شۋېتسارىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا ئىككى ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈنكى شۋېتسارىيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا گۇانتانامو تۈرمىسىدىكى ئاكا – ئۇكا مەھبۇسلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن بەختىيار ماخمۇت ۋە ئەركىن ماخمۇتتىن ئىبارەت ئىككى ئاكا – ئۇكا مەھبۇسنى شۋېتسارىيگە قوبۇل قىلىشنى ئويلۇشىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىدىيە ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى بارغانچە كېڭەيتىلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش “ئۈچ خىل كۈچنىڭ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىدىن قەتىي ھوشيار بولۇپ، مۇقىملىقىنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش” تەشۋىقات ھەرىكىتىنى، ئىدارە – ئورگان، مەكتەپلەردىن ھالقىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىدىكى يېزا-كەنتلەرگىچە، ھەتتا يېزىلاردىكى باشلانغۇچ  – ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىغىچە كېڭەيتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، گەرچە “5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” گە يېرىم يىلدىن ئاشقان، خىتاي ھۆكۈمىتى قورال كۈچى بىلەن رايوندىكى ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ رايوندا خەلقنىڭ نارازىلىقىدىن كېلىپ چىقىدىغان ۋەقەلەرنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىشى بېسىلمىغان. ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلمىگەن ئېغىر قار ئاپىتى يۈز بېرىپ، خەلققە ئېغىر زىيان يېتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى داىرىلىرىنىڭ مۇشۇنداق بىر شاراىتتىمۇ، ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قانداق قىلىپ كاپالەتكە ئىگە قىلىش غېمىدە بەكرەك قالغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي يەنە 5 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى، 8 ئۇيغۇرغا مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدار دەپ قارالغان يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈستىدىن سوت ئاچتى ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازىسى بەردى. شۇنىڭ بىلەن 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇرلار سانى 20 نەپەردىن ئاشتى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى ھۆكۈملىرىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋەقەگە ئالاقىدار دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا ئۆتكەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ھەر خىل دەرىجىدە جازا ئېلان قىلىپ كەلمەكتە ئىدى.

25 – يانۋار ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوتنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە ئالاقىدارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يەنە 13 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، بارلارنىڭ ئىچىدىكى 4 نەپىرىگە ئۆلۈم جازاسى، يەنە بىر نەپىرىگە ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى، قالغان 8 نەپىرىگە مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازالىرى بەردى.

تەپسىلاتى...

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار خىزمەت قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار خىزمەت قىلىدىغان ئاز دېگەندە 5 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

باش شتابى خوڭكوڭغا جايلاشقان جۇڭگودىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى ۋە ئوز تەشكىلاتى تور بېتىنىڭمۇ شۇ خىلدىكى ھۇجۇملارغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ تور بېتى شەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن ھۇجۇمغا ئۇچراشقا باشلاپ، ھۇجۇم ئۇدا 14 سائەت داۋام قىلغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي داىرىلىرى خۇبېيدىكى 2 ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئاخباراتتىن يوشۇرماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇ شۈې شەھىرىدە ئىككى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي پۇقرالىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەن ئىدى. ۋەقەدە شۇ كۈنى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ئوغرىلىق گۇمانى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا بىر نەپەر ئۇيغۇر نەق مەيداندا، يەنە بىرى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاىلە‏ تاۋابىئاتلىرى، يېقىنلىرى ۋە ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى، تەجرىبە – ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ۋەقەنىڭ ئۈرۈمچىگە ۋە دۇنياغا ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا. بۈگۈن رادىومىزنىڭ خىتايچە بولۈمى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سورىغان؛ داىرىلەر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بىراق تەپسىلاتى ھەققىدە جاۋاب بەرمىگەن.

تەپسىلاتى...

‘خىتاينىڭ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون لىنىيە مۇلازىمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى يالغان’

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمىتى، 20 ‏- يانۋار كۈنىدىن ئېتىبارەن، 6 ئايدىن بۇيان توسۇپ قويغان خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون لىنىيىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى، بىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى، ھۆكۈمەت ئىدارىسى، دوختۇرخانا، ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ھەتتا 24 سائەت مۇلازىمەت قىلىدىغان 114 شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى ئاىلە زوراۋانلىقى ۋە ئاياللار قانۇن مەنپەەتىنى قوغداش مەركىزىگە تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ‘5 – ئىيۇل ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇشى ئەيىبلەشكە ئۇچرىماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

گەرچە “5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى” يۈز بەرگىنىگە يېرىم يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”گە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلغۇچى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەنكى خەۋىرىدە مەلۇم قىلىنىشىچە، تۈنۈگۈن 18 – يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ باشلىقى گاۋ جاۋيى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 2009 – يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە بايانات بېرىپ، 2009 – يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەرقايسى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىلىرىنىڭ ھەر خىل جىنايى ئىشلارغا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكىنى، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەم قاتىللىق جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى پاش قىلىش نىسبىتىنى 90% كە يەتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار دۆڭكۆۋرۈكتىن تارقاقلاشتۇرۇلماقچى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭباۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىنىڭ دۆڭكۆۋرۈك ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى. مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار شەخسلەردىن ئىگىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆڭكۆۋرۈكتىكى 12 قەۋەتتىن تۆۋەن بولغان بىنالارنى چېقىپ ئورنىغا يۈكسەك قەۋەتلىك بىنالارنى سېلىشقا تەييارلانماقتا.

ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىشىدىن قورقۇش، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاينىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنىڭ بىرقىسمى سۈپىتىدە يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مۇشۇ سەۋەبتىن مۇقىملىق تەدبىرلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىنى كىچىكلىتىش ياكى يوقىتىشنى نىشان قىلماقتا.

تەپسىلاتى...

بىڭتۇەنلىك خىتاي دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى يەرلىك دېھقانلارنىڭكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپ

 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئادالەتسىز سىياسىتى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى پەرقىنىڭ زورىيىپ بېرىشىغا سەۋەبچى بولماقتا.

مەسىلەن، ئاتالمىش” ئاپتونوم رايون ” نىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان، ” ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 – يىلى شەرقىي تۈركىستاندا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 12 مىڭ 120 يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 400 يۈەنگە يەتكەن.

مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2009 – يىلى بىڭ تۇەن تەركىبىدىكى شەھەرلىك خىتايلارنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە، بىڭتۇەنلىك خىتاي دېھقانلارنىڭ كىرىمى بولسا 7300 يۈەنگە يەتكەن.

تەپسىلاتى...

ئۆتكەن يىلى خىتايغا مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 123 مىڭ 900 نەپەرگە يەتتى

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئاتالمىش” ئاپتونوم رايون ” نىڭ رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان،” ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 – ئومۇمى يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2009 – يىلى، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن،” ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى باشقا يۇرتلارغا بېرىپ ئىشلەشكە يۈزلەندۈرۈش ” دېگەن نام بىلەن يۇرت – ماكانلىرىدىن باشقا يۇرتلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئومۇمى سانى 1 مىليون 630 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى 123 مىڭ 900 نەپەر.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرى ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش سىياسىتى بولسا، شاۋگۈئەن ۋەقەسى  ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى.
 

تەپسىلاتى...