د ئۇ ق باياناتى : خەلقىمىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ !
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەزىز يۇرتداشلار،
بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بولسا مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1997 – يىلى 5 – فېۋرالدا غۇلجىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 – يىللىقىدىن ئىبارەت. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا يەنە قايتا ئالىي ئېھتىرامىمىزنى، سېغىنىشىمىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى ئىزھار قىلىمىز !
ۋاپادار خەلقىمىز ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ۋە مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى ۋە قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ!
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقە ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلۇمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق ئىنكاسى ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت.
تەپسىلاتى...