خىتاي ‘5 خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشنى نىشان قىلغان ‘5 ‏ – ئىيۇل ئىشخانىسى’ قۇرغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى

تەيۋەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 10 ‏ – ئايدىن باشلاپ “5 ‏ – ئىيۇل ئىشخانىسى” دېگەن نامدا بىر ئورگان تەسىس قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا قارشى پائالىيىتىنى بىر تۇتاش كۆزىتىشكە مەسئۇل قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچىدە نامايىشقا ئىلتىماس سۇنغان 7 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان

ر ف ئا خەۋىرى
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

بۈگۈن بۈيۈك ئىرا قاتارلىق خىتايچە تور بەتلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە جۈمە كۈنى نامايىشقا ئىلتىماس سۇنغان  7 ئۇيغۇر تۇتقۇن قىلىنغان.  خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 22 ‏- ۋە 23 ‏- كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە يەنە 22 ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنىپ، 5 ئىگە ئۆلۈم جازاسى ۋە 5 ئىگە كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەندىن كېيىن، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29- كۈنى

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر رايونىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنى قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇقتۇرۇشتا، 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تېنجىتىش ۋە مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون قاتارلىق ئۇچۇر ئالاقە سىستىمىسغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى، بۇنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىغانلىقى؛ ئەينى ۋاقىتتا يەنە بۇ چەكلىمىنىڭ رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا قۇلايسىزلىقلار ئېلىپ كەلگەنلىكى بايان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون لىنىيىلىرىنى ئېچىۋېتىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا قانداق قارايدۇ؟

ر ف ئا خەۋىرى
2009-يىلى 12-يىلى 29-كۈنى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئاخبارات ئىشخانىسى، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ يىل 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تاقاپ قويۇلغان تېلېفون لىنىيە سىستېمىسى ۋە ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنىڭ تەدرىجىي ھالدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي داىرىلىرى، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا  كېلىشىنى، ئىنتېرنېت ھەمدە تېلېفوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قۇتراتقۇلۇقلار سەۋەبىدىن دەپ كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خەلقنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى، تېلېفون لىنىيىلىرىنى كېسىۋېتىش، ئىنتېرنېت تور مەيدانلىرىنى تاقاپ قويۇش چارىلىرىنى ئىشقا سالغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا مىڭ جيەنجۇنىڭ ئالمىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كۆپەيمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

2009 – يىلى 12 – ئايدن بۇيان خىتاي تىلدىكى ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن، ئاپوللو، بوشۇن قاتارلىق تور بەتلىرى ھەم خوڭكۇڭدا چىقىدىغان نۇر گېزىتى قاتارلىق ئۇچۇر مەنبەلىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھازىرقى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر بېرىلمەكتە.

شۇنداقلا خەۋەرلەردە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئورنىغا ھازىرقى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جيەنجۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى قىلىنىپ تەيىنلىنىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن 29 – دېكابىر كۈنى بوشۈن تور بېكىتى خوڭكوڭدا چىقىدىغان “نۇر گېزىت”ئىنىڭ ۋاڭ لېچۈەننىڭ بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مىڭ جيەنجۇنىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىنى كۆچۈرۈپ باسقان. بۇ 10 كۈندىن بۇيان خىتايدىكى شىنلاڭ، شوخۇ قاتارلىق تور بەتلىرىدىكى ئەركىن مەيدانلاردىمۇ بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر كۆپىيىشكە باشلىغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيىلىك ئاكمال شاھ ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خىرويىن ئەتكەسچىلىكى تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  53 ياشلىق ئەنگلىيە پۇقراسى ئاكمال شاھنىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئەتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى گوردون براۋىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاكمال شاھ، ھازىرغا قەدەر خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلىنغان  بىردىن – بىر ياۋروپا بىرلىكى گراجدانى بولۇپ، ئۇ، 2007 – يىلى ئۈرۈمچىدە 4 كىلو خىرويىن بىلەن تۇتۇلغان ۋە 2008 – يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي، قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا ‘دۆلەت دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىشنى تەكىتلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ياڭ خۇەننىڭ خىتاي ئىچى – سىرتىكىدىكى بۆلگۈنچى قاتارلىق”دۆلەت دۈشمەنلىرىگە زەربە بېرىش” توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن ۋە ئۇ، نۇتقىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ھەققىدىمۇ مەخسۇس توختالغان.

ياڭ خۇەننىڭنىڭ بۇ نۇتقى 18 – دېكابىر چاقىرىلغان خىتاي دۆلەتلىك قانۇن خىزمىتى يىغىنىدا سۆزلەڭەن بولسىمۇ، ئەمما 28 – دېكابىر خىتاي قانۇن گېزىتىدە ئاشكارىلاندى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكىدا يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىن ئۈچۈن 1 مىليون كىشىلىك توردا ئىمزا توپلاش پاالىيىتى باشلاندى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

ئامېرىكا قەلەمكەشلەر مەركىزى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچى نۇرمەمەت ياسىننى ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بىر مىليون كىشىلىك توردا ئىمزا توپلاش پاالىيىتى باشلىدى.

ئىمزا توپلاش پاالىيىتى “كۆڭۈل بۆلۈش” ناملىق تورنىڭ “ئەرزىيەت” سەھىپىسىدە 27 – دېكابىر باشلانغان  بولۇپ، ئۆتكەن بىر كۈن جەريانىدا جەمئىي 20 گە يېقىن ئادەم ئىمزا قويغان.

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىگە مەلۇم قىلىنغان دېلولارنىڭ 50 پىرسەنتى ساختا

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

خىتاي يەرلىك ساقچى داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش لىنىيىسىدە قارا تىزىملىك تۇرغۇزۇپ ساختا دېلو مەلۇم قىلغۇچىلارنى تۇتماقچى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچى ساقچىغا مەلۇم قىلىش مەركىزىگە بۇ يىل يانۋاردىن دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا مەلۇم قىلىنغان  دېلولارنىڭ 50 پىرسەنتى ساختا بولۇپ چىققان بولۇپ، ئۈرۈمچى ساقچى تارماقلىرى بۇ خىل ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن نۆۋەتتە 4 تېلېفون نومۇرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

تەپسىلاتى...

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ‘شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق’ ناملىق يىغىندا ئۇيغۇرلار

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى

2009 ‏- يىلى12 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار بۆلۈمى تەرىپىدىن ‘شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولماق’ ناملىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا  ئىستانبۇل ئۈلكە ئۇجاقلىرى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا ئاياللار قاتناشتى.

تەپسىلاتى...