دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 9 – نۆۋەتلىك ئومومىي سايلىمىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قۇرغۇچى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى ۋە  پۈتۈن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ 10 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9 – نۆۋەتلىك ئومومىي سايلىمىدا قۇززات ئالتاي ئەپەندىمنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ  يېڭى رەھبەرلىك ھەيئ‍ىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىگە مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمىز!

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، چەتئ‍ەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەركىۋىدىكى ئەڭ ئاساسلىق غوللۇق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن يېقىندىن زېچ ھەمكارلىشىپ، قۇرۇلتىيىمىزنىڭ خەلقئ‍ارادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىمىزنىڭ تەرەققى قىلىشىدا ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ئامېرىكىدىكى تەسىرچانلىقىنى ئاشۇرۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.

ئۆتكەن 3 يىللىق خىزمەت مۇددىتى ئىچىدە، ئىلشات ھەسەن رەھبەرلىكىدە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى، ئامېرىكىدا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن زور خىزمەتلەرنى قىلىپ كەلدى.

قۇززات ئالتاي ئەپەندىمنىڭ رەئىسلىكىدىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى ۋە ياش رەھبەرلىك ھەيئ‍ىتىنىڭ يۈكسەك شىجائەت بىلەن خىزمەت قىلىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللى ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ تەرەقىياتىغا تېخىمۇ كۆپ توھپىلەرنى قوشۇدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل.

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ​

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى خاتىرىلەش ھەققىدىكى چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى ​

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، 11-ئاينىڭ 12-كۈنى بولسا  تارىخىمىزدىكى شانلىق بىر كۈن، ئىككى قېتىملىق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى. ئەجداتلىرىمىز يېقىن تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، مۇستەقىللىقكە بولغان تەشنالىقىمىزنى ۋە ئىرادىمىزنى نامايەن قىلغان كۈن.

جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزنى خاتىرلىشىمىز ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇچۇن ھاياتلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەش، ئۇلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش بىزنىڭ ۋىجدانى، دىنى ۋە مىللى بۇرچىمىز.

تەپسىلاتى...

رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ​

بىز بۈگۈن رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ تۆنۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە موسكۋادا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىلىپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئەسلى قەشقەرنىڭ بەشكىرەم تەۋەسىدىن بولۇپ، ئوزى 1939-يىلى،10-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقى تۇركىستاننىڭ شىخۇ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

تەپسىلاتى...

د ئ‍ۇ ق: «5–ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 10 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزغا مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ​

ئەزىز قېرىنداشلار، «5–ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نىڭ 10 – يىللىقى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 2009 – يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

شۇ كۈنى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق – ھوقوقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھىساپلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا ۋە جازا لاگىرلىرىغا مەھكۇم قىلىندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي زىيانكەشلىك ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزانلىق پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە رامىزانلىق ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن مەشغۇل بولالماسلىقى ھەمدە قاتمۇ-قات دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى د ئۇ ق 7-ماي كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا يەنە بىر قېتىم ئالاھىدە تەكىتلەندى.

باياناتتا ئۇيغۇرلار ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي لىباسلارنىڭ مەنئى قىلىنىشى، دىنىي بۇيۇملارنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ جىنايەتكە سۇندۇرۇلۇشى، دىنىي ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران قىلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ساناپ ئۆتۈلىدۇ. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى خىتاي كومپارتىيەسى ئۈچۈن زور تەھدىت، دەپ قاراپ كەلگەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق دىنىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ.

باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي چەكلىمىلىرىنى «ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىشتەك زور پىلاننىڭ بىر قىسمى، خالاس» دەپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ھازىر لاگېرلارغا قاماشتا دىنىي ئېتىقادنى ئۆلچەم قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئۇنى پۈتۈنلەي «سۈپۈرۈپ تاشلاش» قا ئاتلانغانلىقىنى، بۇ ھالنىڭ بۇ يىلقى رامىزان مەزگىلىدە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانلىقى تەكىتلىنىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي دۇنياغا ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلارنى بۇ جەھەتتىكى بارلىق ھەقلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتىدۇ» دەيدۇ.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «دوپپا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھىم بەلگىسى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5‏-ماي كۈنى تۋېتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلىگەن.

باياناتتا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر يىلى 5‏-ماي كۈنى دوپپا بايرىمىنى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقانلىقى، دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ باش كىيىمى بولۇپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە «ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيەت كىملىكىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى» ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

دوپپا بايرىمى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن 5‏-ئىيۇل «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن، 2010‏-يىلدىن كېيىن رەسمىي تەبرىكلىنىشكە باشلىغان. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14‏-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىچىدە دوپپا كىيىشىنى چەكلىشى قاتتىق نارازىلىق قوزغاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دوپپىغا بولغان قىزغىنلىقنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. 

تەپسىلاتى...

د ئ‍ۇ ق ئاخباراتى : بارىن ئىنقىلابىنىڭ 29 – يىللىقىنى خاتىرلەيمىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ​

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى ۋەتەنپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز، خىتاي كوممونىست ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان دەھشەتلىك ئېغىر زۇلمى، سىياسى بېسىمى، ئىرقىي كەمسىتىشى، مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىكى يوقۇتۇش سىياسىتىگە قارشىي قوزغۇلۇپ، كۈرەشچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋە جەڭگىۋار ئەجداتلىرىمىزنىڭ زۇلۇمغا ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە تېز پۈكمەيدىغان كۈرەشچان روھىنى نامايەن قىلغان ئىدى.

بارىن ئىنقىلاۋىنىڭ 29 – يىللىغى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەركىنلىك، ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، ئىسسىق قانلىرنى پىدا قىلغان زەينىدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى پۈتۈن شېھىتلىرىمىزنى ئەسلەيمىز.

مىللىتىمىزنىڭ شەرىپىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلغان، خىتاي تۈرمىلىرىدە ۋە جازا لاگىرلىرىدا زۇلۇم چىكىۋاتقان، ئەمما باش ئەگمىگەن قەھرىمان ئوغۇلقىزلىرىمىزغا ئاللاھدىن غەيرەت ۋە سەبىر تىلەيمىز.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكرى ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 18‏-فېۋرال بايانات ئېلان قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ پىكىر ۋە ئىلىم ئەركىنلىكىنى قوغداشقا چاقىرغان.

د ئۇ ق باياناتتا يېقىندىن بېرى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بەزى ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ كاشىلىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بەزى غەرب دۆلەتلىرىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ۋە دىپلوماتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچى ھەم تەتقىقاتچىلارغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە كاشىلا قىلىش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

11‏-فېۋرال كۈنى كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش كانادانىڭ مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە دوكلات بەرگەندە بىر خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ كاشىلىسى ھەم ھاقارىتىگە ئۇچرىغان.

بەزى تاراتقۇلاردا بۇ ۋەقەگە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ قول تىققانلىقى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆرسەتمە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. د ئۇ ق باياناتتا، مەك-ماستېر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋەقەنىڭ بىردىنبىر ھادىسە ئەمەسلىكنى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ فىرانسىيەنىڭ سراسبورگ، ئامېرىكىنىڭ دۈك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەر خىتايلار تەرىپىدىن كاشىلىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، «جىددىي تېمىلارنى ھېچقانداق پاراكەندىچىلىككە، تەقىبلەشكە ۋە ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىماي، ئوچۇق ئاشكارا، ئىجابىي مۇنازىرە قىلىش ئەركىن ۋە باراۋەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئاساسىدۇر» دېيىلگەن. 

تەپسىلاتى...

د ئ‍ۇ ق ئاخباراتى : دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ يېڭى چاقىرىقىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتى تەرىپىدىن يېقىندا ئېلان قىلىنغان 2019 – يىلى 3 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان فوتوسۈرەت كۆرگەزمىلىرىنى ئېچىش ھەققىدىكى چاقىرىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇ چاقىرىققا قىزغىن ئاۋاز قوشۇدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

نۆۋەتتە مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە باشقا جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن دۇنيا مىقياسىدا دېپلوماتىيە جەھەتتە جىددى ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتە «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم ھەرىكىتى» تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئوخشاش ۋاقىتتا بىردەك ھالدا خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان رەسىم كۆزگەزمىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ دېپلوماتىك ھۇجۇملىرىنى بەربات قىلىش ۋە خەلقئ‍ارا جامائەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ كەڭ ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە ئىنتايىن موھىم ئەھمىيەتتە ئىگە !

شۇنىڭ ئۈچۈن بىز، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پۈتۈن تەشكىلاتلىرىمىزنى، سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى ۋە خەلقىمىزنى «بىر ئاۋاز، بىر قەدەم» ھەرىكىتىنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىنلىق بىلەن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشقا ۋە بۇ ھەرىكەتنى ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ قۇۋەتلەشكە چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» ھەققىدىكى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ​

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار. سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»دىن ئىبارەت.

1948 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن جەمئىي 30 ماددىدىن تەركىب تاپقان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ باياننامە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ۋە ئىنسانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، ھۆررىيىتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ نىزام ۋە پىرىنسىپ سۈپىتىدە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ كېلىنمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىپ، «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى» ئېلان قىلىنغان بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈننى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللىي مەۋجۇتلۇقى  ئېغىر تەھدىتكە ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى  قاتتىق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە دات – پەرياتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىۋېلىش ئۈچۈن  خەلقئارالىق سىياسى زېمىن ھازىرلاپ كەلمەكتە. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»دىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ساداسىنى ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى.

«دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىنسان ھەقلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسەتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ باياننامىنىڭ روھىنى ۋە تۈپ پىرىنسىپلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ-ئاستى قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە پۈتمەس – تۈگىمەس بالايى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.   مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى بولسا «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»نىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ جانلىق ئىسپاتلىرىدىن ئىبارەت. 

بۈگۈن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندى، «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»نىڭ پىرىنسىپلىرى بىزگە ئوخشىغان مۇستەملىكە ئاستىدا  ياشاۋاتقان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بۇلۇپ رول ئويناپ كەلمەكتە. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ۋە پۈتۈن سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردە نامايىش قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات – بايانات ئېلان قىلىش … قاتارلىق شەكىل ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ يۈرەك سادالىرىنى روشەن ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا تۇيغۇزۇشقا ۋە مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى قىمىشلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ​

تەپسىلاتى...