د ئۇ ق ئاخباراتى : 28 – ئىيۇل يەكەن قىرغىنچىلىقى مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ تىپىك ئۆرنىكىدىن ئىبارەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

يەكەن ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان يەكەن شەھىدلىرىمىزگە، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان بارلىق ئەزىز شەھىدلىرىمىزگە چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمىز!

مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زىندانلىرىدا، جازا لاگىرلىرىدا ۋە مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش مەيدانلىرىدا ئازاپ – ئوقۇبەت چېكىۋاتقان مىليونلىغان خەلقىمىزگە ئاللاھتىن ئېسەنلىك تىلەيمىز!

ئەزىز قېرىنداشلار، ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2014 – يىلى 7 – ئاينىڭ 28 – كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ يېزىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا  ئېلىپ بارغان رەھىمسىزلەرچە قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا 5 – ئىيول ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئەڭ زور سىياسى پاجىئە ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن، ھەم دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانخورلۇقى ۋە زالىملىقىنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىلى سۈپىتىدە خاتىرلىنىپ كېلىنمەكتە.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى : 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان لاگىر تۈزۈمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2020-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى

2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يۈ زبەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستان خىتاي كومممۇنىستلىرىنىڭ ئىشغالىغا ئۇچرىغان 1949 – يىلىدىن بۇيان بۇ رايوندا يۈزبەرگەن ئەڭ زور قانلىق  تىرادىگىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان مىقياسىدا باشلاتقان ئاتالمىش «ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرىنى قوغلاپ تۇتۇش ھەرىكىتى» بولسا ماھىيەت جەھەتتىن خىتاي ھاكىمىيىتىڭ 2016 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا ئاشكارە يولغا قويغان لاگىر تۈزۈمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئىبارەت!

چۈنكى خىتاينىڭ ئەينى چاغدا باشلاتقان  بۇخىل تۇتقۇن قىلىش ۋە زەربە بەرىش ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى نىشانى قانداقتۇر «ئۈرۈمچى ۋەقەسى گۇماندارلىرى» ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم ۋە بېسىم سىياسىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بىگۇناھ ئىنسانلار ئىدى.

مەسىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى «تىئانشان تورى» نىڭ 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 2009 – يىلى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەسمى قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئومومى سانىنىڭ 18 مىڭ 527 نەپەرگە يەتكەنلىكىنى، 22 مىڭ 677 نەپەر كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىزنامە سۇنۇلغانلىقى، يەنە 2009 – يىلى بىر يىل ئىچىدە  ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرىنىڭ جەمئىي 302 مىڭ 356 دىلونى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭ ئىچىدە 270 مىڭ 592 دىلونى سوتلاپ ئاياقلاشتۇرغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: «ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ‹ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› گە ئىمزا قويغانلىقى تارىخىي ھادىسىدۇر»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

17-ئىيۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» گە ئىمزا قويغانلىق خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەر خىل شەكىللەردە ئۆزلىرىنىڭ شاتلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى. د ئۇ ق مۇ شۇ كۈنىلا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ خوش خەۋەرنى تەبرىكلىگەن.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئالدى بىلەن بۇ قانۇننى ئىمزالىغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئامېرىكانىڭ بارلىق دۆلەت ئەربابلىرىغا بولغان تەشەككۈرلىرىنى ئىزھار قىلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە بۇ قانۇننىڭ بالدۇرراق تەستىقلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قاتقان پۈتكۈل خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ۋە ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىغا رەھمەتلىرىنى بىلدۈردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاينىڭ تۈرلۈك زۇلۇملىرى سەۋەبلىك ئۈمىدسىزلىككە پاتقان ئۇيغۇرلارغا زور ئۈمىدلەر بەخش ئەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى، پېشقەدەم سىياسىي ئەربابلاردىن ئەركىن ئالپتەكىن ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ تەستىقلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 30 – يىللىقىنى خاتىرلەيمىز !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2020-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى

بۇيىل 5 – ئاپرىل بولسا يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ ئىلھام بۇلىقى ھىساپلانغان بارىن ئىنقىلابىنىڭ 30 – يىللىق خاتىرە كۈنىدىن ئىبارەت !

بۈگۈنگە قەدەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمىز، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىز ۋە ئاۋام خەلقىمىز ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە نامايىش ۋە باشقا شەكىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەنمۇ بارىن ئىنقىلابىنىڭ 30 – يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەشنى پىلان قىلغان ئىدۇق. ئەپسۇسكى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن دۇنياغا يامرىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن بۇيىل تۇنجى قەتىم بارىن ئىنقىلابىنى كوللىكتىپ ھالدا خاتىرىلەشتىن مەھرۇم قالدۇق، بۇخىل تىرادىگىيە ھەممىمىزنىڭ يۈرۈكىنى چوڭقۇر ئازاپلايدۇ !

كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن ئۆيلىرىمىزگە قاپسىلىپ قالغان بولساقمۇ، ئەلۋەتتىكى بارىن شەھىدلىرىمىزنى ھەممىمىز قەلبىمىزدە خاتىرىلەيمىز ۋە ئەزىز شەھىدلىرىمىزنىڭ روھى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز !

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك ئومومىي سايلىمىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرغۇچى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ۋە  پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك ئومومىي سايلىمىدا قۇززات ئالتاي ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ  يېڭى رەھبەرلىك ھەيئ‍ىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمىز!

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، چەتئ‍ەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىۋىدىكى ئەڭ ئاساسلىق غوللۇق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن زېچ ھەمكارلىشىپ، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ خەلقئ‍ارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.

ئۆتكەن 3 يىللىق خىزمەت مۇددىتى ئىچىدە، ئىلشات ھەسەن رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلدى.

قۇززات ئالتاي ئەپەندىمنىڭ رەئىسلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى ۋە ياش رەھبەرلىك ھەيئ‍ىتىنىڭ يۈكسەك شىجائەت بىلەن خىزمەت قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ تەرەقىياتىغا تېخىمۇ كۆپ توھپىلەرنى قوشۇدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ​

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ​

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بولسا  تارىخىمىزدىكى شانلىق بىر كۈن، ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى. ئەجداتلىرىمىز يېقىن تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، مۇستەقىللىقكە بولغان تەشنالىقىمىزنى ۋە ئىرادىمىزنى نامايەن قىلغان كۈن.

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى خاتىرلىشىمىز ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇچۇن ھاياتلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ۋىجدانى، دىنى ۋە مىللى بۇرچىمىز.

تەپسىلاتى...

رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ​

بىز بۈگۈن رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ تۆنۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە موسكۋادا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىلىپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئەسلى قەشقەرنىڭ بەشكىرەم تەۋەسىدىن بولۇپ، ئوزى 1939-يىلى،10-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقى تۇركىستاننىڭ شىخۇ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

تەپسىلاتى...

د ئ‍ۇ ق: «5–ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ​

ئەزىز قېرىنداشلار، «5–ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 10 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

شۇ كۈنى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھىساپلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگىرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزانلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە رامىزانلىق ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولالماسلىقى ھەمدە قاتمۇ-قات دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى د ئۇ ق 7-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي لىباسلارنىڭ مەنئى قىلىنىشى، دىنىي بۇيۇملارنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ جىنايەتكە سۇندۇرۇلۇشى، دىنىي ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ساناپ ئۆتۈلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن زور تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنى «ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشتەك زور پىلاننىڭ بىر قىسمى، خالاس» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھازىر لاگېرلارغا قاماشتا دىنىي ئېتىقادنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي «سۈپۈرۈپ تاشلاش» قا ئاتلانغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ بۇ يىلقى رامىزان مەزگىلىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتىكى بارلىق ھەقلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «دوپپا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5‏-ماي كۈنى تۋېتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

باياناتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى 5‏-ماي كۈنى دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوپپا بايرىمى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن 5‏-ئىيۇل «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، 2010‏-يىلدىن كېيىن رەسمىي تەبرىكلىنىشكە باشلىغان. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە دوپپا كىيىشىنى چەكلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دوپپىغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 

تەپسىلاتى...