د ئۇ ق باياناتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز!
2010-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى
بۇندىن 20 يىل مۇقەددەم، يەنى، 1990 – يىلى 4 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، شەرقىي تۈركىستاندا، بارىن يېزىسىدا ھەيۋەتلىك كۈرەش سىگنالى ياڭراپ، زۇلمەت قاپلىغان بۇ زېمىندا خەلقىمىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى نەرە سادالىرى يەر – جاھاننى تىترەتكەن ئىدى.
ئۇشبۇ مۇقەددەس كۈندە، زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىز، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا باش ئەگىپ، قۇل بولۇپ ياشاشتىن، ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشنى شەرەپ دەپ بىلگەن ئىدى.
بارىن قەھرىمانلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى بەدىلىگە كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تەز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايان قىلغان ئىدى.
بارىن ئەزىمەتلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە، ھۆرلۈككە بولغان تەشنالىقى ۋە ئارزۇسىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاش بىلەن بىرگە، خەلقىمىزنىڭ دىلىغا مىللىي ئويغىنىش ۋە مىللىي كۈرەش ئۇرۇقىنى چاچقان ئىدى.
بارىن ئىنقىلابى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئەبەدى خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر مۇقەددەس كۈن سۈپىتىدە تارىخ بەتلىرىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالدى.
تەپسىلاتى...