«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» چاقىرىش ھەققىدە مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ​

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز ۋەتەنداشلار،

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالغان قارارىغا ئاساسەن، 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 -10 كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە دۇنيادىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، غوللۇق سىياسىي پائالىيەتچىلەر، ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابلىرى، سودا – سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك ئەربابلار، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار، شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، ئۆزبېك، تاجىك قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى چاقىرىلىدۇ.

كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 10- 13 – كۈنلىرى جەنۋەدە چاقىرىلغان ب د ت نىڭ ئېرقىي ئايرىمىچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىتاينى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپلا قالماستىن، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرى دىنسىزلاشتۇرۇش، مىللى كىملىكىنى يوق قىلىش، ئۇلارنىڭ مىللىي مائارىپىنى چەكلەش … قاتارلىق جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىمۇ تامامەن رەت قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇخىل مۇتىھەملەرچە پوزىتسىيەسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىمىزدا يەنىمۇ خەتەرلىك ۋە زور بالايى – ئاپەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئوچۇق بىشارەت بەرمەكتە، خەلقئ‍ارا جامائەتچىلىكمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدىن جىددى ئەندىشە ۋە قايغۇ تۇيماقتا !

ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرلىرىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقى ب د ت تەرىپىدىن رەسمىي يوسۇندا ئېتىراپ قىلىندى، خەلقئ‍ارالىق تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا ۋە خەلقئ‍ارا مەتبۇئاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ 3 مىليونغا يېتىپ بارغانلىقى قەيىت قىلىنماقتا!

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مۇستەبىت ۋە فاشىست تۈسىنى ئالغان دۆلەت تېررورى قاپلىغان، خەلقىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن «دۈشمەن مىللەت» دەپ قارىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئاتالمىش «دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» دېگەن شۇئار ئاستىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە، خىتاينىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى مىللەت سۈپىتىدە قوزغۇلۇپ يېڭى ئىستىراتېگىيە ۋە يېڭى يول خەرىتىسى بېكىتىپ چىقىش مەقسىدىدە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى»نىڭ چاقىرىلىشى، خەلقىمىزنىڭ ئارزۇسى، مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ تەقەززاسى بولماقتا!

نۆۋەتتە خەلقئ‍ارادا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە جىددى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كۈچلىنىشى ۋە كېڭەيمىچىلىكنى مەقسەد قىلغان تاشقىي سىياسىتى قوشنا دەۋلەتلەر ۋە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دەۋلەتلەرىنى بىئ‍ارام قىلىۋاتىدۇ. ئ‍ىچكى جەھەتتە شى جىڭپىڭ ھاكىمىيىتىگە نىسپەتەن نارازىلىق ۋە زىددىيەتلەر كۈچلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ئىقتىسادى چېكىنىشكە قاراپ يۈز تۇتماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا يالغۇزلا ئۇيغۇرلا ئەمەس قازاقلار، قىرغىزلار ۋە موڭغۇللارمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ باستۇرۇش نىشانىغا ئايلاندى. جۈملىدىن مەۋجۇت ۋەزىيەتلەر كىرىزىسقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. كىرىزىس پۇرسەت ياراتقانغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈنمۇ بەزى پۇرسەتلەر كېلىۋاتىدۇ. چەتئ‍ەلدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، يەنى داۋانى خەلقئ‍ارالاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلاندى ۋە ئىككىنچى باسقۇچ بولغان داۋانى قانداق قىلىپ خەلقئ‍ارا سەھنىدە تەسىرلىك، كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملىك ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ.

خىتاي ھاكىمىيىتىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى توختىتىشقا، جۈملىدىن جازا لاگىرلىرىنى تىز سۈرەتتە تاقاشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن خەلقىمىزنى ۋە خەلقئ‍ارا جامائەتچىلىكنى قانداق سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈش مۇھىم بىر مەسىلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ قېتىمقى شەرقىي تۈركىستان مىللى كېڭىيىشىدە جازا لاگىرلىرى مەسىلىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھىم شەخىسلەر بىلەن تۆۋەندىكى تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ۋە كېڭەش ئېلىپ بېرىلىدۇ:

– شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىستراتېگىيەسى؛

– ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇشنىڭ كونكىرىتنى چارە – تەدبىرلىرى؛

– ۋەتىنىمىزدە يۈز بېرىش ئېھتىمال بولغان كەڭ كۆلەملىك ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە زور مىللىي توقۇنۇشلاردا قانداق قىلىش؛

– سىياسىي كۆزقاراشلىرى بىر – بىرىگە ئوخشىمىغان تەشكىلاتلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى؛

– شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەرلىك خەلقلىرىدىن بولغان قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۇچلەندۇرۇشنىڭ يوللىرى؛

– ئىچكى – تاشقى تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قانداق كۈچەيتىش؛

– مىللىي ھەرىكىتىمىزگە كېرەكلىك ئىقتىسادىي مەسىلىلەر؛

– خىتاينىڭ مىللى ھەرىكىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇش، پارچىلاش، يوق قىلىش سىياسىتىگە ۋە ئىچكى – تاشقى ھۇجۇملىرىغا ئورتاق ھالدا قانداق تاقابىل تۇرۇش يوللىرى؛

– شەرقىي تۈركىستان ياشلار ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش؛

– شەرقىي تۈركىستان ئاياللار ھەرىكىتىنى قانداق كۈچەيتىش؛

– چەتئەللەردە مىللىي كىملىك ۋە مىللى مەۋجۇدىيىتىمىزنى قانداق ساقلاپ قېلىش؛

– ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇنلار ۋە مۇھاجىرلار دۇچ كېلىۋاتقان ھەرخىل كىرىزىس ۋە قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى؛

بۇ قېتىمقى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» ئارقىلىق يۇقىرىقى سوئاللارغا ۋە ساقلىنىۋاتقان باشقا مەسىلىلەرگە ھەممىمىز بىرلىكتە جاۋاب تاپىمىز . ھەممىمىز ئىدىيىنى ۋە ھەرىكىتىمىزنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەۋجۇت ئىچكىي زىددىيەت، ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارغا تەل – تۆكۈس خاتىمە بېرىپ، ئىتتىپاقلىق ۋە ئورتاقلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى، ھەممىمىز بىرگە بۇنىڭدىن كېيىنكى تۈپ يىتەكچى ئىدىيە ۋە ماڭىدىغان يۆنىلىشنى بەلگىلەشنى مەقسەد قىلىمىز.

شۇڭا، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ قېتىمقى خەلقئارالىق مىللىي كېڭەشكە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ۋە ئۈنۈملىك چاقىرىلىشى ئۈچۈن پىكرىي، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە ۋە تەكلىپنامىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان پۈتۈن ۋەكىللىرىمىزنى يۈكسەك دەرىجىدىكى مىللىي مەسۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن مىللىي كېڭەش يىغىنىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلىشقا چاقىرىمىز !

ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى

تەپسىلاتى...

دىنىي ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە مىنىستىرلار يىغىنى: خىتايغا ئالاقىدار بايانات

تۈركىستان ۋاقتى خەۋىرى
2018 – يىلى  31-ئىيۇل

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قويغان قاتتىق چەكلىمىلىرىگە چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز. خىتايدىكى نۇرغۇن دىنىي ئاز سانلىقلار – ئۇيغۇر، تۇڭگان ۋە قازاق مۇسۇلمانلىرى؛ تىبەت بۇددىستلىرى؛ كاتولىكلار، پروتېستانلار؛ فالۇنگۇڭچىلار – ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ئېغىر باستۇرۇش ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىماقتا. بۇ توپلۇملار دوكلاتلىرىدا ئىزچىل تىزىمغا ئالدۇرغان ياكى ئالدۇرمىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە تىنچ ئىبادەتلىرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن دائىرىلەرنىڭ تەن جازاسى، جىسمانى جەھەتتىن خورلاش، خالىغانچە قولغا ئېلىش، قاماپ قويۇش، جازاغا ھۆكۈم قىلىش ياكى پاراكەندە قىلىشغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. دائىرىلەر يەنە نۇرغۇنلىغان دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىگە ساياھەت چەكلىمىسى قويغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ سايلام، مائارىپ ئىشلىرىغا ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىشىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت بۇددىستلىرىغا ئېلىپ بارغان دىن، تىل ۋە مەدەنىيەت كىملىكى جەھەتتىكى قاتتىق باستۇرۇشلىرىغا قارىتا چوڭقۇر ئەندىشىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قارشىلىق نىشانى پەقەتلا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ​

 

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ قارشىلىق نىشانى پەقەتلا خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى

ئەزىز ۋەتەنداشلىرىمىز دىققىتىگە:

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىش پرىنسىپى ئاساسىدا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىستراتىگىيەسى ۋە پلانلىرىنى تۈزۈپ ھەم ئىجرا قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ يىتەكچىلىك رولىنى ئاقتۇرۇپ كەلمەكتە.

خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەزىز خەلقىمىزگە قاراتقان تۈپتىن قۇرۇتۇش سىياسىتىگە قارشى ۋەتەن سىرتىدىكى ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ۋەتەندىكى ئاسارەت زىندانلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يۈرەك پەريادىغا تەرجىمان بولماقتا.

تەپسىلاتى...

5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن توققۇز يىل كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش ئىزچىل داۋاملاشماقتا

تۈركىستان ۋاقتى تەرجىمىسى

جىددىي بايانات
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى

2018- يىلى 3- ئىيۇل


2009- يىلى 7- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي قوراللىق كۈچلىرى بۇ شەھەردە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى، ئۇيغۇر ئەرلىرى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىندى، قولغا ئېلىنغانلار ئىچىدە نۇرغۇن كىشى مەجبۇرىي يوق قىلىۋېتىلدى، بۈگۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ھېچبىر ئىز-دېرىكى يوق.

بۇ ۋەقەدىن توققۇز يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ لاگېرلارغا قامىماقتا، نۇرغۇنلىغان قولغا ئېلىنغۇچىنىڭ ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 11- ئايدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلۈك باھالاش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىدۇ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۇنيا دۆلەتلىرىنى داۋاملىق سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  5-ئىيۇل

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاراپ تۇرماسلىققا چاقىردى.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باياناتىدا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر مەھەللىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، مەھەللىدىكى ئۇيغۇر ئەرلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقى، ھالبۇكى ئارىدىن 9 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش ۋە مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىش سىياسىتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىرلاشقان ھالدا داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق تەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن يېڭىدىن تۈزۈلگەن پاناھلىق تىلەش قوللانمىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات كومىتېتى

2018-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نتەتقىقات كومىتېتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يېزىقتا ئىشلەنگەن، مەخسۇس پاناھلىق تىلەش ھەققىدە ساۋات ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن قوللانمىنى بۇ ئادرېسدىن چۈشۈرۈپ ئالالايسىز. قوللانما ھەققىدە ھەر قانداق تەلەپ – پىكىر بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

غەرب ئەللىرى ب د ت دا لاگېرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە خىتاينى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئەركىن ئاسىيا خەۋىرى
2018 – يىلى  29-ئىيۇن

27-ئىيۇن غەرب دېموكراتىك ئەللىرى ب د ت دا خىتايدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەپتە ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» مەسىلىسى تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقئارانىڭ دىققىتىنى يەنە بىر قېتىم جەلپ قىلدى.

23-ئىيۇن ۋە 25-ئىيۇن كۈنلىرى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 38-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ھەمدە 26-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تەھدىت ئاستىدىكى ئىنسانلار: يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئازابلانماقتا» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ئىدى. 27-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ب د ت 38-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىنىڭ 4-بۆلۈمىدە غەرب دېموكراتىك ئەللىرى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە نىسبەتەن ئېغىر دىپلوماتىك بېسىم پەيدا قىلدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مىللىي ئۇستازىمىز رابىك ئىسمايىلوف ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى ​

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مىللىي ئۇستازىمىز رابىك ئىسمايىلوف ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى

2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى، قازاقىستاندا ياشاپ كېېلىۋاتقان ئاتاقلىق ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى، شائىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى، خەلقئ‍ارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئىجىرائىيە رەئىسى ۋە ئىدارە ھەيئ‍ەت ئەزاسى، قازاقىستان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغان مۆھتەرەم ئۇستازىمىز رابىك ئىسمايىلوف ئەپەندىمنىڭ شاھادەتكە ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ چەكسىز قايغۇردۇق، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەرھۇمغا رەھمەت ۋە پۈتۈن ئائ‍ىلىسىدىكىلەرگە سەبىر – تاقەت تىلەيمىز، مەرھۇمنىڭ روھى شاد، ماكانى جەننەت بولسۇن!

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەسقەرجان ئەپەندىمنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەققىدىكى قارارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چاقىرىلغان ئىجرائ‍ىيە كومىتېتى يىغىنىدا، قۇرۇلتاي رەئ‍ىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمنىڭ گېرمانىيەدىن د ئ‍ۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئ‍ىسى ئەسقەرجان ئەپەندىمنى قۇرۇلتىيىمىزدا ۋەزىپىگە تەيىنلەش ھەققىدىكى تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە ئىجرائ‍ىيە كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن ئەسقەرجان ئەپەندىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپادىكى سىياسى ئىشلىرىغا مەسئ‍ۇل ۋاكالەتچىلىكىگە تەيىنلەندى.

بۇندىن كېيىن ئەسقەرجان ئەپەندىم رەسمىي يوسۇندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىش سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقىغا ئىگە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى

2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى

 

تەپسىلاتى...

رەئىسىمىز ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ​


ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﺒﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ، 30 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﯞﻩﺗﯩﻨﻰ، ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ، ﯞﺍﻛﺎﻟﻪﺗﺴﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻳﺨﺎﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ 5 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 17 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 15:18 ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻟﻼﮪﻨﯩﯔ ﺭﻩﮪﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﺎﺋﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

تەپسىلاتى...