ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى پائالىيىتىگە تەكلىپ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 5-ئۆكتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى(د ئ‍ۇ ق)، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى(UNPO)نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى، ئامېرىكا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى(NED)نىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن 10 – ئاينىڭ 13 – كۈنىدىن 15 – كۈنىگىچە شىۋېتسىيەنىڭ ستوكھولم شەھرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى رەسمى باشلىنىدۇ.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان 15 – 35 ياش ئارىسىدىكى ياشلار ۋە دەۋا سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان سىياسىي ئاكتىپلار، رەھبەرلەرگە بۇ قېتىمقى 3 كۈنلىك كۇرستىن ھەقسىز بەھىر ئېلىش پۇرسىتى مەۋجۇد!

ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنى چۈشىنىشنى، دۇنيا ۋەزىيىتى ھەمدە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تونۇشۇشنى، قوراللىنىشنى خالىغان قېرىنداشلار كەم تېپىلدىغان بۇ پۇرسەتنىڭ قەدرىگە يېتىڭ. بۇ پائالىيەتكە تىزىمغا ئالدۇرغان 50 نەپەر ياشنىڭ سېپىگە قوشۇلۇڭ! 3 كۈنلىك تاماق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنىڭ چىقىملىرىنى د ئۇ ق ئۈستىگە ئالىدۇ.

13 – ئۆكتەبىر كەچتە (جۈمە) سىز كۆڭۈللۈك بىر ئۇيغۇر سورۇنىغا داخىل بولىسىز. سائەت 18:00 – 22:00 ئارىسىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كېچىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە ئۇيغۇر سەنئىتى نامايەن قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچە لەزىز تائاملاردىن، مىللىي كىملىكىمنىڭ بىرقىسىم نامايەندىلىرىدىن قانغۇچە بەھىر ئالىسىز.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەققىدە ۋەكىللەرگە ئەسكەرتمە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 5-ئۆكتەبىر

مۆھتىرەم قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋە مېھمانلار،

د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!

تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى، سىزلەرگە قۇرۇلتاي چاقىرىقنامىسىنى يوللىغان ئىدۇق ۋە تەكلىپنامىدە 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن كىلىپ-كىلەلمەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدە ئېنىق جاۋاپ بېرىشنى ئالاھىدە ئىلتىماس قىلغان ئىدۇق. كۆپلىگەن ۋەكىللەر ۋە مېھمانلار ئۆزلىرىنىڭ 6 – قۇرۇلتايغا ۋاقتىدا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما بىز تەكلىپنامە ئەۋەتكەن بىرقىسىم ۋەكىللەردىن تېخى جاۋاپ كەلمىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۆۋەندىكى ئىشلارنى جىددىي ئەسكەرتىمىز:

1. د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا، تەكلىپنامە تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە قاتناشماقچى بولغان قېرىنداشلار چوقۇم 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ كېلەلەيدىغان – كىلەلمەيدىغانلىقىنى، كېلەلىسە كېلىش ۋاقتىنى ئېنىق بىلدۈرىشى لازىم. بۇ مۆھلەتتىن كېچىككەن ۋەكىللەر ياكى مېھمانلارنىڭ قۇرۇلتاينىڭ ئوچۇق ۋە يېپىق بارلىق يىغىنلىرىغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. ياتاق ھەم تاماق مەسىلىلىرىگىمۇ ئىگە بولالمايمىز.

2. قۇرۇلتايغا كېلىشتىن ئىلگىرى بارلىق ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك جەدىۋەلىنى تولدۇرۇپ بىرگە ئالغاچ كېلىشىنى سورايمىز.

3. قۇرۇلتاي قاتناشقۇچىلىرىدىن يىغىننىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشى، ماددىي چىقىملىرىمىزنى قامداش ئۈچۈن، ئىمكانى يار بەرگەن دائىرىدە ئىئانە توپلاپ كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن:

د ئۇ ق تەييارلىق كومىتېتى

2017-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىقتىسادى ياردەم ھەققىدىكى مۇراجىئەتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىل 27-سىنتەبىر

ئەزىز ۋەتەنداشلار،
11 – ئاينىڭ 10-12 كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە چاقىرىلىدىغان 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيىمىزنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي داۋام قىلماقتا.
6 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي، تەشكىلاتىمىزنىڭ تەشكىلىي تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەش، رەھبەرلىك قاتلىمىدا زۆرۈر ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ كېلىچەك ئىستراتېگىيىلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كۆچۈرۈپ، د ئۇ ق نىڭ مۇھاجىرەتتىكى مىللىي مۇجادىلىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىك ئورگىنى سالاھىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئىقتىدارىنى يۈكسەلتىشنىڭ بارلىق چارە – تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاينىڭ ئىقتىسادىي ياردەمگە ئىھتىياجى بار. بىز بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا 21 دۆلەتتىن كېلىپ ئىشتىراك قىلىدىغان يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە مۇراجىئەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئومۇمىي خەلقىمىزنىڭ ماددىي ياردەملىرىگىمۇ ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ۋەتەن – مىللەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بېسىلغان بۇ خەيىرلىك قەدەملەرگە قۇربىنىڭ يېتىشىچە يار-يۆلەكتە بولغۇسى قېرىنداشلىرىمىزغا چەكسىز تەشەككۈرلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جىددىي ئەسكەرتمىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 19-سىنتەبىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن چاقىرىقنامەنى سۇيىستىمال قىلىشقا ۋە د ئۇ ق نامىدا خالىغانچە پۇل يىغىشقا بولمايدۇ!
تۈركىيە ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلىرىمىزدىن كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى بېرىش ئۇيغۇن كۆرۈلدى. 6 – نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي چاقىرىقنامىلەرىنى قانۇنسىز ھالدا كۆپەيتىش، يەنە بەزىلەرنىڭ د ئۇ ق ئۈچۈن ئىئانە يىغىشقا باشلىغانلىقىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ سادىر بولىۋاتقانلىقى مەلۇم

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك (پەۋقۇلاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇختۇرۇش

د ئۇ ق: 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى

No: 19.08.2017

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ  6-نۆۋەتلىك (پەۋقۇلاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتى ھەققىدە ئۇختۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) كېڭەيتىلگەن دائىمى كومىتېتىنىڭ 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى قارارىغا ئاساسەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتىيىنى 11-ئاينىڭ 10-12-كۈنلىرى گېرمانىيەدە چاقىرىش قارار قىلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلاش ۋەزىپىسىنى باش كاتىپلىققا تاپشۇرغان ئىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن، باش كاتىپلىق رىياسەتچىلىگىدە تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇلۇپ،  قۇرۇلتاي تەييارلىق خىزمەتلىرى رەسمىي شەكىلدە باشلاندى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن قۇرۇلتاي ۋەكىللىگىگە سايلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ سالاھىيىتى ۋە شەرتلىرى ھەقىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەر ئاساسىدا سايلىنىشى قارار قىلىندى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا مۇھاجىرەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار، زىيالىيلار ۋە ياشلار ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ. 

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى قۇرۇلتاي ئالىي رەھبەرلىكىگە تەيىنلەش قارارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى

2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى، قۇرۇلتاينى  يىلمۇ-يىل  جىددىيلىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش؛ يەنى  خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ جانلىق بولۇش؛ جىددىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا مەيلى ئىدىيە، مەيلى ھەرىكەت جەھەتتىن بولسۇن ھازىر جاۋاپ ھالەتتە تۇرۇش؛ تەشكىلات ئىچىدە بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇرۇلتايدىن  كۈتىۋاتقان ئۈمىد ۋە تەلەپلەرگە تولۇق جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن، قۇرۇلتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئالىي رەھبەر ۋە رەئىسلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى توغرا تاپتى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىمنىڭ پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش ھەققىدىكى قارارى

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتى
2017-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجلىرىنى نەزەرگە ئالغان، مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ئىچىدە تېخىمۇ روناق تېپىشىنى، كۈچلىنىشىنى نىشان قىلغان، د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ ئاكتىپ، تېخىمۇ جانلىق بولۇش؛ جىددىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشلىرىگە قارىتا مەيلى ئىدىيە، مەيلى ھەركەت جەھەتتىن ھازىر جاۋاپ ھالەتتە تۇرۇشىنى مەقسەد قىلغان ھالدا د ئۇ ق نىڭ كەلگۈسى خىزمەت پىرىنسىپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە پەۋقۇلاددە قۇرۇلتاي (6 –نۆۋەتلىك د ئۇ ق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى) چاقىرىشنى قارار قىلدىم.

تەپسىلاتى...

ميۇنخېندىكى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2017-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى


دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرى رابىيە قادىر خانىم سۇنغان: ئومۇمىي مىللىي بىرلىكنى قوغداش، د ئۇ ق نى پارچىلىنىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن 7 – ئاينىڭ 21 -، 23 – كۈنلىرى گوللاندىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان ئالىي كېڭەش يىغىنىنى ھەمدە 8 – ئاينىڭ 25 -، 27 – كۈنلىرى گېرمانىيەدە چاقىرىلماقچى بولغان د ئۇ ق 6 – نۆۋەتلىك (پەۋقۇلئاددە) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى توغرا قارار دەپ قارايمىز ۋە ميۇنخېندىكى پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي ئېچىش پلانىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىكىمىزنى ئېلان قىلىمىز. ھىچقانداق نەرسە مىللىي داۋادىن ئۈستۈن تۇرالمايدۇ. د ئۇ ق نىڭ بىرلىكى، مۇكەممەللىكى ۋە تەرەققىياتى مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجىدۇر. رابىيە خانىمنىڭ ھالقىلىق پەيىتتە د ئۇ ق نىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالىي كېڭەش بىلەن پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە دائىمىي كومېتىت يىغىنى ئېچىپ، ئىچكىي كىرىزسلارنى ئىچكىي قىسىمدا ھەل قېلىش تەشەببۇسى مىللەتنى ئۈمىدسىزلىكتىن ئازات قىلىدىغان، مىللىي دەۋاغا ھاياتىي كۈچ بېغىشلايدىغان توغرا قاراردۇر.؛شۇڭا رابىيە خانىمنىڭ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىمىز ۋە ئەگىشىدىغانلىقمىزنى بىلدۇرىمىز.

قۇرۇلتاي دائىمىي كومېتىتىدا پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينى ميۇنخېندا ئېچىشھەققىدە ئاۋاز بەرگۈچىلەرگە ۋاكالىتەن:

د ئۇ ق باش كاتىپى: دولقۇن ئەيسا

تەپسىلاتى...

ئالىي كېڭەش ۋە پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2017-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

مەن، خەلقىمىزنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ۋەزىيىتىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ، جۈملىدىن خىتاينىڭ ياۋۇز قولىنى مىسىردىكى ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا قارىتا ئۇزاتقانلىقىدەك جىددىي ۋەزىيەتنى ھەم بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى مۇھاجىرەتتىكى جامائىتىمىزنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك تەلەپ-چاقىرىقلارنى نەزەردە تۇتقان ھالدا داۋادا مىللىي بىرلىك سەپنى قوغداش ۋە ئىچكى تالاش-تارتىشلارغا تېزدىن خاتىمە بېرىش ئۈچۈن، گوللاندىيەدە مۇشۇ ئاينىڭ 21- ۋە 23-كۈنلىرى ئارىسىدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئالىي كېڭەش ۋە گېرمانىيەدە 25-ۋە 27-ئاۋغۇست ئارىسىدا ئېچىلىشى پىلانلىنىۋاتقان پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ئېچىلىش قارارىنى ئىناۋەتسىز قىلىمەن ؛ مەزكۇر ئىككى يىغىنىنى ئېچىش-ئاچماسلىق ۋە قەيەردە ئېچىش مەسىلىسى ئەڭ يېقىن مەزگىلدە  قۇرۇلتاي دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قۇرۇلتاي نىزامنامىسىنىڭ ئالاقىدار ماددىلىرىغا ئاساسەن مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ھازىرغا قەدەر قۇرۇلتاي نامىدا بۇ ئىككى يىغىن ھەققىدە چىقىرىلغان بارلىق ئېلانلارنى ئۆچۈرۈشكە بۇيرۇيمەن.

ھەر ئىككى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرنىڭ سەپەر تەييارلىقىنى توختىتىشقا ۋە نورمال خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرىمەن.

-ئۇيغۇر مىللى  ھەركىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر

تەپسىلاتى...

خەۋەرنامە | 2017-يىلى ئىيۇن ئۇمۇمىي 6-سانى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى، 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان «خەۋەرنامە»نىڭ بۇ قېتىملىق ئۇمۇمىي 6-سانىدا، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولالايسىلەر.

خەۋەر نامىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:

https://drive.google.com/file/d/0B1-SuXfWYlpDTVJkUUF4TTJRajA/view

تەپسىلاتى...