“شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى” كۈنتەرتىپى

كۈنتەرتىپنىڭ ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى pdf  ھۆججىتىدىن  كۆرەلەيسىز.

2011-يىل 2-مايدىن 8-مايغىچە

ۋاشىنگتون، ئامېرىكا

2-ماي

بىرىنچى بۆلۈم

(كېڭەشنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى)

ئورنى:   ئامېرىكا كونگىرەس يىغىن زالى، ۋاشىنگتون

 

9:00-10:00  يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى تىزىملاش

10:00-10:10   كېڭەشنىڭ ئېچىلىشىنى جاكارلاش

10:10- 10:15  شەرقىي تۈركىستان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مارشلىرىنى ئورۇنلاش

10:15-10:45  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى

10:45-12:30  چەتئەللىك شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ تەبرىك سۆزى ۋە نۇتۇقلىرى

12:30-13:30  چۈشلۈك تاماق

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ياپونىيە خەلقىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ياپونىيىدە يۈز بەرگەن 8.9 بال ئېغىر يەر تەۋرەش ۋە بۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان سۇنامىي ئاپىتى نەتىجىسىدە نەچچە 10 مىڭلىغان ياپون قېرىندىشىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلىغان ياپون خەلقى ئۆي – ماكانسىز قالدى.

ئۇندىن باشقا يەنە ياپونىيىنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسىدىمۇ پارتلاش خەۋپى مەيدانغا كېلىپ، مىليونلىغان خەلقنىڭ ھاياتى ئېغىر تەھدىت ئاستىدا تۇرماقتا.

ياپونىيىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى، دۇنيا تارىخىدىكى ئېغىر پالاكەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلانماقتا.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن، ياپون خەلقىگە بولغان چوڭقۇر تەزىيىمىزنى ۋە ئالاھىدە ھېسداشلىقىمىزنى بىلدۈرمەكچىمىز !

يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغان ياپون دوستلىرىمىزنىڭ ئايىلە – تاۋابىئاتلىرىدىن ئالاھىدە ھال سورايمىز !

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق باياناتى : خەلقىمىز غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ !

2011-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

ئەزىز يۇرتداشلار،

بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 5 – كۈنى بولسا مۇستەبىت كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 1997 – يىلى 5 – فېۋرالدا غۇلجىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنىڭ 14 – يىللىقىدىن ئىبارەت. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان، شۇنداقلا خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولغان قەھرىمان ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا يەنە قايتا ئالىي ئېھتىرامىمىزنى، سېغىنىشىمىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى ئىزھار قىلىمىز !

ۋاپادار خەلقىمىز ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ۋە مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى ۋە قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى ئەسلا ئۇنتۇمايدۇ!

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەزىرىدە بۇ ۋەقە ھەرگىزمۇ دائىرىسى مەلۇم بىر رايون بىلەنلا چەكلەنگەن ۋە قارىغۇلارچە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ  كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ  يەرلىك خەلققە قاراتقان مىللىي زۇلۇمىغا، مىللىي كەمسىتىشىگە، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي جەھەتلەردىكى ئادالەتسىزلىكىگە قارشى كۆرسەتكەن ئورتاق  ئىنكاسى  ۋە نارازىلىقىدىن ئىبارەت.

تەپسىلاتى...

“شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

”  شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” تەييارلىق كومىتېتى
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئەزىز قېرىنداشلار، سىزلەرگە ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە شۇنى ئۇقتۇرماقچىمىزكى، ئەسلىدە 2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېچىش قارار قىلىنغان “شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى ” يىغىنى بەزى ئوبيېكتىپ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن كېچىكتۈرۈلدى.

يىغىننىڭ رەسمىي ئېچىلىش ۋاقتى : 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىمىزدىن ئۆزرە سورايمىز ! تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىكى تۈپ سەۋەب بولسا، يىغىننىڭ تېخىمۇ غەلىبىلىك ۋە ئوڭۇشلۇق چاقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت، چۈنكى خەلقىمىز بۇ قېتىمقى يىغىنىمىزدىن زور ئۈمىد كۈتمەكتە.

يىغىننىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىدىكى كونكرېتنى سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە :

1)بۇ قېتىمقى يىغىن، چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي كۈرىشىمىز تارىخىدا كۆلىمى ئەڭ زور، قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەرنىڭ سالمىقى ئەڭ ئېغىر بولغان بىر سىياسىي مۇنبەر بولۇپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلىشنىڭ ھەرقايسى ئەللەردىكى ۋەكىللەرنىڭ تولۇق ئىشتىراك قىلىشى ناھايىتى مۇھىم، ئەپسۇسكى، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئاساسلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئېچىلىش ۋاقتى روژىستىۋا بايرىمىغا ۋە يېڭى يىلغا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، بەزى رايونلاردىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ بايرام تەتىلىگە چىقىشى سەۋەبىدىن خېلى كۆپ ۋەكىللىرىمىزنىڭ ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىش ئىشلىرى بەلگىلىك توسالغۇلارغا ئۇچرىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى : يېڭى يىلىڭلار قۇتلۇق بولسۇن !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى

شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلار، خەلقىمىز ئۈچۈن مۇسىبەت ئىچىدە ئۆتكەن كونا يىلنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، چەكسىز ئۈمىد ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى ئىچىدە يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدا تۇرىمىز !

پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزگە بولغان چەكسىز سېغىنىشىمىزنى ۋە سۆيگۈمىزنى ئىزھار قىلىمىز !

ئۆز مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى ۋە ئازادلىقى يولىدا قىممەتلىك ھاياتلىرىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمان  ئوغۇل – قىزلىرىمىزغا  جانابى ئاللادىن رەھمەت تىلەيمىز !

ئەزىز قېرىنداشلار، 2009 –  يىلى يۈز بەرگەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ زور قانلىق ھادىسىلەرنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

شۇ كۈنى باشلانغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن بۇيان، ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ۋە ئىنسانىي ھەق –  ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە بۇ ھاكىمىيەتنىڭ چوماقچىلىرى ھېسابلانغان فاشىست خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلدى، نەچچە 10 مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنىپ قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا نامايىش ئىلىپ بارىدۇ

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى

2010-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئودىيون مەيدانىدا سائەت 14:30-16:30 غىچە خىتاينىڭ ئەزىز  ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئىلىپ بارىدۇ.

ئەتە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  62 – يىللىق خاتىرە كۈنى.

دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشىغان ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئۈچۈن 10 – دېكابىر ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندىن ئىبارەت !

بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ قېنى ئاقماقتا، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرمىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا گۇناھى بولمىغان 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر بىلەن تولۇپ – تاشتى !

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن تۇل – يېتىم قالغان سانسىزلىغان ئانا – بالىلارنىڭ يىغا-زارى ۋە ئاھ –پەريادلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى لەرزىگە كەلتۈرمەكتە !

تەپسىلاتى...

قەدىردان ئۇستازىمىز سەلەي ھاجىمنى خەلقىمىز ئەبەدىي سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىدۇ !

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى

مۇھەممەد سالى ھاجىمنىڭ ۋاپاتى بىلەن خەلقىمىز گۆھەردەك يالتىراپ تۇرغان مۇنەۋۋەر بىر ئوغلانىدىن ئايرىلدى !

رەھمەتلىك ھاجىم خەلقىمىزنىڭ باش پاناھى ۋە غەمگۇزارى ئىدى، ئۇنۇڭ پۈتكۈل ھاياتى ۋەتەنپەرۋەرلىككە، مەردلىككە، تەقۋادارلىققا تولغان دىيانەتلىك ۋە خاسىيەتلىك بىر ھايات ئىدى.

سەلەي ھاجىم بۇ دۇنياغا ۋەتەن ئۈچۈن يارالغان، ۋەتەن ئۈچۈن ياشىغان ۋە جانابى ئاللا تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان خەلقىمىزگە سۇنۇلغان گۈزەل بىر سوغا ئىدى.

رەھمەتلىك ھاجىمنى 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا تۇنجى قېتىم تۈركىيىدە كۆرگەن چېغىمدا ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىدى، ئۇنۇڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن خەلقىمىزگە بولغان چەكسىز سۆيگۈنى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستانغا بولغان چوڭقۇر مېھرى – مۇھەببەتنى، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدىكى ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنى كۆرگەن ئىدىم، پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن ئىنساننى ئالاھىدە مەپتۇن قىلىدىغان ۋە ھاياجانغا سالىدىغان مېھرىبانلىق يېغىپ تۇراتتى، بىر قاراپلا خۇددى ئۆزۈمنىڭ ۋاپادار دادامنى كۆرگەندەك ئىللىق بىر تۇيغۇغا كەلگەن ئىدىم، رەھمەتلىكنىڭ ھەر بىر سۆزىگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەت سۆيەرلىك مۇجەسسەملەشكەن، دىيانەت ۋە پەزىلەت يۇغۇرۇلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى11-ئاينىڭ 15-كۈنى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم ۋە بارلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

مۇبارەك قۇربان ھەيئىتى ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قۇتلۇقلاپ كەلگەن دىننى ۋە مىللىي بايرىمى.

ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار شادلىق ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلاپ تەن – تەنە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايرام شاتلىقىغا ئورتاق بولۇشتىن مەھرۇم ھالدا مۇسىبەت ئىچىدە ئاھۇ – پەرياد چەكمەكتە !

دۇنيادا زۇلۇم، مۇستەبىتلىك مەڭگۈلۈك بولغان ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم بىر كۈن كۆك بايراق ئاستىدا ئەركىن-ئازادە ھېيت تەنتەنىسى قىلىشىدۇ.

بۇ مۇبارەك ھېيتىمىزدا، جانابى ئاللادىن ئۆز ۋەتىنىمىزدە، كۆك بايراق ئاستىدا ئەركىن-ئازادە ھاياتلىقىمىزنى، بايراملىرىمىزنى ئۆتكۈزۈش بەختىيارلىقىغا نېسىپ قىلىشنى دۇئالىرىمىز بىلەن تىلەش بىلەن بىرگە، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى مىللىي داۋايىمىز ئۈچۈن قۇلىدىن كېلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى پىداكارلىقنى قىلىشقا چاقىرىمىز.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان خەلقى دەل بۈگۈنكى كۈندە ( 11-ئاينىڭ 12-كۈنى) يېقىن تارىخىمىزدا يەنى 1993-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى كەينى-كەينىدىن مۇستەقىل ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق،، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي ئەركىنلىك ئىرادىسىنى دۇنياغا جاكارلىغان، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرۇش، ھور ياشاش ئىقتىدارىغا ۋە يۈكسەك دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە مىللەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغان ئىدى.

گەرچە بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەينى چاغدىكى ئىمپېرىئالىست كۈچلەرنىڭ سىياسىي سۇيىقەستى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى جۇمھۇرىيەتتىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئىنتايىن قىممەتلىك ئەڭگۈشتەرلەر مىراس قالغان ئىدى، بۇ ئەڭگۈشتەرلەر – مىللىي مۇستەقىللىقنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئىستىقلال مارشى، دۆلەت گېربى ۋە بۇ ئەڭگۈشتەرلەرنى كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالدۇرۇش يولىدا قۇربان بولغان سانسىزلىغان قەھرىمانلارنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئىدى.

تەپسىلاتى...

“شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى” نىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇڭ!

“شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى” تەييارلىق كومىتېتى
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى

مىللىي ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان “شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى” يىغىنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەر ساھەگە مەنسۇپ يۈزلىگەن مۇنەۋۋەر زاتلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشىدا 2011 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ قېتىمقى يىغىن جەريانىدا مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى يېڭى ئىستراتېگىيىسى بەلگىلەپ چىقىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىن ئادەتتىكى بىر ئۇچۇرۇشۇش ئەمەس، بەلكى مىللىي بىرلىك، ئىتتىپاقلىق نامايان قىلىنغان  ۋە ئېزىلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ دەردلىرىگە ھەقىقىي يوسۇندا چارە – تەدبىر ئىزدەيدىغان زور بىر سىياسىي مۇنبەردىن ئىبارەت. بۇ يىغىن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي ھەرىكىتىمىزنىڭ  مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە ئۈنۈملۈك ھالدا چاقىرىلىشىغا ھەسسە قوشۇش  مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىدىن ئىبارەت !

خۇددى يېغىن چاقىرىقىغا ئېيتىلغاندەك، نۆۋەتتە خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە زور يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...