دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاينىڭ توسقۇنلۇقىنى ئەيىبلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى

10-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاپرېل كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيىدە ئېچىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئەينى كۈننىڭ ئۆزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەىسى رابىيە قادىر خانىممۇ ئەركىن ئاسىيا رادىوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ياپونىيىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېلىدىغان قۇرۇلتاي قاتناشچىلىرىغا چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆز بايانىدا ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىغا ۋىزا بېرىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پاالىيەتلىرىگە ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق، 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا رەھبەرلىك ھەيئىتىگە ئۆزىنى ئالدىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى

د ئۇ ق 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

د ئۇ ق نىڭ ياپونىيەدە ئېچىلىدىغان 4-قېتىملىق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا، ئالدىنقى قېتىمقى قۇرۇلتايلارغا ئوخشاشلا، د ئۇ ق نىڭ ھەر ئۇچ يىلدا بىر ئېلىپ بېرىلىدىغان رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 4-نۆۋەتلىك  قۇرۇلتىيىمىزدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامنىڭ دېموكراتىك قائىدە-تەرتىپكە ئۇيغۇن رەۋىشتە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلىپ بېرىلىشى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتىيىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر ھالقا.

بۇ قېتىمقى سايلامدا،د ئۇ ق نىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتىگە،مىللىي دەۋا ئىشلىرىمىزغا جان-پىدالىق كۆرسىتەلەيدىغان، ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن،قابىلىيەتلىك ۋە جەڭگىۋار كادىرلار سايلانسا، د ئۇ ق نىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشى ۋە مىللىي دەۋا ئىشلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرى ھازىرلانغان بولىدۇ.

د ئۇ ق نىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قۇرۇلتايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملىرى تۈرلۈك ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن، سايلامنىڭ ئالدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەييارلىق خىزمەتلىرى يېتەرلىك ئىشلەنمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، سايلام بولغان كۈنى ھەر كىم ئۆزىنى ياكى بىر-بىرىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش ۋە ئاخىردا كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىغا قويۇش شەكلىدە ئېلىپ بېرىلدى.

تەپسىلاتى...

4- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىمىزنىڭ ساھىبخان دۆلىتى ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مۇراجىئەت

د ئۇ ق 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار

خەۋىرىڭلاردا بولغىنىدەك، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئومۇمى قۇرۇلتىيى ۋە د ئۇ ق نىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇيغۇر رەھبەرلىرى تەربىيىلەش كۇرسى  بۇ يىل 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئېچىلىدۇ. قۇرۇلتىيىمىز 2004-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا، ئادەم كۈچى ۋە ئىقتىسادى ئىمكانىيەتلىرىمىز ئىنتايىن چەكلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، خىتاينىڭ كۈندىن كۈنگە ئەسەبىيلىشىپ چېكىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقان زۇلۇم-ئىسكەنجىلىرى ئاستىدا قان يىغلاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقىشتا كۆپلىگەن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

ۋەتەن ئىچىدىكى بىر تۈركۈم پىداكار ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ بەرگەن قۇربانلىقلىرى ۋە قۇرۇلتىيىمىز باشچىلىقىدا ۋەتەن سىرتىدا تىنىمسىز ھالدا ئىشلەنگەن بىر قاتار خىزمەتلەر نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشتا ئاز بولمىغان ئىلگىرىلەشلەر ھاسىل بولدى. شۇنى كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىپ كېتىشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇن-تىنسىز يوق قىلىۋېتىش رەزىل پىلانى ئۈچۈن ئەڭ زور توسالغۇنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ مىڭلارچە ئادەم كۈچى ۋە مىليونلارچە مەبلەغ سەرپ قىلىپ ئۇيغۇرلارنى “جىم تۇرۇش”قا قىستىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىندۇر.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ „ئىستېپانامە“غا ئىزاھات

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى

ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىلىشى ئالدىدا تۇرغان، د ئۇ ق نىڭ 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش مەقسىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن دىپلوماتىك بېسىملارنى ئىشقا سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ساتقۇنلارنى ئىشقا سېلىپ ھەر خىل شەكىلدىكى يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق، مىللەتنى قايمۇقتۇرۇش، ئىشەنچسىزلىك پەيدا قىلىش، د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئارىسىغا زىددىيەت سېلىشقا ئوخشاش پائالىيەتلىرىنى شىددەت بىلەن جىددىيلەشتۈرمەكتە. بۇنىڭ تۈپ مىسرالىرىدىن بىرى يېقىنقى بىر-قانچە كۈندىن بۇيان تور بەتلەردە ئېقىپ يۈرگەن „ئىستېپانامە“ دۇر.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخباراتى (1)

د ئۇ ق نىڭ 4- نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش ھەققىدە باياناتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (د ئۇ ق) 4-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 14-مايدىن 20-مايغىچە ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئېچىلىدۇ. د ئۇ ق نىڭ مەزكۇر  قۇرۇلتىيى، خۇددى ئىلگىرىكى باشقا قۇرۇلتايلارغا ئوخشاش، ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە قۇرۇلتايدۇر. مەزكۇر قۇرۇلتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقىمىزنىڭ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان قارشىلىقلىرىنىڭ سالمىقى ۋە قېتىم سانى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ خەلقىمىزگە قارىتىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. چەتئەلدىكى بىردىن بىر خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، د ئۇ ق ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە باشچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى چەتئەللەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىزچىل، غەلىبىلىك ۋە سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىدا ناھايىتى ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر.

تەپسىلاتى...

تەزىيەنامە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلار،

پېشقەدەم ئىنقىلابچى، ھۆرمەتلىك ئۇستاز، ئاتاقلىق سىياسىي ئوبزورچىمىز سىدىق ھاجى روزى ئاكىنىڭ ئىنىسى ئىمام ھاجى 2011-يىلى 12-دېكابىردا 67 يېشىدا ۋاپات بولدى. تېخى ئالدىنقى يىلىلا سىدىق ھاجى روزى ئاكىنىڭ يەنە بىر ئىنىسى ئابدۇرېشىت ھاجىمۇ 61 يېشىدا ئالەمدىن ئوتكەن ئىدى.

ئەلەمنىڭ ئۈستىگە ئەلەم بولغاندەك 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى، ھۆرمەتلىك رەھبىرىمىز رابىيە قادىر خانىمنىڭ كۈيئوغلى مەمتىمىن ئاخۇنمۇ 53 يېشىدا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى.

بىز بۇ قايغۇلۇق مۇسبەتلەر مۇناسىۋەت بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن، يۇقىرىدا ئىسىملىرى تىلغا ئېلىنغان مەرھۇملارنىڭ ۋاپاتىغا چۇڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز! مەرھۇملارنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولسۇن!(ئامىن)

شۇنىڭدەك ھۆرمەتلىك سىدىق ھاجى روزى ئاكا، مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز،ئۇلارغا ئاللادىن سەۋر-تاقەت تىلەيمىز!

تەپسىلاتى...

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەدە نامايىش بولىدۇ

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى

 

ب د ت، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنى ئېلان قىلىپ، 12-ئاينىڭ 10-كۈنىنى „خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى“ دەپ جاكارلىغاندىن بۇيان، ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر خىل شەكىلدە داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ كەلمەكتە. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىمۇ دەل مۇشۇ كۈندە تارقىتىلماقتا.

د ئۇ ق، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ھەر يىلى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق قىرغىنچىلىقلىرىنى ئەيىبلەشكە چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق: ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى11-ئاينىڭ6-كۈنى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم ۋە بارلىق د ئۇ ق رەھبەرلىرى، ۋەتەنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ.

مۇبارەك قۇربان ھەيئىتى ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قۇتلۇقلاپ كەلگەن دىننى ۋە مىللىي بايرىمى.

ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار شادلىق ۋە بەختىيارلىق تۇيغۇسى ئىچىدە مۇبارەك قۇربان ھېيتىنى قۇتلۇقلاپ تەن – تەنە قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بايرام شاتلىققا ئورتاق بولۇشتىن مەھرۇم ھالدا مۇسىبەت ئىچىدە ئاھۇ – پەرياد چەكمەكتە !

دۇنيادا زۇلۇم، مۇستەبىتلىك مەڭگۈلۈك بولغان ئەمەس، شەرقىي تۈركىستان خەلقى چوقۇم بىر كۈن كۆك بايراق ئاستىدا ئەركىن-ئازادە ھېيت تەنتەنىسى قىلىشىدۇ.

بۇ مۇبارەك ھېيتىمىزدا، جانابى ئاللادىن ئۆز ۋەتىنىمىزدە، كۆك بايراق ئاستىدا ئەركىن-ئازادە ھاياتلىقىمىزنى، بايراملىرىمىزنى ئۆتكۈزۈش بەختىيارلىقىغا نېسىپ قىلىشنى دۇئالىرىمىز بىلەن تىلەش بىلەن بىرگە، ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقنى مىللىي داۋايىمىز ئۈچۈن قۇلىدىن كېلىدىغان ماددىي ۋە مەنىۋى پىداكارلىقنى قىلىشقا چاقىرىمىز.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق نىڭ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغانلىقىنىڭ 62 – يىللىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەققىدىكى ئومۇمىي چاقىرىقى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1 – ئۆكتەبىر بولسا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن بىر ماتەم كۈنى، يېڭى بىر زۇلۇمنىڭ، قاراڭغۇ ۋە زۇلمەتلىك بىر دەۋرنىڭ باشلىنىشىدىن ئىبارەت.

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە دۇچار بولغان 62 يىلدىن بۇيان، خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشلىرى رەھىمسىزلەرچە قانلىق باستۇرۇلدى، بۇ 62 يىل مابەينىدە يۈز مىڭلىغان قەھرىمان ئوغۇل-قىزلىرىمىز شېھىت بولدى، سان-ساناقسىز بىگۇناھ ئىنسانىمىز خىتاي دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، قاراڭغۇ زىندانلارغا مەھكۇم قىلىندى، تەبىئىي بايلىقلىرىمىز تالان – تاراج قىلىنىپ، بۇ گۆھەر زېمىننىڭ ئىگىلىرى ھېسابلانغان خەلقىمىز ئاچ – يالىڭاچلىق ئىچىدە ھايۋان كەبى ياساشقا مەجبۇر قىلىندى،  مىليونلىغان بوۋاقلىرىمىز يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچماستىن، ئانا قارنىدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان يۈزمىڭلىغان قىزلىرىمىز ئېغىر دەرىجىدە ئاياق-ئاستى قىلىنىشقا ئۇچرىدى، خەلقىمىز ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن ۋە مىللىي مەدەنىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىشكە قىستالدى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى تۈپەيلىدىن بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ۋەتىنىدە ئازسانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى، توختىماي داۋام قىلغان ئاتوم سىناقلىرى تۈپەيلىدىن گۈزەل ۋەتىنىمىز خارابىگە ئايلىنىپ، مىليونلىغان ئىنسانىمىز ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە مېيىپ – مەجرۇھلارغا ئايلاندى …

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق جياڭ يۈينىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى سۈيىىستىمال قىلماسلىققا چاقىردى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جۈمە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈينىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينى تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنى ئوخشىمىغان پىكىردىكى ئۇيغۇرلارنى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ مىللىي، دىنىي، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك ئەركىنلىك تەلەپلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن سۈيىىستىمال قىلماسلىققا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، «جياڭ يۆينىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، دېموكراتىيە ۋە ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان قانۇنلۇق ھەرىكىتىنى تېررورلۇققا باغلاپ، قارا-قويۇق باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى» دەپ كۆرسەتتى.

جياڭ يۈي، جۈمە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بىر مۇخىبىر «جۇڭگو ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ۋەقەسىدىكى ھۇجۇمچىلارنى چەتئەل كۈچلىرى بىلەن ئالاقىسى بار دەيدۇ. بۇ توغرىسىدا كۆپرەك توختىلىپ باقسىڭىز» دەپ سورىغان ئىدى.

تەپسىلاتى...