رەھمەتلىك ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇر ئىچىدە ياتسۇن!
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى
ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئاڭلاپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈم.
ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى تەبىئىي قانۇنىيەت، ئەمما ھاياتىنى ئوز خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسى، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ئاتىغان پىداكار ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى، مىللىي داۋايىمىز سەپىدە زور يوقىتىشتۇر.
ئالىپتېكىنلەر ئائىلىسى، جۈملىدىن ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىدا تونۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان، زور قىيىنچىلىقلار بىلەن شەرقى تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە كەلگەن يۈزلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ بەشىنى سىلىغان خەيرى سۆيەر، مېھنەتكەش بىر شەرقىي تۈركىستان خىزمەتچىسى ئىدى.
ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ھېسداشلىق قىلغان تۈركىيەدىكى مىڭلىغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ زور قايغۇلۇق بىر ھادىسىدۇر.
د ئۇ ق نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى نامىدىن ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا ئەركىن ئالىپتېكىن باشلىق بارلىق ئالىپتېكىن ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا جانابى ئاللادىن سەۋر-تاقەت تىلەيمەن.
مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇر ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياتسۇن!
ھۆرمەت بىلەن،
رابىيە قادىر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى