ميۇنخېندا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمدىن مەلۇمات بېرىش ۋە مۇھەممەد سالىھ داموللام روھىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 7– فىۋرال

ميۇنخېندا شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمدىن مەلۇمات بېرىش ۋە مۇھەممەد سالىھ داموللام روھىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ

قەدىرلىك ۋەتەنداشلار،

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئەۋجىگە چىقماقتا. ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئۆلىمالىرى ۋە زىيالىيلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىليونلارچە خەلقىمىز تۈرمىلەرگە ۋە «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى»گە قامىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەر بىلەن جازالانماقتا، ھەتتا شېھىت قىلىنماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10 – فېۋرال شەنبە كۈنى ميۇنخېندىكى تۈرك تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرىگە ۋە ئۇيغۇر جامائىتىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بېرىش، خىتاي تۈرمىسىدە شېھىت بولغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام باشلىق مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ روھىغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى لايىق تاپتى. پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان كىشىلەر سانىنىڭ كۆپلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ پائالىيەتنى «دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام مەركىزى» تەشكىلاتىنىڭ چوڭ زالىغا ئورۇنلاشتۇردى. (Impilerstr)

گېرمانىيەدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئەر-ئايال ۋە بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنى ئېلىپ، شەنبە كۈنىدىكى بۇ مۇراسىمىمىزغا تولۇق قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىمىز. مېھمانلار ئۇيغۇرچە تائاملار بىلەن كۈتۈلىدۇ.

ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنبە، سائەت 17:00
ئادرېسى: Schanzenbachstraße.1
پوچتا نومۇرى: 81371
ئالاقىلاشقۇچى: تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ھاجىم
تېلىفون نومۇرى: 017610382764

ھۆرمەت بىلەن:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى

تەپسىلاتى...

ياۋرۇپا پارلامېنتى ئالدىدا 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 22– يانۋار

مۆھتىرەم ۋەتەنداشلار،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۈنسىرى ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قىينىلىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە تەسىرلىك رەۋىشتە ئاڭلىتىش ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زۇلۇمىغا قارشى جىددىي قارارلار قوبۇل قىلىش ھەمدە ئەمەلىي بېسىم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىدىدە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى پارلامېنت ۋە ياۋرۇپا كومىسىيونۇ بىناسى ئالدىدا  4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 5 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

تەپسىلاتى...

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 29– يانۋار

<<قۇرئان كەرىم>>نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە <<مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمىھالى>>، <<سەھىھۇل بۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى>>، <<ياخشىلارنىڭ باغچىسى>> قاتارلىق مەشھۇر تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى بولغان يىتۈك ئالىم، ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا تارقالغان خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قايغۇغا ئەسىر قىلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارىتا غەزەبلىرىنى ئۆرلەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە پەن ساھەسىدىكى يولباشچىلىرىنى، خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈلگەن، ئېتىراپ قىلىنغان مۇنەۋۋەر زاتلىرىنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندا جاھالەت ھەم ئاسارەت ھۆكۈمرانلىقىنى ھاكىم قىلىش يولىدا پۈتۈن چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلماقتا.

خىتاي تۈرمىلىرىدىكى مىڭلارچە تۇتقۇن ئارىسىدىن شېھىتلىك مۇقامىغا ئۇلاشقانلار قاتارىدىن يەر ئالغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ھاياتى بويىچە ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ئىسلامنى ياشىتىش، ئاللاھنىڭ نامىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن بەدەللەر تۆلەپ ئۆتكەنلىكى خەلقىمىزگە مەلۇمدۇر.

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام يەنە ئىسلام دۇنياسىدىمۇ تونۇلغان ۋە ئىتىراپ قىلىنغان ئاتاقلىق زات ئىدى. ئۇ 1988 – يىللىرى ماراكەش پادىشاھى ھەسەن سانى تەرىپىدىن، 1990 – يىلى مىسىر رەئىسى مۇبارەك تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئۆلىما بولۇپ تەقدىرلەنگەن ھەمدە قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىۋنىڭ ھۆرمىتىگە مۇشەررەپ بولغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مۇسىبەت ئىچىدىكى خەلقىمىزگە، مەرھۇمنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا سەبىرلەر تىلەش بىلەن بىرگە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى يەنە مىڭلارچە مۇھەممەد سالىھلارنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئۈمىد بىلەن قاراشقا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىمىز!

مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

ھۆرمەت بىلەن:

دولقۇن ئەيسا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نى خاتىرىلەش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018 – يىلى 13– يانۋار

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى چەككە يېتىپ، خەلقىمىز مۇستەملىكە تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر، ئەڭ پاجىئەلىك ھاياتنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان بىر چاغدا، «5 – فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى»نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش دەۋرى يېتىپ كەلمەكتە. دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى باشقا ئەمەلىي ھەرىكەتلەرگە قۇربىتى يەتمىگەن تەقدىردىمۇ، نامايىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى، ئۆزىنىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارەتكە قارشى غەزەپ – نەپرەتلىرىنى ئىپادە قىلىشىغا قۇربىتى يېتىدۇ. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش گۇناھ بولغىنىدەك، زۇلۇمغا قارشى ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن، ئەزىز جانلىرىنى بەرگەن شېھىدلىرىمىزنى ئۇنتۇشمۇ گۇناھتۇر.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يېڭى يىلى قۇتلۇق بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2018-يىلى 1-يانۋار

پۈتۈن دۇنيا خەلقى، زور سىياسى داۋالغۇشلار، ئىقتىسادى كىرزىسلەر، رايون خارەكتىرلىك توقۇنۇشلار ۋە تېرور ھۇجۇملىرى بىلەن تولغان 2017 – يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۈمىد ۋە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن 2018 – يىلىغا قەدەم قويدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمىز ۋە خەلقىمىزگە بۇ يېڭى يىلىدا ئامانلىق، خاتىرجەملىك، بەخت – سائادەت تىلەيمىز!

تەپسىلاتى...

ۋېيماردا ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئەركىنلىك مۇكاپاتى مۇراسىمىغا قاتنىشىش ۋە نامايىش چاقىرىقى

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 5-دېكابىر

ئەزىز ۋەتەنداشلار، 10 – دېكابىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋەيمار شەھىرىگە جەم بولۇپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن <<ۋەيمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى>>نى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ ھەمدە مۇراسىمدىن كېيىن ۋەيمار شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئالدىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزىۋاتقان ۋەھشى زۇلۇملىرىغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارىدۇ.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ھەققىدىكى ئاخباراتى

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 1-دېكابىر

 

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، 10 – دېكابىر بولسا دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى.

ب دت تەرىپىدىن 1948-يىلى ماقۇللانغان «ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسى» دۇنيادا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنى دەپ بىلىنىدۇ. خىتابنامىدە، ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئانىسىدىن تۇغۇلغان ۋاقتىدا ئىگە بولغان ئەركىنلىكى ئىكەنلىكى، ھەركىمنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى، ئىنسانلارغا قارىتا تەن جازاسى ئېلىپ بېرىشقا، ئىنسانلارغا يامان مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدىغانلىقى جاكارلانغان.

بۇ قارار 1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇ كۈن دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى دەپ تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.

دېمەك، دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشىغان ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئۈچۈن 10 – دېكابىر ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندىن ئىبارەت !

تەپسىلاتى...

مەرھۇم ئۇستازىمىز مىرسۇلتان ئوسمان ۋە غازى ئەمەتنىڭ ئاخىرەتلىكى خەيىرلىك بولسۇن

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 1-دېكابىر


 مەرھۇم غازى ئەمەت ۋە مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندىلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىشى ئۇيغۇر مىللىتىنى مۇسىبەت قايغۇسىغا چۆمدۈردى. ھەر ئىككى زات ئۆز مىللىتىنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرغان، مىللىتى ئۈچۈن كۆپ ئەجىرلەر قىلغان، نۇرغۇنلىغان شاھانە ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرغان مۆتىۋەرلەردىن ئىدى.

مەرھۇم مىرسۇلتان ئوسمان ئەپەندى ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدىكى مول ھوسۇللۇق ئىجادكارلاردىن بىرى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئىجادىي ئەسەرلەرگە مۇئەللىپ بولۇپلا قالماي <<تۈركىي تىللار دىۋانى>>، <<قۇتادغۇ بىلىك>>، <<چاھار دىۋان>>، <<دىۋان خاراباتى>> قاتارلىق كۆپلىگەن كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىرگە تەييارلاش ئىشلىرىغىمۇ زور تۆھپىلەر قوشقان ئىدى. نۇرغۇنلىغان ياش تىلشۇناسلارنى، تۈركوگلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىپ، تىلىمىزنى قوغداپ قېلىش يولىدا بىباھا خىزمەتلەرنى قىلغان، قابىل ئۇستاز ۋە مېھرىبان باغۋەن ئىدى.

مەرھۇم غازى ئەمەت ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسسامچىلىقىغا ئاساس سېلىپلا قالماي، قويۇق مىللىي پۇراققا ئىگە رەسىملىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت، سەنئىتىنى تونۇتۇشقىمۇ زور ھەسسىلەر قاتقان. پارىژ قاتارلىق دۇنيا سەنئەت مەركەزلىرىدە ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، خەلقئارادا زور ئۇتۇق قازانغان تالانتلىق سەنئەتكار بۇلۇپ،  ئۇزۇن يىللىق ئىجادىيەت دەۋىرلىرىدە ئۆز مىللىتىگە سادىق ياشىغان ۋە ياراملىق بىر بۆلۈك ئىز باسارلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن ئىدى.

مىللەتنىڭ بۇ تەۋەرۈك زاتلىرى، ئۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن نادىر ئەسەرلەر بىلەن بىرگە ئۆز خەلقىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ.

 د ئۇ ق غا ۋەكالىتەن، جانابى ئاللاھتىن مەرھۇملارنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى،  ئۇرۇق – تۇققانلىرىغا سەبىرلەر ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. نۇر ئىچىدە ياتسۇن.

ھۆرمەت بىلەن:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا

2017-يىلى 1-دېكابىر

 

تەپسىلاتى...

«زامانىمىزدىكى ئانا تىللار» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 28– نۇيابىر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ھەمكارلىقىدا 1-دېكابىر كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت ) نىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى شتابىدا 10-قېتىملىق «ب د ت ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى «زامانىمىزدىكى ئانا تىللار: ياشلار دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىت ۋە خىرىسلار» ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تور بېتىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئانا تىلنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك ئانا تىللارنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ھازىرقى زاماندا قانداق تەھدىت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. بۇ خىرىسلارنىڭ زالىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ غەرەزلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن پەيدا بولغانلىقى ياكى زامانىمىزدىكى يەر شارىلىشىۋاتقان تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك بۇنىڭ ياش ئەۋلادلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى قاراپ چىقىلىدىكەن.

بۇ قېتىمقى يىغىن يەنە ئانا تىللار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ خىل يېڭى يۈزلىنىشلەر ھەققىدە ياشلارنىڭ قانداق پىكىردە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە بۇ ئامىللارنىڭ قانداق قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، جۈملىدىن د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلىدىكەن.

تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چىكىپ كۆرۈۋېلىڭ:

http://www.uyghurcongress.org/en/?p=33554

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەئ‍ىسى دولقۇن ئىسا ئەپەندىنىڭ 6 – قۇرۇلتايدىكى يېپىلىش نوتۇقى

دۇنيا ئ‍ۇيغۇر قۇرۇلتىيى، 2017-يىلى 25-نۇيابېر

ئەزىز ۋەتەنداشلار، مۆھتىرەم ۋەكىللەر،

مەن ئاۋۋال، د ئۇ ق نىڭ يېڭىدىن سايلانغان بارلىق رەھبەرلىرىگە ۋەكالىتەن، مۇقەددەس جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزنى قۇتلۇقلايمەن. بۇ مۇبارەك كۈندە سان-ساناقسىز شېھىتلەرنىڭ ۋە ساناقسىز جەڭگىۋار ئەجداتلىرىمىزنىڭ پىداكارلىقلىرى بىلەن بىزگە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇپ، شانلىق بىر تارىخنى، غۇرۇر بىلەن لەپىلدىتىۋاتقان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى مىراس قالدۇرغان قەدىردان ئەجداتلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمىز. بۇ ئەزىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ  ماكانى جەننەت بولسۇن ۋە نۇر ئىچىدە ئەبەدى ئىستىراھەت ئەتسۇن دەپ جانابى ئاللاھغا دۇئا قىلىمىز.

تەپسىلاتى...