«شەرقى تۈركىستان ئىشغال قىلىنغان زېمىن» دىگەن تېمىدا مەخسۇس دوكلات تەييارلاشقا مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىش ئۇقتۇرۇشى
زوراۋان خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان مىللى زۇلۇم سىياسىتى، 2017-يىلدىن باشلاپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك تۈركى مىللەتلەرگە قارىتىلغان «ئىرقى قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تۈسىنى ئالدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، شەرقى تۈركىستان مەسلىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللى دەۋاسى دۇنياغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تونۇلدى ۋە رەسمى خەلقئارالاشتى. مىللىتىمىز تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك ۋەزىيەتتە بولۇشىغا قارىماي، دۇنيا ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگۈرۈشلەر، بىزگە بىر تەرەپتىن يېڭى ئۈمۈت ۋە پۇرسەتلەرنى ياراتسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللى دەۋا ئىشلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن بىزدىن يېڭى ئۇسۇل، يېڭى تەلەپ ۋە يۇقۇرى سەۋىيەلەرنى تەلەپ قىلماقتا.
ھازىرغىچە، شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ دۇنياغا يېتەرلىك دەرىجىدە تۇنۇلۇپ كېتەلمەسلىگى، شۇنىڭدەك خىتاي كومۇنىست ھاكىميىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدە «شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچى ئىشى»- دەپ كەلگەنلىكى ھەمدە، خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە قېتىلىش ۋە دۆلەتلەر بىلەن بولغان دېپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەردىمۇ بۇ شەرتلەر قوبۇل قىلىنغانلىغى ئۈچۈن، خەلقئارا جەمىيەتمۇ شەرقى تۈركىستان مەسلىسىنى، خىتاي دۆلىتىدىكى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» دەپ تونۇپ كەلگەن ئىدى. لېكىن شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ئاددى ھالدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ياكى ئاز سانلىقلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراش مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى، خىتايلار تەرىپىدىن بېسىپ ئېلىنغان بىر زېمىن(دۆلەت) نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدۇر!
شەرقى تۈركىستانىڭ مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكى بىز ئۈچۈن مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت. ئەپسۇسكى، دۇنيانىڭ ئىشلىرى بىزنىڭ ھىسىياتىمىزغا باقمايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ، شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن(دۆلەت) ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى، خەلقئارا ئەھدىنامىلەر ۋە خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بىۋاستە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىنتايىن چوڭ ۋە نازۇك بىر مەسىلە بولغاچقا، بۈگۈنكى دۇنياۋى سېستىمىلار ۋە دۇنيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن بۇ بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاددى ۋە ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ سەۋەپتىن، بىزنىڭ بۇ مەسىلىنى تارىخى پاكىتلار ۋە خەلقئارا قانۇنى ئاساسلار بىلەن مۇكەمبەل بىر ئىلمى دوكلات تەييارلاپ، دۇنياغا تەقدىم قىلىشىمىز، دۇنيانىڭ قايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز زۆرۈر بولماقتا، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللى دەۋا ئىشلىرىمىزنىڭ كېلىچەك تەرەققىياتى بىزدىن بۇنى تەقەززا قىلماقتا.
شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىلمى دوكلاتنى دۇنياغا ئىلان قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەپ ۋە زۆرۈرىيەتلەر تۆۋەندىكىچە:
1. شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پاكىتلىق دوكلات ئارقىلىق، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى بېسىپ ئېلىنغان بىر زېمىن(دۆلەت) نىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاش ھەمدە، مىللى ھەرىكىتىمىزنىڭ خارەكتىرى ۋە يۆنىلىشىنى كەسكىن ۋە ئېنىق قىلىپ بېكىتىش؛
2. خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى « شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسىنى پاكىتلار بىلەن بىتچىت قىلىش، شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە زېمىن، خىتاينىڭ بولسا ئىشغالىيەتچى ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى تارىخى ۋە قانۇنى ئاساسلار بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش؛
3. شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى، 1960 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تۈزۈپ ئېلان قىلغان «مۇستەملىكىسىزلەشتۈرۈش» ئەھدىنامىسىنىڭ قارارلىرىغا تەدبىقلاش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش، شۇنىڭدەك، شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قانۇنلىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش؛
4. كومۇنىست خىتاي ھاكىميىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان زۇلۇم سىياسىتى ۋە بۈگۈنكى ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» ئەمەسلىكىنى ۋە مۇشۇ ئاساستا خەلقئارانىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىگە بىۋاستە ئارلىشىشى ۋە ھەتتا زۈرۈر تېپىلغاندا خىتايغا ھەربى كۈچ ئىشلىتىشىگە قانۇنى يول ھازىرلاش. ( مىسال؛ كوسوۋا، بونسىنىيەگە ئوخشاش) ؛
بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەتلەرنىڭ بۇ بۇ ساھەدىكى تەجرىبىلىرىنى ئېسىمىزگە ئالساق، مەسىلىنىڭ زۈرۈرىيىتى ۋە مۇھىملىقى يەنىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.
تىبەت دەۋاسى، ئۇيغۇر داۋاسىدىن بۇرۇن دۇنياغا تونۇلغان ۋە دۇنياۋى زور قوللاشقا ئېرىشكەن ئىدى. 1911- يىلى چىڭ سۇلالىسى گۇمران بولغاندا تىبەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولغانلىغىنى، 1951- يىلى كومۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى قانلىق ئۇرۇشلار بىلەن تىبەتنى قايتا بېسىپ ئالغانلىقىنى پۈتۈن دۇنيا بىلەتتى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، تىبەتلەر بىرقانچە يىل سەرپ قىلىپ، تىبەتلىك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ، تىبەتنىڭ خىتاي كومۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان مۇكەممەل دوكلات تەييارلاپ چىقىپ، بۇ ئاساستا تىبەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ۋە دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. 2020-يىلى ئامرېكا پارلامېنتى تۇنجى بولۇپ تىبەتنىڭ خىتاي كومۇنىست ھاكىميىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان زېمىن(دۆلەت) ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىشىدا بۇ دوكلاتنىڭ رولى زور بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىغى، تەخىرسىزلىگى ۋە سالمىغى، شۇنىڭدەك، مەسىلىنىڭ تارىخ، خەلقئارا قانۇنلار ھەم باشقا ساھەلەرگە بېرىپ تاقىلىدىغان مۇرەككەپلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇنى بىر چوڭ تەتقىقات تېمىسى (پرۇجەكت) سۈپىتىدە ئىشلەشنى ئۇيغۇن كۆردۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن، خەلقىمىزگە ئوچۇق- ئاشكارە ئېلان بېرىپ، ئۆز ئىچىمىزدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم، تەتقىقاتچىلىرىمىزنى بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى ئويلاشتۇق.
بۇ تەتقىقات تېمىسىغا ئاجرىتىلغان خىراجەت ھازىرقى مۆلچەرىمىزدە، 50 مىڭ دوللاردىن 80 مىڭ دوللارغىچە.
رەسمى ئىش باشلاش ۋاقتى 2021- يىل، 6- ئاينىڭ 1- كۈنى. دوكلاتنى تاماملاپ بولۇش مۆھلىتى بىر يىل، يەنى 2022- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى. ماتېريال دەسلەپ قايسى تىلدا تەيارلانسا مەيلى، ئەمما دوكلاتنىڭ ئاخىرىقى نۇسخىسى ئېنگىلىزچە بولىدۇ. دوكلات تەييارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ ساھەدە تەجىربىلىك خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر، قانۇنچىلارنىڭ كۆزدىن كەچۈرىشىگە سۇنىلىدۇ.
مۇشۇ ئۇختۇرۇش ئېلان قىلغان كۈندىن ئېتىبارەن، ئۆزىنى بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا لاياقەتلىك ھېساپلىغان ھەرقانداق بىر شەرقى تۈركىستانلىق ۋەتەنداش، ئۆزىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە بۇ تەتقىقات ھەققىدىكى دەسلەپكى پىلانىنى تەخمىنەن 2-3 بەتلىك قىلىپ يېزىپ، 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىر كىشى بولسىمۇ، بىر گۇرۇپپا كىشى بولسىمۇ بولىدۇ. بارلىق ئىلتىماسلار تاپشۇرۇپ ئېلىنغاندىن كېيىن، بىرمۇ- بىر قاراپ چىقىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئايرىم- ئايرىم سۆزلىشىش ئارقىلىق، ئاخىردا ئەڭ لاياقەتلىك دەپ قارىغان بىر كىشى ياكى بىر گۇرۇپ بىلەن توختام تۈزۈلۈپ، ئىش باشلىنىدۇ. ئەگەر ئىش بىرلا كىشىگە تاپشۇرۇلغان ئەھۋالدا، ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كىشى، كېيىن ئۆز ئېھتىياجىغا كۆرە باشقا تەتقىقاتچىلارنى ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە تەكلىپ قىلسا بولىدۇ، ئەمما، توختامدا كېلىشىلگەن پۇلنىڭ مىقتارىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
2021.04.1
تەپسىلاتى...