پۈتۈن خەلقىمنىڭ مۇبارەك رامزان ئېيى قۇتلۇق بولسۇن!
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مانا بۈگۈن بىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى چەكسىز ھاياجان ۋە تەشنالىق ئىچىدە مۇبارەك رامزان ئېيىغا شەرەپ بىلەن قەدەم باستۇق، ئاللانىڭ قۇدرىتى ۋە ھىممىتى بىلەن جەننەتنىڭ پۈتۈن ئىشىكلىرى داغدام ئېچىلىدىغان، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىپ،شەپقەت ياغىدىغان، پۈتۈن تىلەكلىرىمىز قوبۇل بولىدىغان، پۈتۈن شەيتانلار زەنجىرگە مەھكۇم قىلىنىدىغان مۇشۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئاينىڭ يېتىپ كېلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن خەلقىمنىڭ ئۇشبۇ رامزان ئېيىنى يۈرەكتىن قۇتلۇقلايمەن، ئاللا ئىبادىتىڭلارنى، دۇئالىرىڭلارنى قوبۇل قىلغاي، ئۇلۇغ روزىنىڭ خاسىيىتى بىلەن ھەممىمىزگە ھىدايەت ئاتا قىلغاي !
تەپسىلاتى...