ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ياش يۈننەن چېگراسىدا تۇتۇلۇپ 17 يىللىق كېسىلگەن

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 16– ماي

بۇ يىل 25 ياشقا كىرگەن ھەسەننىياز سەمەت، 3 يىلنىڭ ئالدىدا يۇرتى يەكەن تومئۆستەڭدە ئاكىسى بىلەن ئاپتوموبىلدا رول تالىشىپ قالىدۇ. خاپىچىلىقتا ئۆيدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ھەسەننىياز تىرىشىپ ئىشلەپ، مۇستەقىل بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش نىيىتىدە ئاۋۋال ئۈرۈمچىگە، ئاندىن يۈننەنگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاينىڭ ھەرقانداق يېرىدە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەسەننىياز، تەلىيىنى چەتئەلدە سىناپ باقماقچى بولىدۇ. ئەمما، خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى، جاھاندارچىلىق كويىدىكى ھەسەننىياز سەمەتنىمۇ ئامان قويمايدۇ. خىتاي سوتى ئۇنى چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ 17 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىدۇ.

ئۆتكەن يىلى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى، رادىيومىزغا مەكتۇپ يوللاپ، يەكەندە ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن بىر ياشنىڭ، ئالتە ئايدىن كېيىن يۈننەن چېگراسىدا تۇتۇلغانلىقىنى ۋە ئىككى يىلدىن كېيىن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بۇ ئۇچۇر يېقىندا يەكەن تومئۆستەڭدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا راستلىقى دەلىللەندى. تومئۆستەڭ ئىشلەمچى كەنت سېكرېتارىنىڭ دېيىشىچە، 3 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆيىدىن يامانلاپ چىقىپ كەتكەن ياشنىڭ ئىسمى ھەسەننىياز سەمەت.

تەپسىلاتى...

بلۇمبېرگ : خىتاي پاكىستاندا غەربنىڭ خاتالىقىنى سادىر قىلىۋاتىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 6– ماي

«بلۇمبېرگ خەۋەرلەر» تورىدا3 ‏-ماي خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ قەشقەر-گۋادار ئىقتىسادى كورىدورى ھەققىدە بىر ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئەگەر خىتاي قاتتىق ئېھتىياتچان بولمىسا، بۇ كارىدورغا سالغان مەبلىغى ئۇنىڭغا زور باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

مەزكۇر پىلاندا، خىتاي قەشقەر بىلەن گۋادارنى تومۈريول، تاشيول، ھاۋا ئارقىلىق باغلاش، پاكىستان قاتناش ئاساسىي ئەسلىھەلىرىنى، ئېلىكتىر، يادرو ئىستانسىسى، پورت قۇرۇلۇش ۋە تېز سۈرئەتلىك تاش ۋە باشقا ئاساسىي ئەسلىھەرلەر قۇرۇلۇشلىرىنى قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر، پاكىستاننىڭ گىلگىت-بالتىستان ۋە بالۇجىستان ئۆلكىلىرىدىكى يەرلىك خەلقنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان بۇ قۇرۇلۇشقا 46 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئاخبارات ۋە تور كونتروللۇقى مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 6– ماي

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خىتايدىكى ئاخبارات، ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتىگە قارىتىلغان دۆلەت كونتروللۇقىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە چېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇشۇ ساھەدىكى ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەتقىقاتچىلارنى تەكلىپ قىلىپ ئوخشاش بولمىغان تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بۇ خىلدىكى كونتروللۇق مۇھىتىدا دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى خىتاينىڭ ئىسىم چەكلىمىسىنى ئەيىبلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 4– ماي

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا بىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارغا «مۇجاھىد»، «مۇھەممەد»، «باغدات»، «تۈركىزات»، «سۈرىيە»، «مەدىنە» قاتارلىق 29 خىل ئىسىمنى قويۇشنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋەر دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە  تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قارارىنى ئەيىبلىدى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ مەسئۇلى مۇستافا يەنەروغلۇ ئەپەندى، 26-ئاپرېل كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ « خىتاينىڭ ‹دىنى رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش› دېگەن نامدا دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقىغا خىلاپ، خىتاي بۇ بەلگىلىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

تەپسىلاتى...

«خارۋارد سىياسىي كۆزىتىش» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە ئۇيغۇر-خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئانالىز قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 26– ئاپرىل

ئاپتور پەرىي ئارېيسمىس «خارۋارد سىياسىي كۆزىتىش» ژۇرنىلىدىكى ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەرقلىق مىللىي كىملىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق مەسىلە پەيدا قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ‏- ئارا دىئالوگىنى قىيىنلاشتۇرغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ مەزكۇر «يېڭى چېگرا» رايونىدا زورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ يەنە داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پەرىي ئارېيسىمىس «يىراق شەرقنىڭ بىپايان غەربىي: شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار» سەرلەۋھەلىك ماقالىسىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىندا يولغا قويغان «ئەسەبىيلىكنى چەكلەش نىزامى» نىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دىنىي باستۇرۇش ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلىتىش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بارغان بۇ خىل ھەرىكەتلەر رايوندا دائىم ناھايىتى يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىپ كەلگەن.

تەپسىلاتى...

تۈركىيەدە شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە» ماۋزۇلۇق كىتابىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ئىنكاس قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 20– ئاپرىل

3c064e0f-aad4-4fc6-864b-b09942207751

4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرە پالاس مېھمانخانىسىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ بىلەن تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەمەت شىمشەك ئەپەندى، خىتاي ۋە تۈرك مۇخبىرلاردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ سۆز قىلىپ، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە» ناملىق كىتابنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشىنىڭ تۈركلەرنىڭ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، خىتاينى چۈشىنىشى، خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تەپسىلاتى...

خىتاي، تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇمنى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرىشى»گە رىقابەت دەپ قارىماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 20– ئاپرىل

3274831f-ad9d-4bb8-bcf2-c90cfc58a417

تۈركىيەدىكى رېفېرېندۇمدىن كېيىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى ھېسابلىنىدىغان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى رېفېرېندۇم، يەنى ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىشتىن كېيىنكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا، تۈركىيەدە بۇندىن كېيىن پان تۈركىزىم ئىدىيەسىنىڭ كۈچىيىش ئېھتىماللىقى ۋە بۇنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا پەيدا قىلىدىغان رىقابىتى ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلغان. تۈركىيەدىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تەپسىلاتى...

ئالتاي ۋىلايىتى ئېلان قىلغان مۇكاپات، يەرلىك مىللەتلەر ئورتاق ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

990f4dbd-f1da-4fb6-a005-baf5bacd72c2

ئالتاي ۋىلايىتى چارشەنبە كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، تېررورلۇققا ئائىت گۇمانلىق ئەھۋاللارنى پاش قىلغانلارنى 5 مىليون يۈەنگىچە بولغان يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى بىلەن تارتۇقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ۋە قازاق نوپۇسىنى ئاساس قىلغان ئالتايدا ھازىرغىچە بىر جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاش ئۇقتۇرۇشنىڭ ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

ئالتاي ۋىلايەتلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك باشقۇرۇش ھەيئىتى ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرلىكتە چارشەنبە كۈنى «ئاممىنىڭ تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت يىپ ئۇچلىرىنى پاش قىلىشنى مۇكاپاتلاشقا دائىر قارارى» نى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قارار ئالتاي كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى ۋە شۇنىڭدەك ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئۈندىدارىدىكى سەھىپىسى ۋە كېيىن جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىدە كەڭ خەۋەر قىلىندى.

تەپسىلاتى...

«ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى»: «نېرۋىسى بۇزۇلغان خىتاي دىنىي ئېتىقادقا چېقىلماقتا»

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

a97dd004-186b-4c96-a925-1250a5c2114d

بۈگۈن ياپونىيەدە چىقىدىغان «ياپونىيە ۋاقتى گېزىتى» نىڭ تورىدا «نېرۋىسى بۇزۇلغان خىتاي ئەمدى دىنىي ئېتىقادقا چېقىلماقتا» سەرلەۋھىلىك ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ماقالە ئاپتورى، كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دوگ باندوۋ ماقالىسىنى مۇنۇ جۈملىلەر بىلەن باشلىغان: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوسى دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق جايغا ئايلاندى. دىنىي باستۇرۇش يۇقىرى چەككە يەتتى. كوممۇنىستلارنىڭ خۇداسى دىنىي ئېتىقادلار بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويدى.»

تەپسىلاتى...

خوتەندىكى 97 كادىرنىڭ جازالىنىش سەۋەبى ھەققىدە چاتما مەلۇماتلار: (1)

ر ف ئا خەۋىرى
2017 – يىلى 18 – ئاپرىل

d8830f54-48da-4112-8510-37006f342727

خوتەندە بىر كەنت سېكرېتارى نىكاھنى ئۆيىدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن جازالاندى

خوتەن دائىرىلىرى يېقىندا جازالىغان بىر تۈركۈم كادىرلار ئىچىدە «نىكاھنى ئۆز ئۆيىدە ئوقۇتقان» لىقى سەۋەبلىك جازالانغان يەنە بىرقانچە نەپەر يېزا كادىرىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى. بۇلارنىڭ بىرى چىرا ناھىيەسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى سالامەت مەمتىمىندۇر.

خوتەن گېزىتى 10-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس تەپسىلىي خەۋەر بېرىپ، يېقىندا خوتەندە ئېچىلغان كەنتلەردە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار خىزمىتى ھەققىدىكى خۇلاسە يىغىنىدا بىر تۈركۈم كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

تەپسىلاتى...