يەرلىك ساقچىلار «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان پۇقرالارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16 – مارت

c6cd88bd-6210-44c6-8635-1aad24b02356

ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىداردا ئېلان چىقىرىپ، پۇقرالاردىن «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى دەرھال تاپشۇرۇشىنى، 1‏-ئاپرېلغا قەدەر تاپشۇرمىغانلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەرگە سېلىنىپ، جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

دائىرىلەر ئۈندىداردىكى ئۇقتۇرۇشىدا، «قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى، توردا قانۇنسىز دىن تارقىتىش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى «3 قانۇنسىز» دەپ كۆرسەتكەن. دائىرىلەرنىڭ ئۈندىداردىكى ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «بىر بۇيۇم» دېگىنى گۈڭگۈرت، ئامۇنېي نېترات، ئورىيا… قاتارلىق يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنى، پاتىلداق، سەرەڭگە، گاز تۇڭى قاتارلىق ئەشيالارنى، پىچاق، كەكە، ئوغاقسىمان قىڭراق، قىلىچ، تىزگىنەكلىك ئەسۋابلارنى، ئاي يۇلتۇز، ھالال- ھارام بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن گىلەم، كالېندار، چىنە-قاچا قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنى، نىقابلىق كىيىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تۈسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى، بىكار تۇرۇپ قالغان ياكى تاشلىنىپ قالغان كېسىش ۋە كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرىنى، رەگەتكە، ئوقيا، پىستان، كومپاس، دۇربۇن، قۇم خالتىسى، بوكس پەلىيى… قاتارلىق نۇرغۇن ئەشيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارى تىنچ تەشۋىقاتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىكى ۋەھىمىنى يوقىتالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 15 – مارت

c12ba2da-1b28-49a0-b6e4-37d663333bdc

يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، دائىرىلەر يەنە، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە قارىتا رايوننىڭ تىنچ-مۇقىملىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۇ خىل بىر-بىرىگە زىت تەشۋىقاتلار خىتاي تورداشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا «ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تىنچ» تەشۋىقاتىنى كۆپەيتىشى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتا 70 كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 15 – مارت

0d863fd5-853b-4e18-b899-02f7563b49da

ئۆتكەن ھەپتە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئاتۇشتا 70 چە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، خەۋەرنىڭ ۋەھىمىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندە قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنى بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، گۇماننى يېشىشكە چاقىرىق قىلدى.

رادىئومىز مۇخبىرلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىدى.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە شەرقىي تۈركىستاندا ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئاياللارنى ئونۇتمايلى!

img_thumb

جىددىي بايانات

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى(Uyghur Human Rights Project)

خەلقئارا ئاياللار بايرىمى كۈنىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پىروگراممىسى(UHRP) كۆپچىلىكنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا خاتىمە بېرىش ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. نۇرغۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ بېسىملىرىغا قارشى ئۆز ھەق – ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى: «بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتى» ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلمىغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10 – مارت

5d11030f-e47f-4f11-a3d8-7dcbcaab28ad

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بېيجىڭدا چاقىرىلغان ئىككى قۇرۇلتىيىغا ئائىت خەۋەرلەردە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ئېلى خىتاينىڭ غەربكە ئېچىلىدىغان دەرۋازىسى بولۇشى سۈپىتى بىلەن مەزكۇر ئىستراتېگىيىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئورۇنلارنىڭ بىرى، دەپ قارالماقتا. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا زور مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەخسۇس دوكلاتىدا بۇنى رەت قىلىپ، بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش نۇقتىسى قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چەتكە قېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دۈشەنبە كۈنى «يولنىڭ ئاخىرى : بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادتا چەتكە قېقىلىشىنىڭ ئۆتكۈرلىشىپ مېڭىشى» ناملىق بىر يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى. بۇ دوكلات دەل بېيجىڭدا چاقىرىلىۋاتقان ئىككى يىغىنىدا خىتاي رەھبەرلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قاتتىق تەكىتلەۋاتقان، شۇنداقلا قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» نىڭ ئۆزلىرىگە ئەپ كېلىدىغان پايدىسىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10 – مارت

1493afdcbafe1b8a8214ad08f65c5da8

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى، يەنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 8-مارت كۈنى خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر ئورگان ئۆز باياناتىدا،ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق بېسىمىغا قارشى چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

باياناتتا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، «ئۇيغۇر بىز» تور بېتىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن تۈرمىگە سولانغان ئاتىكەم روزى، غايىب ئوغلىنىڭ داۋاسىنى قىلىپ تۈرمە جازاسىغا ئۇچرىغان پاتىگۈل غۇلام، ژۇرنالىست مەھبۇبە ئابلەش، پاسپورت ئېلىش ھوقۇقى چەكلەنگەن بورتالالىق رابىخان مۇسا ئانىلار مىسال قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئاياللىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تەپسىلاتى...

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 10 – مارت

u372p5060t2d8294f39dt20160808051726

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زېيىد رائاد ئەل ھۈسەيىن 8-مارت كۈنى جەنۋەدە قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنى بېسىم سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان.

كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تور بېتىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەدە داۋاملىشىۋاتقان يىغىنىدا، چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى زېيىد ھۈسەيىن 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئۈستىدە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن. ئۇ دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتايدىكى ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ مىللىي ۋە دىنى ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ؛ «مېنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى دىنى ۋە مىللىي بېسىم ۋەقەلىرى قاتتىق ساراسىمغا سالدى. مەن خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى داۋاملىق تەكىتلەيمەن» دېگەن.

تەپسىلاتى...

ئانالىزچىلار: دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ تەسىرىنى چەكلىشىگە، ئەنسىرەش سەۋەب بولدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 7 – مارت

rfa-ilxathasan-07032017

رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان بېسىم ۋە تەقىپنى ئىلگىرىكى يىللاردىن ھەسسىلەپ كۈچەيتكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغان نۇقتىلارنىڭ بىرى، دائىرىلەر ئىلگىرى چەتئەللەردىكى خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان بېسىملارنى كۈچەيتكەن بولسا، ئەندى چەتئەللەردىكى تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھەتتا چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلارغا قەدەر كېڭەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

تەپسىلاتى...

چەتئەل ئاخباراتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 3 – مارت

c12ba2da-1b28-49a0-b6e4-37d663333bdc

ب ب س نىڭ 2‏-مارت ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇ يىل 14‏-فېۋرال گۇما ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتى تولۇق ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا بۇنداق قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغۇدەك ئۇنىڭ چەتئەلگە چېتىشلىق ياكى تەشكىللىك ھەرىكەت ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق ئالامەت يوقلۇقى بىلدۈرۈلگەن.

ب ب س نىڭ خىتاي خەۋەرلەر تەھرىرى كەررىي گرېيسى تەرىپىدىن يېزىلغان ماقالىدا، خىتاينىڭ مۇشۇنداق بىر ۋەقەگە ئاز كەم يېقىنقى 10 يىلدىن بېرى كۆرۈلۈپ باقمىغان زور كۆلەملىك قوراللىق مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ، بۇنداق قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈشىدە 3 خىل ئېھتىماللىق بارلىقى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

تەپسىلاتى...

شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى مەتبۇئات باياناتى

ھازىر ئېلان قىلىندى
2017 – يىلى 27 – فېۋرال

16998922_189355351552281_6479456241049348162_n

1– نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىستراتېگىيەلىك مۇھاكىمە يىغىنى، چەت ئەللەردىكى تەتقىقاتچىلار، جامائەت ئەربابلىرى، پىشقان سىياسەتچىلەر ۋە پائالىيەتچىلەردىن تەشكىل تاپقان دانا كىشىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 25 – فېۋرالدىن 27 – فېۋرالغىچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن چاقىرىلغان بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا 12 دۆلەتتىن 19 ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

يىغىندا، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى يۆنىلىشى ۋە ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئىجابىي – سەلبىي تەسىرلەرنىڭ ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە ئالاقىدار چارە – تەدبىرلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

بۇ يىغىننىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلگەن ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

 

تەپسىلاتى...