ئامېرىكا خىتايدىن ‘شىنجاڭدىكى سوتلاش ئىشلىرىدا ئوچۇق – ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي داىرىلىرىدىن ئۆتكەن يىلى يۈز بەرگەن “5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”گە مۇناسىۋەتلىك سوت ئىشلىرىدا ئوچۇق -ئاشكارا بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، خىتاي داىرىلىرىنىڭ “شىنجاڭ”دىكى سوتنى كۆزىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغانلىقىدىن ئۈمىدسىزلەڭەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فىلىپ كروۋلىي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېگەن: “بىز خىتاينى تۇتقۇندىكىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىدە ۋە سوت جەريانىدا ئوچۇق ‏- ئاشكارا بولۇشقا چاقىرىمىز”.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىن كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىنى سورىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ خىتاي داىرىلىرىدىن يېقىندا كامبودژا ھۆكۈمىتى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ھازىر قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا داىر ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان ئىدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باياناتتا “ئىككى كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغاندىن كېيىن تەن جازاسى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى بارلىقى”نى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

شۋېتسارىيىنىڭ جۇرا ۋىلايىتى گۈنتانامودىكى 2 ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارى ئالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى

شۋېتسارىيە بىر قانچە ھەپتىدىن بېرى گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان ئىدى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىممۇ ئالدىنقى كۈنى شۋېتسارىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى ئۇيغۇرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

شۋېتسارىيىنىڭ جۇرا ۋىلايىتى 27 ‏- يانۋار كۈنى ۋىلايەت مەجىلىسىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ ئىككى نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان. ۋىلايەت مەجىلىسىدە بۇ قارار 2 گە قارشى، 45 قوبۇل ئاۋاز بىلەن تەستىقتىن ئۆتكەن.

شۋېتسارىيە شەرقى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇرا ۋىلايىتىنىڭ بۇ قارارى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ شۋېتسارىيىگە قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقىنى كۈچلەندۈرگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئىزچىل تۈردە كۈچەيتمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

خەلقارادا خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2009 ‏- يىللىق نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىدە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە ئاز سانلىق مىللەت ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىجرا قىلىشى، بىر تەرەپتىن ئېغىر دەرىجىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي كەمسىتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت دىيىشمەكتە.

2009 ‏- يىلى 11 ‏- ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان  بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت ئەپەندى، پرېزىدېنت باراك ئوبامانى خىتايدا ئاياللار دۇچ كېلىۋاتقان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈشكە دۇچ كېلىۋاتقان ئاياللارنى قۇتقۇزۇشقا چاقىرغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك تەنقىدلەش ۋە قارشىلىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ” قوش تىللىق مائارىپ” سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلەتمەكتە.

مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2009 – يىللىق خىزمەت دوكلاتى ھەم 2010 – يىللىق خامچوت پىلان يىغىنىدا، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ، 11 – 5 يىللىق پىلاندا ئۇيغۇر رايونىدا 2012 – يىلىغىچە بولغان قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇ قېتىملىق پىلاندىكى ئاساسلىق نىشان يەسلى، باشلانغۇچ  مەكتەپ ھەم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەسلەپكى مائارىپ تەربىيىسى جەريانىدىلا قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا – كەنتلەرنى ئاساس قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئىكەن.

تەپسىلاتى...

بۇ يىل ئۇيغۇر رايونىدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يەنە داۋام قىلماقچى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 25 – يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتى يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىن مەزمۇنىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بىر مىليون 200 مىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدە 700 مىڭ كىشى شەھەر، بازارلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. ئەمما خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ زادى قايسى شەھەر، بازارلارغا يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن.

خەۋەردە يەنە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە بىر مىليون 200 مىڭ كىشى تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلىنىدۇ، دېيىلگەن بولۇپ، رادىومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل “تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلەش” ئىچكىرىگە يۆتكەپ بېرىلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەربىيىلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى

“ئاسىيانىڭ مەركىزىدە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى” غا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كەلگەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى، 2010 ‏- يىلى 1 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى ئەتىگەن ساەتلىرىدە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ بىلەن ئىستانبۇلدىكى چىراغان سارىيىدا ئايرىم ئۇچراشتى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. يىغىندا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داۋۇت ئوغلۇ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇخبىرلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

تەپسىلاتى...

2010‏ – يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا تۇغۇت چەكلەشتە ئەڭ چوڭ نەتىجە قازىنىدىغان يىل بولىدىكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

خىتاينىڭ ‘شىنجاڭ گېزىتى’ ‏1 – ئاينىڭ 25 كۈنى بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2009‏ – يىلىدا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە دۆلەت كابىنتىنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىش قارارىغا ئاساسەن، ‘ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش’ دېگەن نام بىلەن تۇغۇت چەكەلەش ئۈچۈن 32 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، يېزا دەرىجىلىك پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمەت پونكىتىدىن 123 ئىنى قۇرغان.

ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە 63 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، تۇغۇت چەكلەش پونكىتلىرى ئۈچۈن تۇغۇت چەكلەش ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئەسلىھە سېتىۋېلىپ تەقسىملەپ بەرگەن ۋە 974 خىزمەتچى كۆپەيتكەن (بۇنىڭ 50% ئى مەخسۇس سەپلەڭەن ‘تېخنىكا خادىملىرى’ ئىكەن.) شۇنداقلا يەنە، ئاپتونوم رايون بويىچە، بولۇپمۇ جەنۇبتىكى نامرات جايلاردىكى 11 مىليون 670 مىڭ نوپۇسنىڭ تۇغۇت ئۇچۇرلىرى تىزىملىككە ئېلىنىپ، ئۇچۇر ئىسكىلاتى بەرپا قىلىنغان. 

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچىدە 35 مىڭ ئۇيغۇرغا بىر ئادۋوكات توغرا كېلىدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن بۇيان خىتاي سوتلىرى ھەر ئاي، ھەتتا ھەر ھەپتە دېگۈدەك زىندانلاردىن ئونلىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى خۇددى قوتاندىن قوينى سۆرەپ چىققاندەك ئېلىپ چىقىپ ئۆلۈمگە ۋە تۈرلۈك ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلماقتا.

بۇنىڭدىن، گۈزەل ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۆۋەتتە بىر ئۆلۈم شەھىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، خىتاي ھاكىمىيىتى ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ جېنى ۋە قېنىنىڭ ھېچبىر قىممىتى يوقلۇقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس !

دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پۈتۈن ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئايلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەريان قىلىۋاتقان بۇ خىل تراگېدىيە ھەقىقەتەن كىشىنى چوڭقۇر ئەپسۇسلاندۇرىدۇ !

نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمىلەردە يەنە 10 مىڭلىغان ئۇيغۇر مەھبۇس ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتماقتا.

تەپسىلاتى...

غۇلجىدا يېزىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مەجبۇرىي قوش تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 2000 – يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپى نامىدىكى ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش پىلانىنى يىلدىن ‏- يىلغا كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاستىلارنى ئىشقا سالماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ھازىر ھەتتا ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئەسلىدە بار بولغان ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۇلار بىر تۇتاش ھالدا “قوش تىللىق مەكتەپ” لەرگە ئۆزگەرتىلمەكتە ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق يېزىلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ سېنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇ يىل بېشىدا بۇ مەكتەپلەرنىڭ 3 – ئايدىن باشلاپ، پۈتۈنلەي “قوش تىللىق مەكتەپ” نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ھەم خىتاي بالىلىرى ئارىلاش ئوقۇيدىغان خىتاي تىللىق مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان.

تەپسىلاتى...