دئۇق: 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

Logo

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە خەلقئارادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگىنىگە 6 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىگە سالغان ئازابلىق يارىلىرى ساقايغىنى، تېخى ئاققان قانلار قۇرۇغىنى يوق.

ئۆتكەن بىر يىل يەنى 2014-يىلى، خەلقىمىز ئۈچۈن ئەڭ پاجىئەلىك ۋە قايغۇلۇق يىل بولدى. 2014-يىلى 5-ئايدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان “بىر يىللىق قاتتىق زەربە بېرىش” ھەرىكىتى بىلەن، مىڭلىغان بىگۇناھ ياشلىرىمىز تۇتقۇن قىلىندى، يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان ئىنسانلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى. 7-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى يەركەن قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلگەن كىشى سانىنى 96 نەپەر دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردا بىر قانچە مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار.

تەپسىلاتى...

„خەلقئارا ئۇيغۇر ئانا تىل بايرىمى“ ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى

ئانا تىل-ئانىنىڭ تىلى، مىللەتنىڭ تىلى، مىللىي مەۋجۇدىيەتنىڭ ئاساسى، مىللىي كىملىكنىڭ ئاچقۇچى، يەنى ئۇيغۇر تىلى؛ – ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى!

خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاننى، ئۇيغۇرسىز „شىنجاڭ“ غا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مەقسىتىدە، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا جان-جەھلى بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ جىددىي ئېلىپ بېرىۋاتقان «قوش تىللىق « سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىدىن، مىللىي ئىرادە ۋە غايىسىدىن ئايرىپ، ئاخىرىدا تەل – تۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت !

تەپسىلاتى...

دەۋرىنى چۈشىنەيلى!

رابىيە قادىر
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

ھۆرمەتلىك ۋەتەنداشلىرىم،

يېقىندىن بۇيان تور بەتلىرىدە، Facebook قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە قوراللىرىدا، گويا ماڭا كۆيۈنۈپ „داۋادا ئۇرۇلغانلىقىم ۋە يوللىرىمنىڭ توسۇلغانلىقى..“ ھەققىدە، قىسقا – قىسقا خەۋەرلەر چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. سېيىت تۈمتۈرك، ئۆمەر قانات، دولقۇن ئەيسا، ئالىم سېيىتوف قاتارلىق مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇپ، دئۇق خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا بارلىق جەڭچىلەر ۋە ئىنقىلابچىلار ھەققىدە شىكايەتلەر بولۇنماقتا.

بۇ مەسىلىدە مەن كۆپرەك خاتالىقنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالسام بولىدۇ، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قاقشاپ، شىكايەت قىلىپ قويغان ۋاقىتلىرىم بولغان بولۇشى مۇمكىن. دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى „مەن ئۇيغۇرمەن“ دېگەن، ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنى يەر شارىدىن ئۈزۈل كېسىل يوقىتىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويدى.

تەپسىلاتى...

دئۇق نىڭ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەت پىلانلىرى ھەققىدىكى چاقىرىقى

Logo

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ قانلىق قىرغىنچىلىقلارنىڭ بىرى بولغان ۋە دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىللىقى يېقىنلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا. 5-ئىيۇل ۋەقەسىگە 5 يىل بولغان بولسىمۇ، ئامما بۇ قانلىق قىرغىنچىلىققا دائىر نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلار ھازىرغىچە سىر بولۇپ كەلمەكتە. ئۆتكەن 5 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش سىياسىتى تېخىمۇ ۋەھشىي، تېخىمۇ ۋەھىمىلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلىپ كەلدى. بۇ باستۇرۇشلار سەۋەبىدىن مىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز، ھەتتا سەبىي بوۋاق، ئاچا-سىڭىللىرىمىز ئەزىز ۋەتىنىنى تاشلاپ، ئۆزگە ئەللەردە سەرسان بولۇشقا باشلىدى.

تەپسىلاتى...

دئۇق: پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان “ئۇيغۇر ئانا تىلى ھوقۇقى“ناملىق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ” ئانا تىلىمنى يوقاتما“ ناملىق بىرلەشمە نامايىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

ana til-2.jpg.thumb

2014-يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) تەرىپىدىن”دۇنيا ئانا تىلى كۈنى“ دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 15 – يىللىق خاتىرە كۈنى بولۇپ، مەركىزى پارىژ شەھىرىدە بولغان ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO ) بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا زور داغدۇغا بىلەن تەبرىكلەشكە ھازىرلانماقتا.

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى ( UNESCO ) تەرىپىدىن 1999 – يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنىنى “دۇنيا ئانا تىلى كۈنى“ دەپ بېكىتىش قارار قىلىنغان ئىدى.

دئۇق بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ 2014 –يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى، پارىژ شەھىرىدە، مەخسۇس خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە پۈتۈن ياۋروپادىكى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ قاتنىشىشىدا كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قىرغىنچىلىقى: ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

Logo

دئۇق 4-ئاينىڭ 14-16-كۈنلىرى، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە „ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قىرغىنچىلىقى: ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر“ ماۋزۇلۇق خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

دئۇقنىڭ 2007-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ “دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن…” پروگراممىسى ئوخشاش بولمىغان شەكىل ۋە ئوخشاش بولمىغان مەزمۇنلاردا داۋام قىلىپ كەلمەكتە، بەزى پروگراممىلار „تەربىيىلەش كۇرسى“ شەكلىدە، بەزى پروگراممىلار „خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى“ شەكلىدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى.

دئۇق 8-قېتىملىق پروگراممىسىدا، „ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق قىرغىنچىلىقى: ئىز دېرەكسىز غايىب بولغانلار، تۇتقۇن قىلىش ۋە قانۇنسىز ئۆلتۈرۈشلەر “ دېگەن تېمېدا خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

تەپسىلاتى...

2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسى بۇ يىل 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياشلار كومىتېتى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

Logo

ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنىڭ رەھبىرى، دئۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىندىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە دئۇق رەھبەرلىرىنىڭ كۈچلۈك ياردىمى، قەيسىرىدىكى تەشكىلات ۋە ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشى بىلەن، 2-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى “ئۇيغۇر ئەركىنلىك لوڭقىسى“ لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 13-18 كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋە 12-ئاينىڭ 18-كۈنلىرى، ۋاشىنگتون ۋە بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان دئۇق رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىدا، ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 2-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ياشلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۈركىيەنىڭ قەيسىرى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈش قارارى ئىلىنىپ، دئۇق مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئەسقەرجان، سېيىت تۈمتۈرك ۋە ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىلەرنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقە تەييارلىق خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ئىدى. بۇ قېتىملىق مۇسابىقە، دئۇق 2011-يىلى گوللاندىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇيۇشتۇرغان ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تەپسىلاتى...

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقىغا قارشى، دئۇق نىڭ نارازىلىق پائالىيەت كالېندارى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2014-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى، شەرقىي تۈركىستاندا شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقى، بىگۇناھ ئىنسانلارنى قانۇنسىز ئېتىپ تاشلاش ۋە تۇتقۇن قىلىشتەك جىنايىتىگە قارشى ، دئۇق تەرىپىدىن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنىڭ روھى بويىچە، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا نارازىلىق پائالىيەتلىرى، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

دئۇق ئىجرائىيە كومىتېتىغا ھازىرغىچە كەلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شىۋېتسىيە، ياپونىيە، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەردە نارازىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

نارازىلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنى، ۋاقتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى پائالىيەت كالېندارىدىن كۆرۈڭ.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  ھېيت نامىزىنىڭ ئورنى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى
گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومىتېتى
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بىرقانچە يىللاردىن بۇيان گېرمانىيەدىكى، بولۇپمۇ ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ھېيت نامازلىرىنى تەشكىلاتىمىزنىڭ زالىدا بىرگە ئۆتەپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى، بولۇپمۇ ياش – ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ سانىنىڭ تەز سۈرەتتە ئېشىپ بېرىشى بىلەن، ھېيت نامازلىرى ئۈچۈن تەشكىلاتىمىزنىڭ زالى بىر ئاز كىچىكلىك قىلىدىغان بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلاتىمىز گېرمانىيەدىكى، جۈملىدىن ميۇنخېن شەھىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ يىللىق روزا ھېيت نامىزىنى ئازادىچىلىك ئىچىدە خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس چوڭ زال كىرالاپ ۋاقىتلىق مەسچىت ھازىرلىدى، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى ھېيت نامىزى ئۈچۈن مەزكۇر زالغا كېلىپ توپلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تەپسىلاتى...

رابىيە قادىر : ” شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رامزان ئېيى قۇتلۇق بولسۇن ! “

دئۇق رەئىسى
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم شەرقىي تۈركىستانلىق ئەزىز قېرىنداشلىرىم !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مىللىي ئىنقىلاب داستانىمىزدا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن خاسىيەتلىك نام – نىشانى ئويۇلغان قەدىرلىك شېھىتلىرىم ۋە بۇ قەھرىمان شېھىتلىرىمىزنى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان سۆيۈملۈك ئاتا – ئانىلار !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇستەبىت خىتاينىڭ زۇلۇمىغا تەز پۈكمەي مەردانىلەرچە كۈرەش قىلىۋاتقان ۋەتەن ئىچىدىكى باتۇر خەلقىم !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلۈكى، ئازادلىقى ۋە ئىنسانى قەدىر – قىممەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش بەدىلىگە خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانلىرىغا مەھكۇم بولۇپ ئازاب چېكىۋاتقان قەھرىمان ئەۋلادلىرىم !

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ۋە بۇ شەرەپلىك يولدا زور بەدەل تۆلەپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ھەقىقىي ۋەتەنسۆيەر ئىنقىلابچىلىرىم !

تەپسىلاتى...