دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى» ھەققىدىكى ئاخباراتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ​

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار. سىلەرگە مەلۇم بولغىنىدەك، 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بولسا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»دىن ئىبارەت.

1948 – يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن جەمئىي 30 ماددىدىن تەركىب تاپقان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»ئېلان قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان بۇ باياننامە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ۋە ئىنسانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى، ھۆررىيىتىنى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ نىزام ۋە پىرىنسىپ سۈپىتىدە ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى تەرىپىدىن قەدىرلىنىپ كېلىنمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەر يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دەپ ئېلان قىلىپ، «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى» ئېلان قىلىنغان بۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە كۈننى خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللىي مەۋجۇتلۇقى  ئېغىر تەھدىتكە ۋە ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى  قاتتىق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ يۈرەك ساداسىنى ۋە دات – پەرياتلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىۋېلىش ئۈچۈن  خەلقئارالىق سىياسى زېمىن ھازىرلاپ كەلمەكتە. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى»دىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ساداسىنى ۋە ئارزۇ – ئىستەكلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كەلدى.

«دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئىنسان ھەقلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسەتلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بۇ باياننامىنىڭ روھىنى ۋە تۈپ پىرىنسىپلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاياغ-ئاستى قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىگە پۈتمەس – تۈگىمەس بالايى – ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى.   مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نۆۋەتتە ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزگە قارىتا رەھىمسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى بولسا «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»نىڭ ئوچۇق – ئاشكارە ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ جانلىق ئىسپاتلىرىدىن ئىبارەت. 

بۈگۈن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پىرىنسىپلىرى ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلاندى، «دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسى»نىڭ پىرىنسىپلىرى بىزگە ئوخشىغان مۇستەملىكە ئاستىدا  ياشاۋاتقان ئەسىر مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بۇلۇپ رول ئويناپ كەلمەكتە. 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنى ۋە پۈتۈن سىياسى پائالىيەتچىلىرىمىزنى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئەللەردە نامايىش قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاخبارات – بايانات ئېلان قىلىش … قاتارلىق شەكىل ۋە ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ يۈرەك سادالىرىنى روشەن ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا تۇيغۇزۇشقا ۋە مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى قىمىشلىرىنى پاش قىلىشقا چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن :

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ​

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى خىتاپنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 2018 – يىلى 8-10 نويابىر كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن، 22 دۆلەتتىن كەلگەن 250 دىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، سىياسىيۇنلار، مۇتەخەسسىسلەر، داڭلىق زىيالىلار، دىنىي زاتلار، دۆلەت ئەربابلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ياشلار ۋە ئاياللار ۋەكىللىرى قاتناشقان تۇنجى نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان مىللىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقىغا، ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كوللىكتىپ جازالاشتەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىش، ئۆزگىرىۋاتقان خىتاي ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىگە ماس ھالدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئەمەلىي قەدەم باسقۇچلىرى ھەم ئىستراتېگىيەلىرىنى بېكىتىش، خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى سىياسىتى ئاستىدا مەۋجۇدلىقى خەۋپ ئاستىدا قالغان مىللىتىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە 3 كۈن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋە دۇنيا جامائىتىگە تۆۋەندىكى مۇراجىئەتلىرىنى جاكارلاشنى قارار قىلدى:

تەپسىلاتى...

2018 – يىللىق ئىستىقلال مارشى مۇسابىقىسى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 11-ئاينىڭ1-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا باشلىتىلغان 2018 – يىللىق «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى»نى باھالاش خىزمەتلىرى تاماملاندى ۋە مۇسابىقىدە دەرىجىگە ئېرىشكەن شەخىس ۋە گۇرۇپپىلار بېكىتىپ چىقىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا ئىستىقلال مارشىمىزنى كەڭ دائىرىدە ئوموملاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مىللىي ئېڭىنى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق تۇيغۇلىرىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش مەقسىتىدە، 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن ئېتىبارەن «ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى» پائالىيىتىنى رەسمىي تۈردە باشلىغان، شۇنداقلا بۇ شەرەپلىك ۋە ئەھمىيەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئادىل بىر شەكىلدە باھالاپ چىقىش ئۈچۈن، مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم شائىرلىرىمىز، ئەدىپلىرىمىز، سەنئەكارلىرىمىز ۋە كومپوزىتورلىرىمىزدىن تەشكىل تاپقان تەرەپسىز بىر باھالاش ھەيئىتىنى قۇرۇپ چىققان ئىدۇق.

ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى باھالاش ھەيئىتى، 2018 – يىلى 10 – ئاينىڭ 28 – كۈنى باھالاش خىزمەتلىرىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىدى ۋە نومۇر قويۇپ باھالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق دەرىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلارنى ئاخىرقى قېتىم بېكىتىپ چىقتى.

تەپسىلاتى...

ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﺋﯩﺠﺮﺍﺋﯩﻴﻪ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﭙﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ21-كۈنى ​

مۆھتىرەم ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ،

ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﯞﻻﺩ ﻳﺎﺵ ﻧﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ، ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺍﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯗﻕ. ﺳﯩﺰ 2006 – ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ 12 ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ، ﻣﯩﻠﯩﻲ ﺩﻩﯞﺍﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮪﻪﺳﺴﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻼﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﺩﺍ ﻛﯜﻧﺘﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻟﯘﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯧﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى مەزگىلىدىكى قائىدە – پىرىنسىپلار

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ​

1.    بارلىك ۋەكىللىرىمىز يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە تولۇق ئەمەل قىلىشى ۋە ئۈچ كۈنلۈك يىغىنىمىزنىڭ پۈتۈن پروگراممىلىرىغا ۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىشى لازىم، ئەگەر پەۋقۇلادە سەۋەپلەر بىلەن يىغىننىڭ بەزى بۆلۈملىرىگە كېچىكىپ قېلىش ياكى قاتنىشالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندىلەرگە ئالدىن خەۋەر بېرىپ قويۇشى كېرەك.

2.    بارلىق ۋەكىللەر يىغىننىڭ ئىنتىزامىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشى، پىكىر بەرگەندە ۋە مۇنازىرىگە چۈشكەندە تەلەپپۇزى ئىلمىي ۋە مەدەنىي بولۇشى، ئوخشاش بولمىغان كۆز-قاراش، پىكىرلەرگە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشى، ۋارقىراش – جارقىراش ۋە باشقىلارغا تىل – ھاقارەت قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم. يىغىن رىياسەتچىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن سۆز قىلىش ۋە سۆز قىلغۇچىلار بەلگىلەنگەن  ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلىشى لازىم.

3.    يىغىننىڭ رەسمىي پروگراممىلىرىنى فىلىم ۋە سۈرەتكە ئېلىش خىزمەتلىرى، بەلگىلەنگەن مەخسۇس خادىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ خادىملارغا ئايرىم مۇخبىرلىق كېنىشكىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ۋەزىپىلىك كىشىلەردىن باشقىلارنىڭ يىغىن رەسمىي داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە خالىغانچە فىلىم ۋە رەسىمگە ئېلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن ۋە يىغىن ئاخىرلاشقاندا، ياكى يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا فىلىم ۋە رەسىمگە ئېلىشتا چەكلىمە قويۇلمايدۇ.

4.    شەرقىي تۇركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن سالاھىيىتى بېكىتىلىپ تەكلىپنامە ئىۋەتىلگەن رەسمىي مىھمانلارنىڭ 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە  بولغان ياتاق ۋە تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشى د ئۇ ق تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.  ۋەكىللىرىمىز 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈش سائەت 12:00 دىن بۇرۇن مېھمانخانىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. بۇ مەزگىلدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ياتاق ۋە تاماق چىقىملىرىنى مىھمانلار ئۆزى شەخسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

5.    ۋەكىللىرىمىزنىڭ يىغىن جەريانىدىكى  تاماقلىرى يىغىن ساھىپخانى د ئۇ ق  تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ، يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىدە بېكىتىلگەن تاماق ۋاقتىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.  بۇ جەرياندا سىرتتا ئايرىم تاماق يىگۈچىلەر تاماق چىقىمىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

6.    ھەر بىر ۋەكىل، دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن مەلۇم مىقداردا ( تۆۋەندىكى ئۆلچەم بۇيىچە) يىغىنغا قاتنىشىش رەسمىيەت ھەققىنى يىغىندىن بۇرۇن تۆلىشى كېرەك:

– ياۋرۇپا، شىمالى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر 50 ياۋرۇ

– تۈركىيە، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلەر 30 ياۋرۇ

– ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەر 20 ياۋرۇ

7.    رەسمىي ۋەكىللىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ يىغىنىغا كۈزەتكۈچى مېھمان سۈپىتىدە قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، ئەمما رەسمىي ۋەكىللىك سالاھىيىتى بولمىغانلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق چىقىملىرىنى ئۆزلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئەلۋەتتىكى تەييارلىق كومىتېتى بۇ مىھمانلارنىڭ ياتاق ۋە تاماق مەسىلىسىنى ئۇيغۇن شەكىلدە ھەل قىلىنىشقا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

ھۆرمەت ۋە ئەھتىرام بىلەن :

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى  تەييارلىق كومىتىتى

2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىلار ھەققىدە ماقالە تەقدىم قىلىش توغرىسىدا  مۇراجىئەت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىبخانلىقىدا، 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە قاتنىشىشقا ھازىرلىنىۋاتقان ھۆرمەتلىك پۈتۈن ۋەكىللىرىمىزگە شۇنى مۇراجەت قىلىمىزكى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ھايات – ماماتلىق خەۋىپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى ئىنتايىن ھالقىلىق بىر پەيتتە چاقىرىلىۋاتقان بۇ نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ، خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان، ئارزۇ – ئىستەكلىرىگە جاۋاپ بولالايدىغان، خەلقىمىزنى زور بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ چىقالايدىغان، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىستىراتىگىيەسىنى توغرا يوسۇندا تۇرغۇزالايدىغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مىللىي مۇنبەرگە ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يىغىندا تۆۋەندىكى تېمىلارنىڭ خالىغان بىرسىدە ئانالىز ۋە پىكىر قىلىشنى خالىغان ۋەكىللەرنىڭ 10 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن بۇرۇن، تەقدىم قىلماقچى بولغان ماقالىسىنىڭ بىر بەتلىك خۇلاسە قىسمىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتىغا يوللاپ بېرىشكە چاقىرىمىز. يىغىندا تۆۋەندىكى تېمىلار ھەققىدە مەخسۇس ماقالە تەقدىم قىلغۇچىلارغا بېرىلگەن مۇددەت 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. ماقالە تەقدىم قىلىنغاندىن كىيىن ۋەكىللەرنىڭ پىكىر تەكلىپلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بەرىلىدۇ. 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن كەچ قالغانلارنىڭ يىغىندا ماقالە تەقدىم قىلىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەمما ئومۇمى مۇزاكىرىدە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا بولىدۇ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ​

ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئىستىقلال مارشى باھالاش گۇرۇپپىسى 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېفۇن يىغىن چاقىرىپ، ئەسلىدىكى پىلان بويىنچە 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان ئىستىقلال مارشىنى يادقا ئېلىپ ۋىدىيولۇق يوللاش پائالىيەت ۋاقتىنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىگە سۈرۈش قارارىنى ئالدى.

بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىنكاسلاردا، مۇسابىقە فىلىمىنى يوللاش ۋاقتىنى بىر ئاز كەينىگە سۈرۈپ، يەنە قاتناشماقچى بولغان ماھىرلارغا يېتەرلىك بىر ۋاقىت ۋە شارائ‍ىت ھازىرلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن، باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ئەسەر تەقدىم قىلىش ۋاقتىنى 2018-يىلى 10 – ئاينىڭ10 – كۈنىگە سۈرۈپ، 10 – ئاينىڭ 20-كۈنى باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى.

شۇڭا، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشىنى يادقا ئېلىپ، مۇسابىقىغە قاتناشماقچى بولغان ماھىرلارنىڭ ۋاقىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىقلال مارشىنى يادقا ئېلىپ ئۆلچەملىك سىن كۆرۈنىشىنى ئاستىدىكى ئالاقە نۇمۇرىغا يوللاپ بېرىشڭلارنى سورايمىز.

ۋاتساپ ئالاقە نۇمۇرى:

0046737462799

ئېلخەت ئادىرسى:

[email protected]

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى باھالاش گۇرۇپپىسى

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى

Email: [email protected]
Tel: +49 89 5432 1999
Fax: +49 89 5434 9789

World Uyghur Congress
Adolf-Kolping-Straße 9

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەرھۇمە فاتىمە بۇغرا ھەققىدىكى تەزىيەنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ​

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرۈشىمىز تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان،1933 – يىلىدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان، «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق باھادىر ئەسىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرۈشىنىڭ تۇنجى نەزىرىيەۋىي ئاساسىنى ياراتقان، خوتەن دىيارىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن ئازات قىلىپ خوتەن خەلىپىلىكىنى قۇرۇپ چىققان، بىر قولىدا ئەلەم، بىر قولىدا قەلەم بىلەن پۈتۈن ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتىغان بۈيۈك لىدېرىمىز ۋە يولباشچىمىز مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىنىڭ سۆيۈملۈك قىزى فاتىمە بۇغرا خانىمنىڭ تۈركىيەدە شاھادەتكە ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چەكسىز ئازاپلاندۇق.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەرھۇمەگە ئاللاھتىن رەھمەت، پۈتۈن ئائ‍ىلە – تاۋاباتلىرىغا سەۋىر تىلەيمىز، ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ بېشى ساق بولسۇن!

تەپسىلاتى...

ب د ت دا كەڭ كۆلەملىك  «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامايىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ​

ئەزىز ۋەتەنداشلار،

2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 27 – كۈنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن يىغىلغان مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، جازا لاگىرلىرىغا ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان تۈرلۈك زۇلۇم سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقلىرىنى ئىپادىلىگەن، بۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا پارلامېنتى ۋە ياۋرۇپا كومىسيونى ھەمدە دۇنيا جامائىتىنىڭ كۈچلىك دىققىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ياۋرۇپا پارلامېنتىدا كەينى كەينىدىن گۇۋاھلىق يىغىنلىرى ئېچىلدى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مۇزاكىرىلەر بولۇپ ئۆتتى ۋە بەزى قارارلار قوبۇل قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-13-كۈنلىرى، ب د ت ئېرقىي ئايرىمچىلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كومىتىتى خىتاينى جاۋاپكارلىققا تارتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇياشتىنمۇ رۆشەن بولغان پاكىتلارنى رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى مەۋجۇت ئەمەسلىگىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ب د ت ۋە دۇنيا مەتبۇئاتىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ئىنتايىن ئەپسۇسلاندۇردى. بۇ ئەھۋال شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىمىزدا يەنىمۇ خەتەرلىك ۋە زور بالايى – ئاپەتلەرنىڭ كۈتىۋاتقانلىقىدىن ئوچۇق بىشارەت بەرمەكتە. ۋەزىيەت ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى تېخىمۇ جىددى ئويلىشىشقا ۋە جىددى ھەركەت قىلىشقا تەقەززا قىلىدۇ. ئالدىمىزدا ب د ت نىڭ ۋە خەلقئارانىڭ دىققەت ئىتىبارىنى تارتىش، 3 مىليون ئىنسانىمىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر پۇرسەت كۈتۈپ تۇرماقتا.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەمكارلىق-دوستلۇق ئۇچرىشىش يىغىنى چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ​

تارىخنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپلاردا ياشلار كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بولۇپ كەلدى. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابى جەريانلىرىدىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئەڭ قەيسەر، ئەڭ جەڭگىۋار، تەۋرەنمەس كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مىللىي ھەركىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ زۆرۈرىيەت بولماقتا.

خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بارغانسىرى ئەشەددىيلىشىدىغانلىقى، ھەتتا پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقى خىتاينىڭ ب د ت 96 – نۆۋەتلىك ئېرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا بەرگەن جاۋاپلىرى ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرىدا ئوچۇقچە ئىپادىلەنمەكتە. ۋەتەن – مىللەتنىڭ تەقدىرى ئەڭ ئېغىر تەھدىتلەرگە يولۇقماقتا. بۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە، جىددىي چارە – تەدبىرلەر بىلەن خىتايغا قارشى ئۈنۈملىك پائالىيەت پىلانلىرىنى تۈزۈپ ھەرىكەت قىلىش مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋايىمىزنىڭ تەخىرسىز ئىھتىياجى بولماقتا.

د ئۇ ق 15 – ئاۋغۇست كۈنى ئىچكىي يىغىن چاقىرىپ، 11 – ئاينىڭ 6 – كۈنىدىن 11 – كۈنلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بارىدىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەت پىلانلىرىنى قارارغا باغلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ۋەكىللىرىنى 11 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 10 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جەم قىلىپ «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئ‍ارالىق ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش مۇھىم كۈنتەرتىپنى ئىگىلەيدۇ.

تەپسىلاتى...