ب د ت ئالدىدا خىتايغا قارشى خەلقئارالىق زور نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2016-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى

DUQ NAMAYISH UQTURUSH

د ئۇ ق جىددىي چاقىرىقى!

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىتى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئېتىپ ئۆلتۈرۈش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي، دىنىي، مىللىي كىملىكلىرىگە شەرمەندىلەرچە تاجاۋۇز قىلىش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھاكىمىيىتى بۇ يىل يولغا قويغان <<تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى>> ۋە <<چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى>> ئارقىلىق، مۇھاجىرەتتە مىللىي مۇجادىلىلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىغا بولغان زىيانكەشلىكلىرىنىمۇ زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 53 دۆلەتنىڭ بىرى. خىتاي ب د ت دىكى بۇ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن پىكىر بايان قىلغۇچى خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت دىكى كۆزەتكۈچىلىك ئورنىنى بىكار قىلىشتەك سۈيقەستلىرىنى جىددىلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويۇلىشىنى چەكلەش مەقسىدىگە يېتىشكە ئۇرۇنماقتا. ھەر يىلقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنيا جامائىتىگە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان د ئۇ ق نىڭ ب د ت دا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرىمۇ جىددىي تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ بۇ سۈيقەست ۋە تەھدىتلىرىنى يوقىتىش، نۆۋەتتىكى تەخىرسىز تەدبىر قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا.

بۇ يىل 13 – سىنتەبىردىن 30 – سىنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مىللىي دەۋايىمىزنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجى. 2017 – يىلى مارت ئايلىرىدا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ چوڭ سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. خىتاينى بۇ سايلامدا مەغلۇپ قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئەزالىقىدىن قالدۇرۇش، ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ب د ت دا قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك غەلىبىسى بولىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق ۋە خەلقارا تىبەت ھەرىكىتى تەشكىلاتى دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى ھىمايە قىلغۇچى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، 9 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بىر قانچە مىڭ كىشىلىك خەلقارالىق بىرلەشمە زور نامايىش تەشكىللەشنى قارار قىلدى. نامايىشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، تۈرك ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئەزالىرى قاتنىشىدۇ.

ب د ت دا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان دەل شۇ دەقىقىلەرگە توغرۇلاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ نامايىشقا، ياۋرۇپا ئەللىرىدىكى مىللەتنىڭ قايغۇسىغا شېرك بولۇشنى، ۋەتەننىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدىغان بارلىق ۋىجدانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشقا دەۋەت قىلىمىز. نامايىش سېپىگە قوشۇلۇشقا ئىمكانى يار بەرمىگەنلەرنىڭ ماددىي تەرەپلەردىن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

بۇ قېتىمقى نامايىش، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ب د ت دا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇش پۇرسىتىنى ساقلاپ قېلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۆزىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلىقى، غۇرۇرى، ئىمانى، ۋىجدانى بىلەن بۇ چاقىرىققا بىر ئۈلۈش ئاۋاز قوشسىڭىز، خارلىق ئىچىدە پەريات  چېكىۋاتقان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نامىدىن رەھمەتلەر ئېيتىمىز. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

تەپسىلاتى...

دئۇق: ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
Logo
دئۇق نىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى ۋە خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى، خەلقارا مۇھاجىرلار تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن،  2016-يىلى 4-ئاينىڭ 25-26-كۈنلىرى گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، „ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى“ ماۋزۇلۇق خەلقارا يىغىن ئۆتكۈزىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» كۇرسىغا قاتناشماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «ئىنسان ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق كۇرسقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان قاتناشماقتا. مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسىنى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىبەت ئادالەت مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشماقتا.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارارى

 

Logo

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكىچە قارار قىلىدۇ:

ياپونىيىدە ئۇيغۇر مىللىي داۋاسى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تارمىقىدىكى تەشكىلات سالاھىيىتىگە ئىگە ۋە مۇشۇ سالاھىيەت بىلەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ياپونىيىدە قانۇنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاراشلىق تەشكىلات سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالىدۇ. بۇندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتى يوق دەپ قارايدۇ.

2008- يىلى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاراشلىق تەشكىلات سالاھىيىتىگە ئاساسەن قۇرۇلغان ئىدى. مۇشۇ سەۋەپتىن ئەلىپ ئېيتقاندا، ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىر بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سالاھىيىتىنى يوقاتتى. شۇڭا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تارقىتىۋېتىش تېگىشلىك تەشكىلات دەپ قارايدۇ.

بۇ قارار 2015- يىلى 18- ئۆكتەبىر ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2016- يىلى 10- يانۋار

تەپسىلاتى...

دئۇق نىڭ، يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ بىرىنچى يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ھەققىدىكى ئومۇمىي چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

Logo
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار !

ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىق سابىق يەكەن ۋىلايىتى ۋە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغاليىتىدىن كېيىن مەقسەتلىك ھالدا كىچىكلىتىلگەن يەكەن ناھىيىسىدە ئەلىپ بارغان رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ زور سىياسى پاجىئە ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن، ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانخورلۇق ۋە زالىملىقىنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىلى سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ كىلىنمەكتە.

تەپسىلاتى...

دئۇق: 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6-يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەت كالېندارى

 

Logo

تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى بېسىپ، كالېندارنى چۈشۈرەلەيسىز

تەپسىلاتى...

دئۇق: 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە 6 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىگە سالغان ئازابلىق يارىلىرى ساقايغىنى، تېخى ئاققان قانلار قۇرۇغىنى يوق.

ئۆتكەن بىر يىل يەنى 2014-يىلى، خەلقىمىز ئۈچۈن ئەڭ پاجىئەلىك ۋە قايغۇلۇق يىل بولدى. 2014-يىلى 5-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان “بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش” ھەرىكىتى بىلەن، مىڭلىغان بىگۇناھ ياشلىرىمىز تۇتقۇن قىلىندى، يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان ئىنسانلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى يەركەن قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلگەن كىشى سانىنى 96 نەپەر دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردا بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.

تەپسىلاتى...

„خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمى“ ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئانا تىل-ئانىنىڭ تىلى، مىللەتنىڭ تىلى، مىللىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسى، مىللىي كىملىكنىڭ ئاچقۇچى، يەنى ئۇيغۇر تىلى؛ – ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى!

خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇيغۇرسىز „شىنجاڭ“ غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مەقسىتىدە، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا جان-جەھلى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان «قوش تىللىق « سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن، مىللىي ئىرادە ۋە غايىسىدىن ئايرىپ، ئاخىرىدا تەل – تۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت !

تەپسىلاتى...

دەۋرىنى چۈشىنەيلى!

رابىيە قادىر
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلىرىم،

يېقىندىن بۇيان تور بەتلىرىدە، Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرىدا، گويا ماڭا كۆيۈنۈپ „داۋادا ئۇرۇلغانلىقىم ۋە يوللىرىمنىڭ توسۇلغانلىقى..“ ھەققىدە، قىسقا – قىسقا خەۋەرلەر چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا، ئالىم سېيىتوف قاتارلىق مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ، دئۇق خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا بارلىق جەڭچىلەر ۋە ئىنقىلابچىلار ھەققىدە شىكايەتلەر بولۇنماقتا.

بۇ مەسىلىدە مەن كۆپرەك خاتالىقنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالسام بولىدۇ، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قاقشاپ، شىكايەت قىلىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بولغان بولۇشى مۇمكىن. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى „مەن ئۇيغۇرمەن“ دېگەن، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى يەر شارىدىن ئۈزۈل كېسىل يوقىتىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويدى.

تەپسىلاتى...

دئۇق نىڭ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدىكى چاقىرىقى

Logo

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە 5 يىل بولغان بولسىمۇ، ئامما بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دائىر نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسىتى تېخىمۇ ۋەھشىي، تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلىپ كەلدى. بۇ باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز، ھەتتا سەبىي بوۋاق، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ، ئۆزگە ئەللەردە سەرسان بولۇشقا باشلىدى.

تەپسىلاتى...