‘ئاز سانلىق خەلقلەرنىڭ ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى قوغداش گېرمانىيە دېپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى گويدۇ ۋېستېرۋېل خىتايدا ئېلىپ بارغان تۇنجى رەسمىي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزىدە، خىتايدىكى تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا خەلقنىڭ يانفون ۋە ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى ئامالسىزلىقتىن قىسمەن ئېچىۋەتتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

خىتاي 1‏ – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يانفون ئارقىلىق ئۆز – ئارا يازما ئۇچۇر ئەۋەتىشنى چەكلىك ئېچىۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ پەقەت خىتاي داىرىسىدىلا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5‏ – ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خەلقنىڭ ئىنتېرنېت ۋە يانفون ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋەتكەن ئىدى. 12 – ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىنتېرنېتنى قىسمەن ئېچىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى

گېرمانىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان گۇيدو ۋېستېرۋېل 16 – يانۋار كۈنى ئۆزىنىڭ تۇنجى خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھۆرمەت قىلىشقا دەۋەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەڭلىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە شىركىتى ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، گۇيدو ۋېستېرۋېل ئۆزىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەمدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، ياڭنىڭ بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشىمىغان پىكرى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما، خەۋەردە ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى قاتارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەكىتلەڭەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات يوق.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى: ئاتالمىش ” ئىككى قۇرۇلتاي ” نىمىنى ھەل قىلدى ?

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن، “ئىككى قۇرۇلتاي” دەپ ئاتالغان، “ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنى بىلەن، “ئاپتونوم رايونلۇق 10 – نۆۋەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 3 – ئومۇمى يىغىنى چاقىرىلماقتا.

خىتاينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، “ھەر مىللەت خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىككى يىغىن” دا نېمىلەر ھەل قىلىندى ?

جەمئىي 1000 دىن ئارتۇق “ۋەكىل” قاتناشقان بۇ ئىككى قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلدىمۇ ? شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قانداق ئەمىلى قەدەملەر تاشلانماقچى ?

بۇلار، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان نوختىلار ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ مەركەزلىك ئۇيغۇر ئېلى داىرىسىدە ئىشلەشكە تەشكىللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

“شىنجاڭ” گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك داىرىلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۈر تەشكىلاتلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەپ ئىشلىتىش سىياسىتىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە “ئاپتونوم رايون ئىچىدە ۋە ئۆزىگە يېقىن ئەتراپتىن ئىش تېپىپ بېرىشكە يۈزلىنىدىغانلىقى”نى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 – يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن 2009 – يىلى 6‏ – ئاينىڭ 26 – كۈنى گۈاڭدۇڭ شاۋگۈەندە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 ‏- ئىيۇلدىكى مىللىي توقۇنۇش خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا ئەنۆز ئەپەندى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلدى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوال سورىدى.

مۇستافا ئەنۆز ئەپەندى ئىلتىماسىدا، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن تۆۋەندىكى 3 سوالنى سورىدى.

بىرىنچى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولۇش سۈپۈتىڭلار بىلەن، خىتايلارنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ باردىڭلارمۇ؟

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇيغۇر ئېلىدا تۈرمىدە ياتقان، بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىپ جەمئىيەتكە چىققان، تېخى يېقىندا چەتئەلگە چىقىپ، يېڭىدىن مۇھاجىرەت ھاياتى باشلىغان بىر سابىق سىياسىي مەھبۇس، ۋەتىنىدە سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ تۈرمىدىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى بايلىق، نامرات ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ مۇقىملىق سىياسىتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئۇيغۇرلار زور مىقداردىكى يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى بايلىقلىرى بىلەن قاپلانغان  زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈندە ئىشسىزلىق، نامراتلىق ئىچىدە خىتايدىكى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتماقتا.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ رايوندا، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ ئورنىغا، “مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن مۇھىم”لىقىنى تەكىتلەپ بۇ رايوندا ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى – ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 1 تىرىليون 400 مىليارد كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى 30 يىلغىچە بىخەتەر ھالدا تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.

تەپسىلاتى...

قەشقەردە 784 مىڭ 500 دېھقاننىڭ ھاياتى خەۋپ ئاستىدا

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

” تىيانشان تورى” نىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 784 مىڭ 500 دېھقاننىڭ ئىچىملىك سۈيى بىخەتەر ئەمەس.

ئۈرۈمچىدە چاقىرىلىۋاتقان ” ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ” يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللىرى، ئىچىملىك سۈيىنىڭ بىخەتەر بولماسلىقى سەۋەبىدىن تۈرلۈك غەيرىي تىپتىكى كېسەللىكلەر كۆپىيىپ، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە جىددىي خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ۋە ھۆكۈمەتتىن بۇ جەھەتتە جىددىي تەدبىر ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى 3 مىليون 830 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 2 مىليون 930 مىڭ نەپەر.
ئىچىملىك سۈيى پاكىز ۋە بىخەتەر بولمىغان دېھقانلارنىڭ سانى ئومۇمى ساننىڭ 27.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق ئاخباراتى: تارىم نېفىتلىكى تارىم خەلقىگە بەخت ئەمەس، ئەكسىچە بەختسىزلىك ئېلىپ كەلمەكتە

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى

“شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى” نىڭ 1 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىم نېفىتلىكىدە بايقالغان تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى بىر تىرىليون 400 مىليارد كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، بۇ، خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى 30 يىلغىچە بىخەتەر ھالدا تەمىنلەشكە يېتىدىكەن.

2009 – يىلى تارىم نېفىتلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گاز مىقدارى 16 مىليارد 190 مىليون كۇپمېتىر يەتكەن بولۇپ، ئىچكى ئۆلكىلەردە تارىم نېفىتلىكىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىۋاتقان كارخانىلارنىڭ سانى 3000 غا، ئاھالىلەرنىڭ سانى بولسا 300 مىليونغا  يېقىن كىشىگە يەتكەن.

” غەربىنىڭ گازىنى شەرققە توشۇش تۇرۇبا لىنىيىسى ”  تاماملانغان  2004 – يىلىدىن بۇيان تارىم نېفىتلىكى خىتاينى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسى ئۇلىغا ئايلانغان. 

تەپسىلاتى...