رابىيە قادىر خانىم: قەشقەر-خوتەن ۋەقەسىدە ھەقىقىي قاتىل يەنە جازاسىز قالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن رادىومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي سوتىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەر ۋەقەسىگە چېتىشلىق پىداىيلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىغا قارىتا پىكىر بايان قىلدى.

خوتەن ۋە قەشقەردىكى ۋەقەلەرنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە خانىم، مەزكۇر ۋەقەلەرگە خىتاي سوتلىرىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى.

رابىيە خانىم خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆلۈم جازالىرى ئارقىلىق رايونغا يەنە ئۈستىلەپ ئۆچ-ئاداۋەت ۋە ئىنتىقام ئۇرۇقى چېچىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خەلقئارادىكى تەرەپسىز ئورگانلارنى رايون ۋەزىيىتى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى مانېۋىرىنى ئەيىبلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتى بولغان خەلق تورىنىڭ 13-سېنتەبىردىكى ئېڭگىلىزچە خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ ئالاھىدە ساقچى قىسىملىرى جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە «قارشى تۇرۇش» نامىدا چوڭ تىپتىكى مانېۋىر ئۆتكۈزگەن.

ئەمما خەۋەردە مانېۋىرنىڭ قايسى جايدا قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكۈزۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسەت ھەم قورال كۈچى ئارقىلىق، رايون ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ قاتمال ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالغۇچى چەتەللىكلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مەسۇلىيەتچانلىققا چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى

خىتاي داىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ياۋرۇاسىيا يەرمەنكىسىگە 5000 دىن ئارتۇق چەتئەللىك سودا-كارخانىچى قاتناشقان ۋە بۇلارنىڭ بىر قىسمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدا بىر قاتار سودا ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرى بويىچە كېلىشىملەر تۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈنۈگۈن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىومىزدا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر ئېلىگە مەبلەغ سالماقچى بولغان چەتەللىكلەرنى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن مەسۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى.

باياناتتا، ئالدى بىلەن مەزكۇر رايوندىكى زېمىن ۋە زېمىن بايلىقلىرىنىڭ ئىگىلىرى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەر ئىكەنلىكى، رايوندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي دۆلىتى ئارىسىدا ئۇزۇندىن بېرى توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، رايونغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئالدىدا يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەىتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى، جۈملىدىن، خىتاي كۆچمەن ئېقىنىنىڭ تېزلىشىپ كېتىشىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇبارەك روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ!

2011-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ  رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇبارەك روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە بۇ ھېيتنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى ئۈچۈن بەخت-سائادەت، خۇشال-خۇراملىق، ھۆرلۈك ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشىشىنى جانابى ئاللادىن تىلەيدۇ.

رابىيە خانىمغا ۋاكالىتەن
د ئۇ ق دىنى ئىشلار كومىتېتى

تەپسىلاتى...

تەزىيەنامە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، تۈركىيە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەمەتنىڭ دادىسى ئەمەت ھاجىم، 2011-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، سائەت 1.30 دا  شەرقىي تۈركىستاننىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىدە 88 يېشىدا بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.

مەھرۇمنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى ئايشەم خان ئانىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن 70 كۈن كىيىن،  ئەمەت ھاجىمنىڭ ۋاپات بولۇشى  در. ئەركىن ئەمەت ۋە ئائىلىسىنى چۇڭقۇر قايغۇغا سېلىپلا قالماستىن، در. ئەركىن ئەمەتنىڭ بارلىق ئىنقىلابى سەپداشلىرىنى، دوستلىرىنى جۈملىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق مەنسۇپلىرىنى چۇڭقۇر ئازابقا چۆمدۈردى.

چەتئەللەردە ۋەتەنسىزلىك دەردىنى تارتىۋاتقان ئەزىز مىللىتىمىز، ئاتا – ئانا، دوست-قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ ئاچىق ئەلەملىرىنىمۇ بىرگە تارتىپ كەلمەكتە. ئاتا – ئانا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمايلا قالماستىن، ۋىدالىشىش، ۋەسىيەتلىرىنى ئاڭلاش ۋە ھەتتا ئۇلارنىڭ تاۋۇتلىرىغا ئېسىلىپ ياش تۆكۈش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قىلىنماقتا. بۇ ئېچىنىشلىق تەقدىر بولۇپمۇ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتى سېپىدە جاسارەت كۆرسىتىۋاتقان در. ئەركىن ئەمەت ئەپەندىدەك پىداكار ئىنقىلابچى ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەسسىلەپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

رەھمەتلىك ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇر ئىچىدە ياتسۇن!

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2010-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەخپىنىڭ رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ ھارماس خىزمەتچىلىرىنىڭ بىرى ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپات خەۋىرىنى ئاڭلاپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈم.

ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى تەبىئىي قانۇنىيەت، ئەمما ھاياتىنى ئوز خەلقىنىڭ ھەققانىي دەۋاسى، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ئاتىغان پىداكار ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈشى، مىللىي داۋايىمىز سەپىدە زور يوقىتىشتۇر.

ئالىپتېكىنلەر ئائىلىسى، جۈملىدىن ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىدا تونۇلۇشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان، زور قىيىنچىلىقلار بىلەن شەرقى تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، تۈركىيەگە كەلگەن يۈزلىگەن ياشلىرىمىزنىڭ بەشىنى سىلىغان خەيرى سۆيەر، مېھنەتكەش بىر شەرقىي تۈركىستان خىزمەتچىسى ئىدى.

ئارسلان ئالىپتېكىننىڭ ئارىمىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىشى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بىر يوقىتىش بولۇپلا قالماستىن، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ھېسداشلىق قىلغان تۈركىيەدىكى مىڭلىغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ زور قايغۇلۇق بىر ھادىسىدۇر.

د ئۇ ق نىڭ بارلىق رەھبەرلىرى ۋە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى بارلىق تەشكىلاتلار رەھبەرلىرى نامىدىن ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن. شۇنداقلا ئەركىن ئالىپتېكىن باشلىق بارلىق ئالىپتېكىن ئائىلىسىگە ۋە يېقىنلىرىغا جانابى ئاللادىن سەۋر-تاقەت تىلەيمەن.

مەرھۇم ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى نۇر ۋە ھۇزۇر ئىچىدە ياتسۇن!

ھۆرمەت بىلەن،

رابىيە قادىر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى

تەپسىلاتى...

مەرھۇم ئۇستازىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى

مەرھۇم ئۇستازىمىز ئارسلان ئالىپتېكىن ئەپەندى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەرقىي تۈركىستانىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ئاتىغان، بۇ شەرەپلىك يولدا زور پىداكارلىق ۋە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ قايغۇ ۋە شاتلىققا ئورتاق بولۇپ كەلگەن مۇنەۋۋەر زاتلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى.

مەرھۇم ئۇستازىمىز ئارسلان ئەپەندىم يەنە بىر دىيانەت ۋە ساخاۋەت ئىگىسى بولۇپ، مۇھاجىرەتتە، بولۇپمۇ تۈركىيەدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كۆپلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلغان ۋە بۇ جەھەتتە زور بەدەللەرنى تۆلىگەن ئىدى.

بولۇپمۇ مەرھۇم ئارسلان ئەپەندىم چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1993 – يىلى تۈركىيەدە “شەرقىي تۈركىستان ياشلىرى” گېزىتىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئۈچۈن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن كۆپ ياردەمچى بولغان ئىدى.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈركىيەدىكى تەرەققىياتى ۋە كۈچلۈك تەسىرىنى ھەرگىزمۇ مەرھۇم ئارسلان ئەپەندىمنىڭ قوشقان تۆھپىلىرى ۋە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلاردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ !

ئارسلان ئەپەندىمنىڭ ۋاپاتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى شەرەپلىك، غۇرۇرلۇق ۋە پىداكار بىر ئوغلانىدىن ئايرىلدى، مىللىتىمىزنىڭ بەشى ساق بولسۇن !

ئاخىرىدا، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئالىپتېكىن ئائىلىسىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز !

ئەزىز خەلقىمىز مەرھۇمنى ئەبەدىي چەكسىز سۆيگۈ ۋە سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىدۇ !

چەكسىز قايغۇ ۋە ئېھتىرام بىلەن :

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئىدارە ھەيئىتى

2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى

گېرمانىيە – ميۇنخېن

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 2 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 2 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 1 – يىللىقىدا، د ئۇ ق نىڭ سەپەرۋەر قىلىش، كونكرېت پىلان-پروگرامىلار تۈزۈپ چىقىشى ۋە بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، دۇنيانىڭ 22 شەھىرىدە، 32 قېتىمدىن ئارتۇق ھەر خىل شەكىلدىكى نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر خەلقئارا جامائەتنىڭ ۋە مەتبۇئاتنىڭ زور دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارنى قوزغىغان ئىدى.

ئوتكەن 2 يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز ھالدا “ 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش” ھەرىكەتلىرى قوزغاپ، بىگۇناھ ئىنسانلىرىمىزنى تۇتقۇن قىلىش،  ئۆلۈم جازاسى بېرىشتەك قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى شىددەت بىلەن يۈرگۈزۈپ كەلدى.

2010-يىلى بېيجىڭدا ئاتالمىش شىنجاڭ يىغىنى چاقىرىپ، كۆرۈنۈشكە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئامما ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستانى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىگە بۆلۈپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستانى ئىقتىسادى جەھەتتىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە تالان-تاراج قىلىش بىلەن بىرگە زور مىقداردا خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆچۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئاسسىمىلياتسىيە پىلانى تېخىمۇ تېزلەشتۈرۈشكە باشلىدى.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى «ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى»نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى چاقىرىقنامىسى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى

 

رابىيە قادىر خانىم “ئەركىنلىك لوڭقىسى” پۇتبول مۇسابىقىسى ھەققىدە توختالدى

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنىڭ يەنىمۇ ئەشەددىيلىشىشى ۋە مىللىتىمىزنىڭ ياشاش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە تارىيىپ بېرىشى سەۋەبلىك، كوپ قىسمى ياشلاردىن تەركىب تاپقان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تۈرلۈك يوللار بىلەن دېموكراتىك غەرب ئەللىرىگە كېلىپ پەرلەشمەكتە.ئۇنىڭدىن سىرت ۋەتەندىن كىچىك ئايرىلىپ چەتئەللەرگە ئۆسۈپ يېتىلگەن ۋە چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇۋاتقان  ياش-ئۆسمۈر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ سانىمۇ كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بارماقتا. ھالبۇكى بۇ ياشلىرىمىز مىللەتنىڭ كېلەچەك ئىگىلىرى، مىللىي دەۋا ئىشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىزباسارى بولۇپ، بۇ ياشلىرىمىزنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇلارغا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى بىلدۈرۈش،ۋەتەنپەرۋەرلىك، مىللەت سۆيەرلىك بىلەن تەربىيىلەش، دەۋا ئىشلىرىغا يېتەكلەش ۋە شۇنداقلا بۈيۈك شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياراملىق، قەيسەر ۋە ئىتتىپاقلاشقان بىر تۈركۈم ياش-ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈش نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان دەۋا خىزمىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى كۈنتەرتىپى بېكىتىلدى

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى
2011-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 2011 – يىلى 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا چاقىرىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇر ئالىي كېڭىشىنىڭ ئاخىرقى كۈنتەرتىپى يىغىن تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن رەسمىي بېكىتىلدى.

دۇنيادىكى 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا كونگىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئېچىلىش مۇراسىمىدا، رابىيە خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقىدىن كېيىن، فىرانك ۋولف قاتارلىق ئامېرىكا كونگىرىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن بىرگە، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن كارل گىرەشمەن ئەپەندى (ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى)، راندال شىرېۋىر ئەپەندى (ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى)، لۇيىسا گىرىۋ خانىم (ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى)، ت. كۇمار ئەپەندى (خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئامېرىكا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى)، دوكتور. گۇناۋاردىنا ۋان خانىم(خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئىتتىپاقى شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى)، سوفى رىچاردسون خانىم (ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى) قاتارلىق مۇھىم ئەربابلار  ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قاراش ۋە تەكلىپ – پىكىرلىرىنى بايان قىلىشىدۇ.

تەپسىلاتى...