دىپلومات ژۇرنىلى : خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 10 نەچچە يىللىق تېررورلۇققا قارشى سىياسىتى ئۈنۈم بەرمىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى

guma-16022017

ئامېرىكا «دىپلومات» ژۇرنىلى تورىدا 23 ‏-فېۋرال ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈپ كەلگەن 10 نەچچە يىللىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتى ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدە قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001‏-يىلى «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك سىياسىتىگە تەتبىقلاپ، «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» غا قارشى ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، بىڭتۇەننى سەپەرۋەر قىلىشتەك قاتتىق تەدبىرلەرنى ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ ئۇيغۇرلار بىلەن نوپۇس تەڭپۇڭلۇقى پەيدا قىلىشتەك يۇمشاق تەدبىرلەرنى تەڭ قوللانغان.

بىراق ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىر خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇق تەھدىتنىڭ ئازىيىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىدىمۇ-يوق، دېگەن سوئالنى قويغان. ماقالىدە، 1989‏-يىلدىن 2015‏-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەقەلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاينىڭ «11‏-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن بېرى يۈرگۈزۈپ كەلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنىڭ تېررورلۇقنى ئازايتىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينىمىغانلىقىنى، بەلكى تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

قاراقاشتا 3 يەرلىك كادىر «28‏-دېكابىر ۋەقەسى» دە بىپەرۋالىق قىلغان دەپ قولغا ئېلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

rfa-24022017

خوتەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېلى غوجابدۇللا، قاراقاشنىڭ ياۋا يېزا جىھانباغ كەنتىنىڭ پارتىيە سېكرېتارى مەمەتنىياز يۈسۈپ، جۈمەبازار كەنت سېكرېتارى ئابدۇمەمەت سادىر قاتارلىق 3 كىشى يېقىندا رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسى بۇ 3 يەرلىك كادىرغا رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنى 2016‏-يىلى 28‏-دېكابىر كۈنى يۈز بەرگەن قاراقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە «بىپەرۋالىق قىلغان»، «ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرمىغان» دەپ قولغا ئالغان.

لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق «بىپەرۋالىق» قىلغانلىقى ياكى ۋەزىپىسىنى «ئاتقۇرمىغانلىقى» غا دائىر ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. قاراقاش ناھىيەسىدىكى يەرلىك دائىرىلەر پەيشەنبە كۈنى مۇخبىرىمىزغا بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە توختىلىشنى خالىمىدى.

تەپسىلاتى...

19 تەشكىلات ب د ت دا بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى

e32ec98e-a153-4657-a1fc-bb08bb36ef44

«جەنۋە ئالىي دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىۋاتقان خەلقئارالىق 19 تەشكىلات بىرلەشمە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەتنى تارتتى.

«تىبەت ئاۋازى» تورىنىڭ 21-فېۋرالدىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك ئۆيى ۋە ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتارلىق 19 خەلقئارالىق تەشكىلات بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ۋە كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنى كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە دىققەت قىلىشقا ھەمدە خىتاينى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ۋە خەلقئارا ئەھدىنامىلەرگە رىئايە قىلىشقا مەجبۇرلاشقا چاقىرغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاپتوموبىللارغا «ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇش قارارى خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى

26ddd161-7c59-49f0-a35c-f40a19b2ebc3

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئاپتوموبىللارغا «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» (GPS) ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سۇيىئىستېمال قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 14-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن «گۇما ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۈرۈمچى، خوتەن ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلاردا تېررورلۇققا قارشى قاتتىق كۈرەش قىلىش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مىڭلىغان قوراللىق ساقچىلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن زور كۆلەملىك ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا جاكارلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 3 كىشىنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن كۆرسەتكەن بۇ ھەيۋىلىرى ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى پەۋقۇلئاددە جىددىيلىك خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان بىر شارائىتتا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ج خ ئىدارىسى 19-فېۋرال كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، ئوبلاست تەۋەسىدىكى بارلىق ئاپتوموبىللارغا «بېيدۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش بىخەتەرلىك نازارەت سىستېمىسى» ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە بۇ سىستېمىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر رايونىدا بىردەك ئومۇملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئانالىزچىلىرى: 14-فېۋرال خوتەن ۋەقەسى چېن چۈەنگونىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەھسۇلى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى

d8830f54-48da-4112-8510-37006f342727

14-فېۋرال خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم خوتەندە يېقىنقى 2 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن 3-قېتىملىق توقۇنۇش.

مەزكۇر ۋەقەنىڭ، پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ رايوندا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەن ھەپتە خوتەن ج خ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىجات ئاۋۇدۇن قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغاندا يۈز بېرىشى، تاراتقۇلار ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ قاتارلىق خىتاي ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ خىل نارازىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يەنە كۆپىيىشىگە چېن چۈەنگونىڭ بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
خىتاي تاراتقۇلىرى 14-فېۋرال خەۋەر بېرىپ، خوتەندە پىچاقلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان پۇقرالاردىن 5 كىشى ئۆلۈپ، 5 كىشى يارىلانغانلىقىنى، پىچاقلىق ھۇجۇم قوزغىغان 3 كىشىنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر رايوندىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى

uyghur-boway-14022017

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەپتىش ئورگانلىرى 800 دىن ئارتۇق ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان. مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسىتى ۋە بۇ سىياسەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالاشقا باشلىغانلىقى، دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى دېموكرات ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچراۋاتقان مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كرىزىس ئىچىدە قالغانلىقىنىڭ ۋە رايوندىكى مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ساقلىشىنىڭ تەسكە چۈشۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدىكەن.

تەپسىلاتى...

تۇرغۇن ئالماسنىڭ چەكلەنگەن ئۈچ كىتابى تۈركىيەدە قايتا نەشر قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى

image

داڭلىق شائىر ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، «ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ۋە «قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» ناملىق كىتابلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە قايتا نەشر قىلدۇرۇلدى. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى 1046بەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ تاش ۋارىقى كۆك رەڭدە، قاتتىق مۇقاۋىلىق قىلىپ لايىھىلەنگەن.

تۇرغۇن ئالماسنىڭ بۇ ئەسەرلىرى، 1986-، 1987- ۋە 1989-يىللىرى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەنئى قىلىنىپ يىغىۋېلىنغان ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا چەكلەنگەن بىر يۈرۈش كىتابلارنى نەشر قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، داڭلىق تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ چەكلەنگەن ئۈچ كىتابى بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ۋە مەزكۇر كىتابنى نەشر قىلدۇرغان جېلىل تۇران، تارىخچى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەزكۇر كىتابنى نەشرگە تەييارلىغان جېلىل تۇران ئەپەندى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، تۇرغۇن ئالماسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئۈچ كىتابىنىڭ يېڭى نۇسخىسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...

تەكشۈرۈشكە يوللانغان 7 ئۇيغۇر كادىرنىڭ 6 سىنىڭ قانۇن ساھەسىدىن ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

saqchi-ponkitliri

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 10-فېۋرالدىكى سانلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 7 نەپەر ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈشكە يوللانغانلىقى خەۋەر قىلىندى. چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان 7 كىشىنىڭ 6 سىنىڭ ج خ خادىمى بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تىنچسىز رايون دەپ تەرىپلىنىۋاتقان خوتەن رايونىدىن بولۇشى جىددىي دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇلاھىزىچىلەر، ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرىنىڭ، رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن قاتارلىق جايلاردا يېقىندىن بۇيان يەنە كۆپەيگەن قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى رايوندا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئارتىش ئارقىلىق مەسئۇلىيەتتىن قاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق باشقا ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ئىبرەت قىلىش ۋە ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەنىمۇ ساداقىتىنى ئىپادىلەشكە قىستاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

خىتايدا بۇلتۇر ھۆكۈمەت تور بېكەتلىرىنىڭ ئۇچۇر مەزمۇنى سەۋەبىدىن تاقالغانلىقى دىققەت قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

b3c120d1-4ecd-4f95-8f17-246d79b66746

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى چاغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان خىتاي تور بېكەتلىرىنىڭ 2016-يىللىق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، بۇلتۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق لاياقەتسىز دەپ تاقالغان تور بېكەتلىرى ئارىسىدا بىر تۈركۈم ناھىيە، يېزا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئىدارە، جەمئىيەتلەرنىڭ تور بېكەتلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا يەنە مەزكۇر تور بېكەتلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تاقالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

namayix-uras-0502بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى، يەنى 1997-يىلى 5-فېۋرالدا غۇلجىدىكى مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر ياشلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قىسىم دىنىي زاتلارنى سەۋەبسىز قولغا ئېلىشى ھەمدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى «مەشرەپ» پائالىيىتىنى چەكلىشىگە قارشى تىنچلىق نامايىشى تەشكىللىگەن ئىدى. ھالبۇكى، شۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى ھەمدە نۇرغۇن كىشى قولغا ئېلىندى.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى «نامايىشنى بىر ياقلىق قىلىش جەريانىدا 11 كىشى ئۆلدى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، شۇ ئىشلارغا شاھىت بولغانلار شۇ قېتىمقى ۋەقەدە يۈزدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئالغا سۈرىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىزچىل ھالدا ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق «5-فېۋرال ۋەقەسى» نى خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بۇ يىلمۇ ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە شىتاتى ۋە باشقا قوشنا شىتاتلاردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا جەم بولۇپ شۇ قېتىمقى تىنچلىق نامايىشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ دىكتاتورلۇقىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.

تەپسىلاتى...