە كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى پائالىيەت كالېندارىدىن كۆرۈڭ.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  ھېيت نامىزىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدىكى، بولۇپمۇ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ھېيت نامازلىرىنى تەشكىلاتىمىزنىڭ زالىدا بىرگە ئۆتەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ تەز سۈرەتتە ئېشىپ بېرىشى بىلەن، ھېيت نامازلىرى ئۈچۈن تەشكىلاتىمىزنىڭ زالى بىر ئاز كىچىكلىك قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتىمىز گېرمانىيەدىكى، جۈملىدىن ميۇنخېن شەھىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى ئازادىچىلىك ئىچىدە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس چوڭ زال كىرالاپ ۋاقىتلىق مەسچىت ھازىرلىدى، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەزكۇر زالغا كېلىپ توپلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر : ” شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامزان ئېيى قۇتلۇق بولسۇن ! “

دئۇق رەئىسى
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىللىي ئىنقىلاب داستانىمىزدا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن خاسىيەتلىك نام – نىشانى ئويۇلغان قەدىرلىك شېھىتلىرىم ۋە بۇ قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان سۆيۈملۈك ئاتا – ئانىلار !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇستەبىت خىتاينىڭ زۇلۇمىغا تەز پۈكمەي مەردانىلەرچە كۈرەش قىلىۋاتقان ۋەتەن ئىچىدىكى باتۇر خەلقىم !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى، ئازادلىقى ۋە ئىنسانى قەدىر – قىممەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش بەدىلىگە خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولۇپ ئازاب چېكىۋاتقان قەھرىمان ئەۋلادلىرىم !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا زور بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ھەقىقىي ۋەتەنسۆيەر ئىنقىلابچىلىرىم !

تەپسىلاتى...

دئۇق: 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 4 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2013-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەن ئۆتكەن 4 يىلدىن بۇيان، دئۇق نىڭ سەپەرۋەر قىلىش، كونكرېت پىلان پروگراممىلار تۈزۈپ چىقىشى ۋە بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ ۋە مەتبۇئاتنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارنى قوزغاپ كەلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ جەنۋەدە چاقىرىدىغان ئىككى چوڭ يىغىنى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى توكيودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەھبەرلىرى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە كېيىنكى پىلان-پروگرامىلار ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىنى، 3-ئايدا جەنۋەدە ئېچىلىشى پىلان قىلىنغان خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. 3-ئاينىڭ 9-10-كۈنلىرى جەنۋەدە ئېچىلىدىغان د ئۇ ق ھەيئەتلەر يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئىجرائىيە كومىتېتى قارمىقىدىكى ھەرقايسى ئورگانلارنىڭ باش مەسئۇللىرى ۋە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەئىسلىرى قاتنىشىدۇ.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى

12-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدۇر. „كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى“ مىللىي چېگرالارنى ھالقىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بىر قىممەت قارىشى بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش دۇنيادىكى ئومۇمى بىر سەپەرۋەرلىك بولۇۋاتقان ۋە  ئىنسانلىق دۇنياسىنىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشىگە، دىققەت قىلىشىغا ئېرىشىۋاتقان ئەڭ نازۇك، مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا، ئىنسان ھەقلىرىگە بولغان تاجاۋۇزچىلىقىنى تېخىمۇ شىددەت بىلەن كۈچەيتمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن داۋام قىلدۇرۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، دىنىي ساھەلەردىكى زۇلۇمى ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت، سەن`ئەت، تىل قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە بېرىپ يەتمەكتە.

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىم : < پۈتۈن خەلقىمنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن ! >

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم، يېقىن تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى قۇتلۇقلايمەن !

شۇنداقلا  كۈرەشچان خەلقىمىزنىڭ مىللىي ئىرادىسىنىڭ يەنىمۇ  كۈچىيىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ كېلىۋاتقان بۇ ئەزىز كۈندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان بارلىق شېھىتلىرىمىزغا ئاللادىن رەھمەت تىلەيمەن !

تەپسىلاتى...

4-نۆۋەتلىك دئۇق نىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قارار قىلىنغان خىزمەت پىلانى

2012-يىلى سېنتەبىرنىڭ 21—23 كۈنىگىچە  گوللاندىيىنىڭ روتتېردام شەھىرىدە ئېچىلغان 4-نۆۋەتلىك دۇق نىڭ 2-ئومۇمىي يەغىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئېلىنغان قارارلىرىنىڭ جامائەتكە ئوچۇق قىسىملىرى:

4-نۆۋەتلىك دئۇق نىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنىدا قارار قىلىنغان خىزمەت پىلانى
روتتېردام،  گوللاندىيە
2012-يىلى 9-ئاي
‏    No: GR-120922-02

دئۇق نىڭ ئالدىمىزدىكى بىر يىل ئىچىدە پىلاندا بار ئىشلار ۋە ھەر يىلى قىلىنىۋاتقان ئىشلارنى  داۋاملىق ئەلىپ بېرىشتىن، داۋاملىشىۋاتقان ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشتىن  سىرت،  يەنە مەخسۇس پرويېكت قىلىپ  تۆۋەندىكى ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش،  قىسمەن ياكى تولۇق  ئەمەلگە ئاشۇرۇش قارار قىلىندى.

تەپسىلاتى...

پۈتۈن خەلقىمنىڭ مۇبارەك رامزان ئېيى قۇتلۇق بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مانا بۈگۈن بىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىچىدە مۇبارەك رامزان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستۇق، ئاللانىڭ قۇدرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن جەننەتنىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى داغدام ئېچىلىدىغان، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىپ،شەپقەت ياغىدىغان، پۈتۈن تىلەكلىرىمىز قوبۇل بولىدىغان، پۈتۈن شەيتانلار زەنجىرگە مەھكۇم قىلىنىدىغان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمنىڭ ئۇشبۇ رامزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن، ئاللا ئىبادىتىڭلارنى، دۇئالىرىڭلارنى قوبۇل قىلغاي، ئۇلۇغ روزىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي !

تەپسىلاتى...

” 5-ئىيۇل” ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە پائالىيىتى ھەققىدە چاقىرىق (ئورۇنلاشتۇرۇش)

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 3-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەت كالېندارى

 

5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى يېتىپ كەلمەكتە؛ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، “ 5-ئىيۇل” ، ئۇيغۇرلارنىڭ  شاۋگۈەندە ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرى ھەققىدە ھېساب سوراش ئۈچۈن  خەۋپ-خەتەرگە پەرۋا قىلماي مەيدانغا چىققان، ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىي ئاڭ ۋە سىياسىي سەزگۈرلۈكىنى دۇنياغا جاكارلىغان كۈن.

تەپسىلاتى...