ئەردۇغان: ‘ئۇيغۇرلار خۇشاللىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياشىشى كېرەك’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

تۈركىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي سودا مىنىستىرى چىن دېمىڭ باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ۋە دۆلەت مىنىستىرى زەفەر چاغلىيان قاتارلىق مىنىستىرلار بىلەن ئۇچراشتى.

تۈركىيىدە چىقىدىغان رادىكال گېزىتىنىڭ 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 8 ‏- كۈنىدىكى سانىدا بىلدۈرۈشىچە، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان خىتاي سودا مىنىستىرى چىن دېمىڭنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا، خىتاي ۋە تۈركلەرنىڭ ئىككى ئايرىم مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەردۇغان سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە ئۇرۇق ‏- توغقانلىرى بارلىقىنى شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇزۇر ۋە تىنچلىق ئىچىدە ياششىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە دوستلۇق كۆۋرۈكى رولىنى ئوينىشىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ۋە شۇنداق ئويلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ‘مەشرەپنى ب د ت مەدەنىي مىراس تىزىملىكىگە ئالدۇرۇش ئىلتىماسى رەت قىلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت كومىتېتى يەنى ئۇنەسچو تەرىپىدىن ئون ئىككى مۇقام قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر مەشرىپىنىمۇ قوغدىلىدىغان مەدەنىي مىراسلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغان.

ئۇنەسچو بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلتىماسنى 5 مۇتەخەسسىسكە ئەۋەتكەن. بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەشرىپىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدا مۇۋاپىق شەرت شارائىت ياراتمىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىلتىماسنى رەت قىلغان. بۇ مۇتەخەسسىسلەردىن بىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى دوكتور رېيچېل خاررىىس خانىمدۇر.

تەپسىلاتى...

خىتاي، تېخىچە تىنجىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى كۈچەيتمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ – ئىيۇل ۋەقەسىنى باستۇرغاندىن كېيىن، ھازىرغىچە تىنجىمىغان ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا كىملىك تەكشۈرۈشنى ۋە بەزى دىنىي پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلارنى ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ئامىللار

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

بۇ يىل 3 – يانۋار كۈنى خىتاي مەركىزى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى كامىلجان ئابدۇرېھىم ئىشلىگەن “شەرقىي قوۋۇق” ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خىتايدىكى ئەڭ چوڭ كىنو تور بېكىتى “تۇدوۇ تور بېكىتى”گە قويۇلۇپ جاماەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، بۇ فىلىم تور بەتلىرىدە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان.

فىلىمدە يېقىنقى20 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ، تىرىكچىلىك غېمىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدە سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان  ھالدا، بېيجىڭنىڭ شەرقىي قوۋۇق رايونىدا تۈرلۈك تىجارەتلەر بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ‘جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى’ گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ قايتا ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ “شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامنامىسى” تۇنجى قېتىم 1994 – يىلى 21 – نويابىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتىنىڭ 6 – يىغىندا بېكىتىلىپ يولغا قويۇلغان.

خىتاينىڭ 90 – يىللارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدىكى”ئامانلىق نىزامنامىسى”نى بەلگىلەشتىكى زۆرۈرىيىتى ھەققىدە توختالغان ئاسىيا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدىكى نىزامنامىنى بەلگىلىشى دۇنيادا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن مۇستەقىل دۆلەتلەر مەيدانغا  كەلگەن ۋە 90 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا بارىن ئىنقىلابى يۈز بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمىگەن دەۋرلەرگە توغرا كېلىدىكەن.

تەپسىلاتى...

يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە ئۆي ئاختۇرۇش ۋە تۇتقۇن قىلىش داۋام قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

رادىومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ساقچىلار يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلغان. شۇ كۈنى ئۈرۈمچى كوچىلىرى بولۇپمۇ دۆڭكۆۋرۈك قاتارلىق ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئادەتتىن تاشقىرى كۆپ ساندا ساقچىلار تىنىمسىز چارلاش ئېلىپ بارغان.

مەلۇم بىر شاھىدنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنى ھېچقانداق بىر ۋەقە چىقمىغان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇيغۇرلار مەھەللىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنى ئۆيلىرىدىن تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ ماڭغان. مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە يەنە، يېڭى يىل ھارپىسىدا، غۇلجىدا 5 – ئىيۇل ۋەقەسى خاتىرىلەڭەن بىر سىنئالغۇ لېنتىسى بايقالغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 10 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. 

تەپسىلاتى...

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە پوچتا كارتىسى تارقاتماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى بىلەن قىسقارتىلغان ئىسمى “كاىر كانادا” دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىسلام تەشكىلاتى بىرلىكتە، 2006 – يىلىدىن ئېتىبارەن خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پوچتا كارتىسى بېسىپ تارقاتماقتا.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا،  بۇ تەشكىلاتلار ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنى ئىشقا سېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن كانادا مىقياسىدا كانادا باش مىنىستىرى ستېۋىن خارپېرگە ئىمزالىق پوچتا كارتىسى ئەۋەتىش پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، بىر يىل ئىچىدە ئەۋەتىلگەن پوچتا كارتىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئېشىپ  كەتكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە چىقارغان ‘مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنىڭ قاراتمىلىقى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا يەرلىك قانۇن چىقىرىپ، “بۆلگۈنچىلىك” كە كۈشكۈرتىدىغان گەپ ‏- سۆزلەرنى قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بېكىتىپلا قالماي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ ‏- سۆزلەرنى قىلغۇچى، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى يىغقۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلارنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. ۋاڭ لېچۈەن سۆزىدە پەقەت مۇقىملىق بولغاندىلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە ‘پۇقرالارنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش نىزامنامىسى’ نى ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئۇيغۇر رايونلۇق قانۇن ئورگانلىرى جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئالاقىدار يېڭىدىن نىزامنامە چىقىرىپ، جىنايەتچىلەر بىلەن ئېلىشىپ يارىلانغان  پۇقرالارغا قەھرىمانلىق شەرىپى بېرىلىدىغانلىقى ھەمدە سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنى شەرتسىز داۋالىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ نۆۋەت تونۇشتۇرۇلغان “ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئومۇميۈزلۈك تۈزەش نىزامنامىسى” ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى داىمىي كومىتېتى 16 يىغىندا ماقۇللانغان. 

تەپسىلاتى...