خىتاي تۈركىيەدە دوست ئىزدىمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 11– ئاپرىل

1368d0aa-8348-4619-b0c5-a229ab7560d9

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش قىلىش باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇرلارغا قارىتا دىنىي بېسىمنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر تۈركىيە جامائەتچىلىكى ئىچىدە غۇلغۇلا پەيدا قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە، تۈركىيەدىكى خىتاي دىپلوماتلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىپ، دوست ئىزدىمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئايدىن شەھىرىدىكى www.aydindenge.com.tr ناملىق تور گېزىتىدە ناجى ئېرىش ئەپەندى يازغان خەۋەردە، خىتاي دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى زېڭ شىيەنليۇ بىلەن خىتاي گەنسۇ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ شۈەنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى ئۆمەر فارۇق قوچاق ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ، قېرىنداش شەھەر بولۇش تەكلىپىنى يەتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى خەلقئارادا دىققەت قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ئاپرىل

0d863fd5-853b-4e18-b899-02f7563b49da

ئۇيغۇر دىيارىغا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن ئەمەلدار چېن چۈەنگو كەلگەندىن بۇيان، رايوندا «تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىققا زەربە بېرىش» نامىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قاتتىق قول سىياسەت ۋە ۋەزىيەت خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكالىق ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان رادىكال سىياسەت ۋە دائىرىلەرنىڭ 1-ئاپرېلدىن باشلاپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئاتالمىش«ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» دىكى قاتتىق بەلگىلىمىلەر، نورمال دىنىي ئېتىقاد ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ چەكلەشكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى بارغانچە كۈچەيتىپ، رايوندا تېخىمۇ جىددىي ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە بارغانچە جىددىيلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار يەنە كۆپەيدى.

تەپسىلاتى...

تارىخچى جاستىن جېيكوبس: «سىياسىيونلارنىڭ نېمە دېگەنلىكى ئەمەس، نېمە قىلغانلىقى مۇھىم!»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 30– مارت

a4202371-1b7f-47c8-a446-9b06e32c84fc

ئامېرىكالىق ياش تارىخشۇناس جاستىن جېيكوبسنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان تۇنجى ئەسىرى «شىنجاڭ ۋە ھازىرقى زامان خىتاي دۆلىتى» ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ 1930- ۋە 1940-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تارىخىي ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان. ئاپتور بۇ ئەسەردە كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن بىر قاتار تارىخىي شەخسلەر توغرىسىدا مەخسۇس توختالغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان شەخسلەرنىڭ ئوخشىمىغان تارىخىي باسقۇچلاردىكى ئوخشاش پائالىيەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا، ئاپتور بۇ نۇقتىلار ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

جاستىن جېيكوبسنىڭ يېڭى ئەسىرىدە نۇقتىلىق شەكىلدە بايان قىلىنغان تارىخىي باسقۇچلارنىڭ بىرى 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى، 1940-يىللارنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەمۇنىسى شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان خەلق قوزغىلاڭلىرى دەۋرىدۇر. بۇنىڭدا ئاپتور بىر قەدەر تەپسىلىي توختالغان ۋەقە 1933-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ھەمدە مەزكۇر قوزغىلاڭنى باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق ھۆكۈمدارغا ئايلانغان، شۇنداقلا كېيىنكى ۋاقىتلاردا تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن «جاللات» دەپ تەسۋىرلەنگەن شېڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىشى، شۇ ۋاقىتتىكى دۇنياۋى كۈچ بولۇۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بولغان قويۇق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسى قاتارلىقلاردۇر.

تەپسىلاتى...

بىر قانچە دۆلەت ب د ت دا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 28– مارت

95d6f5be-f16b-461e-be01-e7464309d0b0

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا، گېرمانىيە كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىننىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بەس -مۇنازىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، ئادۋوكاتلارنى قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش، ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىلىك سېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى «تىبەت ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ئەڭ ئەقەللىي رەۋىشتە بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

تەپسىلاتى...

تىبەت ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى: خىتاي تىبەتتە مەغلۇپ بولغان سىياسىتىنى ئۇيغۇرلارغا سىناق قىلماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 21– مارت

25219d60-6d46-47ba-adc4-1ee718ae7c62

خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ 20-مارتتىكى سانلىرىدا خىتاينىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئاياقلىشىشى بىلەنلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 19-قۇرۇلتايدا تەكىتلىگەن «بىر يول بىر بەلۋاغ قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭ مۇقىم بولۇش كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتى باشلىنىپ، بارلىق ئىدارە-ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ئۈچ خىل بۆلگۈنچى كۈچلەر» گە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش پائالىيىتى قوزغىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئىلگىرى تىبەتتە ئۇزۇن مەزگىل ئەمەلدار بولغان چېن چۈەنگونىڭ «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىل سىياسىي ھەرىكەت تۈسىنى ئالغان پائالىيەتلىرى ۋە قاتتىق قول سىياسىتى خەلقئارا تاراتقۇلار ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

تەپسىلاتى...

سابىق كەنت سېكرېتارى ئابابەكرى سايىتنىيازنىڭ «سىرلىق ئۆلۈمى» گۇمان قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 21– مارت

kadir-olum-rfa-21032017

ئابابەكرى سايىت نىياز 2015‏-يىلى 8‏-ئايدا قولغا ئېلىنىپ، 2016‏-يىلى 12‏-ئايدا ياكى 2017‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئائىلىسى تۇرۇشلۇق پوسكام ناھىيە ئەگرىتېرەك كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكىسىغا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ مەسىلىسىدىن خەۋەردار يەرلىك كادىرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەرھۇم كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ۋاپات بولغان.

ئۇنىڭ كونكرېت قولغا ئېلىنىش سەۋەبى، نېمىشقا دائىرىلەرنىڭ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ئۇنى تۇيۇقسىز كەنت ياچېيكىسىغا كېپىللىككە بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ قانداق كېسەل بىلەن ۋاپات بولغانلىقىغا دائىر تەپسىلاتلار مەلۇم ئەمەس.
پوسكام بازىرىدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار بىر خادىم، مەرھۇمنىڭ تۈرمىدىن چىقىپلا ۋاپات بولغانلىقىنى دەلىللىدى.

تەپسىلاتى...

سەئۇدىلىق ئۇيغۇرلار پادىشاھ سالماننىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج ئىشلىرىدا خىتايغا بېسىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18 – مارت

3c55c484-cb2c-441c-b2a5-254526d53d28

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىن سالماننىڭ پەيشەنبە كۈنى باشلانغان خىتاي زىيارىتى 3 كۈن داۋام قىلىدۇ. بىن سالمان زىيارىتىنىڭ 1‏-كۈنى خىتاي بىلەن 65 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادى كېلىشىم ئىمزالىدى. كېلىشىم پادىشاھ سالمان بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نازارەتچىلىكىدە ئىمزالانغان.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ مىڭنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئېنېرگىيە، ئالەم بوشلۇقى ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كېلىشىم سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت شىركىتى ئارامكو بىلەن خىتاي شىمالىي جۇڭگو سانائەت شىركىتىنىڭ خىتايدا نېفىت ئايرىش ۋە خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇش پىلانى، خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇل سانائەت گۇرۇھىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خىتايدا نېفىت-خىمىيە كارخانىلىرىنى تەسىس قىلىش پىلانلىرىنى ئۆز ئىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەپسىلاتى...

يەرلىك ساقچىلار «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغان پۇقرالارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16 – مارت

c6cd88bd-6210-44c6-8635-1aad24b02356

ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ساقچى دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئۈندىداردا ئېلان چىقىرىپ، پۇقرالاردىن «3 قانۇنسىز، بىر بۇيۇم» نى دەرھال تاپشۇرۇشىنى، 1‏-ئاپرېلغا قەدەر تاپشۇرمىغانلارنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەرگە سېلىنىپ، جازالىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

دائىرىلەر ئۈندىداردىكى ئۇقتۇرۇشىدا، «قانۇنسىز دىنىي نەشر بۇيۇملىرىنى، توردا قانۇنسىز دىن تارقىتىش ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر» نى «3 قانۇنسىز» دەپ كۆرسەتكەن. دائىرىلەرنىڭ ئۈندىداردىكى ئۇقتۇرۇشىدا يەنە، «بىر بۇيۇم» دېگىنى گۈڭگۈرت، ئامۇنېي نېترات، ئورىيا… قاتارلىق يېزا ئىگىلىك دورىلىرىنى، پاتىلداق، سەرەڭگە، گاز تۇڭى قاتارلىق ئەشيالارنى، پىچاق، كەكە، ئوغاقسىمان قىڭراق، قىلىچ، تىزگىنەكلىك ئەسۋابلارنى، ئاي يۇلتۇز، ھالال- ھارام بەلگىسى چۈشۈرۈلگەن گىلەم، كالېندار، چىنە-قاچا قاتارلىق ئائىلە بۇيۇملىرىنى، نىقابلىق كىيىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» تۈسىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنى، بىكار تۇرۇپ قالغان ياكى تاشلىنىپ قالغان كېسىش ۋە كەپشەرلەش ئۈسكۈنىلىرىنى، رەگەتكە، ئوقيا، پىستان، كومپاس، دۇربۇن، قۇم خالتىسى، بوكس پەلىيى… قاتارلىق نۇرغۇن ئەشيالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارى تىنچ تەشۋىقاتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىدىكى ۋەھىمىنى يوقىتالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 15 – مارت

c12ba2da-1b28-49a0-b6e4-37d663333bdc

يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا «قاتتىق زەربە بېرىش» نامىدا قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە، دائىرىلەر يەنە، خىتاي ساياھەتچىلىرىگە قارىتا رايوننىڭ تىنچ-مۇقىملىقى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتكەن. ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى بۇ خىل بىر-بىرىگە زىت تەشۋىقاتلار خىتاي تورداشلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ ئىنكاس قوزغىدى. چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچى ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا «ئۇيغۇر ۋەزىيىتى تىنچ» تەشۋىقاتىنى كۆپەيتىشى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونى ھەققىدىكى ۋەھىمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.

تەپسىلاتى...

ئاتۇشتا 70 كىشىنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 15 – مارت

0d863fd5-853b-4e18-b899-02f7563b49da

ئۆتكەن ھەپتە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ئاتۇشتا 70 چە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالغاندىن كېيىن، خەۋەرنىڭ ۋەھىمىسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ئېغىر دەرىجىدە پاراكەندە قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل ئاخبارات ئورگانلىرىنى بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، گۇماننى يېشىشكە چاقىرىق قىلدى.

رادىئومىز مۇخبىرلىرى بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقى ئايدىڭلاشمىدى.

تەپسىلاتى...