د ئۇ ق : مىللىي ئۇستازىمىز گەنىرال مۇھاممەت رىزا بېكىن ئەپەندىمگە قايغۇلۇق تەزىيە !

شەرقىي تۈركىستان  خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، مىللىي ئۇستازىمىز ۋە ئىنقىلابچىمىز، دۇق نىڭ پەخرى رەيىسى، تۈركىيىدىكى  شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەيىسى گەنىرال مۇھەممەت رىزا بېكىن ئەپەندىم كېسەللىك سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2010 – يىلى 2 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، تۈركىيە ساەتى 20.35دە تۈركىيىنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە 85 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى.

جانابى ئاللاھ مىللىي ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغاي !

پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەشى ساق بولسۇن !

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەرھۇمنىڭ ئايىلىسىدىكىلەردىن، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – يارەنلىرىدىن، شۇنداقلا تۈركىيىدە ياشاۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزدىن سەمىمىي ھال سورايمىز !

تەپسىلاتى...

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا رەھمەت ئېيتىمىز

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

بۈگۈن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، 7 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان گۇنتانامو تۈرمىسىدە ناھەق تۇتۇلۇپ تۇرۇۋاتقان ئەركىن مەخمۇت، بەختىيار مەخمۇت ئىسىملىك ئىككى نەپەر قېرىندىشىمىزنى قوبۇل قىلىش ھەققىدە رەسمىي قارار ئالغانلىقى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى چەكسىز سۆيۈندۈردى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، خىتاينىڭ شۇنچە بېسىمى ۋە تەھدىتىگە پىسەنت قىلماي، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئىككى نەپەر قېرىندىشىمىزغا يېڭى ھاياتلىق يولى بەخش ئەتكەن شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە شۋېتسارىيە خەلقىگە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز !

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەسۇر ۋە مەدىنى قارارى، خىتايدىن ئالىدىغان ئىقتىسادى مەنپەئەتلەر بەدىلىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىغا كۆز يۇمۇپ كەلگەن بەزى ئەللەرگە ئۈلگە ۋە مەدەت بولغۇسى !

بىز يەنە گۇنتانامودىكى ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ قايتا نىجاتلىققا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ۋە كەلگۈسى تەقدىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن، شۇنداقلا گۇنتانامودا ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ئاقلاش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلقىمىزگە سېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بېسىملىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە پاش قىلىش يولىدا زور كۈچ سەرپ قىلغان خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى … قاتارلىق بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا، يىللاردىن بۇيان گۇنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلغان ئادۋوكاتلارغا، تەرجىمانلارغا ۋە ھېسداشلىق قىلغان بارلىق ئۇيغۇر ۋەتەنداشلىرىمىزغا، د ئۇ ق تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا، شۇنداقلا شۋېتسارىيە جامائەتچىلىكىگە ئەمىلى پائالىيەتلىرى، ھەرىكەتلىرى بىلەن ئىجابىي تەسىر قالدۇرغان شۋېتسارىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

تەپسىلاتى...

23 دۆلەت ۋە رايوندىكى 68 يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى كامبودژادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇر ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

بۈگۈن، يەنى، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى، دۇنيانىڭ 23 دۆلەت ۋە رايونىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 68 يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىنى مەجبۇرى ھالدا خىتايغا، شۇنداقلا تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭمۇ لاۋھىمۇڭ مىللىتىدىن بولغان سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى لائوسقا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئاۋسترالىيە، بېنگال، كامبودژا، مىسىر، خوڭ كوڭ، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، لاۋان، مالايشىيا، نېپال، يېڭى زېللاندىيە، پاكىستان، فىلىپپىن، جەنۇبى ئافرىقا، جەنۇبى كورىيە، سىرلانكا، شۋېتسارىيە، تەيۋەن، تايلاند، تۈركىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 68 يەرلىك ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان  بىرلەشمە باياناتتا، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا قارىماستىن بۇ دۆلەتلەردە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، خەلقئارا پرىنسىپلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى  ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق باياناتى: د ئۇ ق ۋەتەنداشلىرىمىزنى بىرلىك-ئىتتىپاقلىقا چاقىرىدۇ!

 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (دۇق)، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە توختاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي ئىلتىجاچىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش پاجىەسىدىن كىيىن، ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھەر خىل ئىجابىي ۋە سەلبىي تالاش-تارتىشلارغا،  تەنقىد، تەكلىپ ۋە ھۇجۇملارغا دىققەت قىلىپ كەلدى.

ئەلۋەتتىكى، قۇرۇلتىيىمىز ئاممىنىڭ باشقا پرىنسىپال جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەنقىد – پىكىرلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتكىنى يوق.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 9 – كۈنى دۇق دايىمى كومۇتەتى كېڭەيتىلگەن تېلېفون يىغىنى چاقىرىلىپ، نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ھەققىدە ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

 دۇق ئالدى بىلەن ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۇق ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرىگە ئىگە چىققانلىقىنى مۇەييەنلەشتۇرىدۇ ۋە تەشكىلاتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بېرىلگەن سەمىمىي تەكلىپ، تەنقىدلەرنى پايدىلىق بىر ئىجابىي ئامىل دەپ باھالايدۇ. گەرچە كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دۇق گە بەرگەن تەكلىپ، تەڭقىت ۋە پىكىرلىرى سەمىمىي بولغان بولسىمۇ، ئامما يەنىلا ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەر مەۋجۇت ۋەزىيەتنى سۇيىستىمال قىلىپ، نورمال تەڭقىت ۋە تەكلىپ چىگىرىسىدىن

تەپسىلاتى...

د ئۇق باياناتى : خەلقىمىزنىڭ يېڭى يىلى قۇتلۇق بولسۇن!

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى
پۈتۈن دۇنيا خەلقى، زور سىياسى داۋالغۇچلار، ئىقتىسادى كىرىزلەر، رايون خارەكتېرلىك توقۇنۇشلار ۋە تېرور ھۇجۇملىرى  بىلەن تولغان 2009 – يىلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئۈمىد ۋە گۈزەل تىلەكلەر بىلەن 2010 – يىلىغا قەدەم قويدى!
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، شەرقىي تۈركىستانلىق بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمىز ۋە خەلقىمىزگە بۇ يېڭى يىلىدا  ئامانلىق، خاتىرجەملىك، بەخت – سائادەت تىلەيمىز!
تەپسىلاتى...

دۇق ئاخباراتى : ئۇيغۇر خەلقى، زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىققا ئەسلا تەز پۈكمەيدۇ !

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى سوتى، 12 – ئاينىڭ 22 – 23 – كۈنلىرى 5 – ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن 22 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، 10 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا، 8 كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا، 4 كىشىنى مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن، قىسقىغىنە ئىككى ئاي مابەينىدە ئۈرۈمچى ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمى سانى 28 نەپەرگە يېتى.

5 – ئىيۇل كۈنى ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قانخۇمارلىقى پەسىيىپ قالغىنى يوق،  خىتاي ھاكىمىيىتى، خەلقئارا جامائەتچىلىكىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە ئەيىبلىشىگە قارىماستىن ئۇيغۇر خەلقىگە يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ۋە قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈندىن – كۈنگە ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ 22 نەپەر قېرىندىشىمىز ھەققىدىكى باياناتى

2009-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى

2009-يىل19-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، قارا كۈن بولدى. كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا باش ئەگىپ،خىتايدىن قېچىپ چىقىپ كامبودژادا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە،خەلقئارا جەمئىيەتلەرنىڭ، بەزىبىر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋە دۇق نىڭ ئۇلارنى 3-بىر بىخەتەر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاي تەھدىتىدىن خالاس قىلىش ئارزۇسى ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.

گەرچە دۇنيادىكى ئالىي ھوقۇقلۇق كۈچلەردىن ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى، ب د ت ۋە دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەزكۇر ئۇيغۇرلار كامبودژا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇلۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتكە ئۇچرىشى ۋە ھەتتا ئۆلۈمگە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە كامبودژا ھۆكۈمىتىنى قايتا-قايتا قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، كامبودژا ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قىلچە پىسەنت قىلماي، 20 ئۇيغۇر مۇساپىرنى ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بەردى.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى تەبرىكلەيمىز

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

بۈگۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  61 – يىللىق خاتىرە كۈنى.

دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشىغان ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئۈچۈن 10 – دېكابىر ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندىن ئىبارەت !

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى، شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 يىللىق جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتىلالمايدۇ

2009-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 5 – ئىيولدىن ئېتىبارەن ئۈرۈمقىدە بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلاتقان ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىش ھەرىكىتى ئىزچىل تۈردە داۋام قىلىپ كەلمەكتە، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيەتىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا قوللۇشى ۋە قۇترۇتىشى، شۇنداقلا خىتاي ساقچى – ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ۋە ماسلىشىپ بېرىشىگە ئېرىشكەن فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى، 5 – ئىيولدىن ئېتىبارەن ھەركۈنى دېگۈدەك پىلانلىق ۋە تەشكىللىك ھالدا قوزغىلىپ چىقىپ، ئۈرۈمقى كوچىلىرىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاپ ئۆلتۈرۈش ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

ميۇنخېن خىتابنامىسى

2005-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

(ئۇشبۇ خىتابنامە 1991-يىلى، سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كىيىن، ئەركىن ئالىپتېكىن تەرىپىدىن ئىنگلىزچە قەلەمگە ئېلىنغان  ۋە د. مايكىل ۋون ۋالىت قاتارلىق ئاتاقلىق قانۇنشۇناسلار تەرىپىدىن خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ رەتلەپ چىقىلغان بولۇپ، 2005-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، د ئۇ ق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە ھەيئەتلىرى يىغىنىدا ماقۇللاندى.)

تەپسىلاتى...