ئۇيغۇر خرىستىان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى دۇنيا خرىستىانلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

خىتايدا 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئۇيغۇر خرىستىان ئالىمجان ھىمىتنىڭ ئايالى گۈلنۇر، دۇنيا خرىستىانلىرىغا مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، يولدىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر خرىستىان مۇرىتى ئالىمجان ھىمىت، “دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتى” بىلەن 2009 – يىلى 25 – نويابىر قەشقەردە 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان  ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنۇلغان ئەرزىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ بەردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى

شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلاردىن ئىككى نەپىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتى گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئالىي سوتقا سۇنۇلغان ئەرزىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا تەكلىپ بەردى.

2008 – يىلى ئۆكتەبىردە، ئامېرىكا ۋاشىڭتون رايونلۇق سوتنىڭ سوتچىسى رىكاردو ئۇربىنا گۇەنتانامودا ئېشىپ قالغان 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسىنى ئامېرىكىغا يەرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان ئىدى. كېيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى بوش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئوتتۇرا سوتىنىڭ گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ئەرزىيەت سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە سوتتا ئۇتقان ئىدى.

نەتىجىدە گۇەنتانامو ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بۇ ھەقتە ئامېرىكا ئالىي سوتىغا ئەرز يوللىغان ۋە بۇ ھەقتىكى سوتنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ئۈرۈمچىدە باستۇرۇش داۋاملىشىدىغانلىقىنى جار سالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن ئۈرۈمچى ئاھالىسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش نىشانىنى ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك كۆچمە نوپۇسقا قاراتقان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى جارۇللا ھىسامىدىن پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە “گۇمانلىق ئۇنسۇرلار”نى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ پىلانى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تازىلاپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ شەھەردىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش دەپ كۆرسەتمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى “5 – ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن بەلگىلىمە چىقىرىپ، كۆچمە نوپۇستىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرىگە ئۆي ئىجارە بېرىشنى، ئۇلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىشى ۋە خىزمەت قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىغان بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان ئىدى. ئۈرۈمچى شەھەر باشلىقى تۈنۈگۈن جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش يولىدىكى بۇ تۈرلۈك باستۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي گۈەنتانامودىكى 2 ئۇيغۇر مەسىلىسىدە شۋېتسارىيىگە تەھدىت سالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى شۋېتسارىيىنىڭ گۈەنتانامودىكى ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇرلاردىن ئەركىن مەخمۇت بىلەن بەختىيار مەھمۇتنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، “شۋېتسارىيىنىڭ قارارى خىتاي – شۋېتسارىيە مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ،” دەپ ئاگاھلاندۇردى.

شۋېتسارىيە بولسا يۇقىرىقى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشتا ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ما جاۋشۇي پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سواللىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى خىتاي – شۋېتسارىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى تۈزۈش سۆھبەت يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

تەپسىلاتى...

مۇھەممەد كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر ساقچىخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى

يېقىندا ئىگىلەڭەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، قەشقەر ۋىلاىيىتىنىڭ مەكىت ناھىيە 3 ‏- يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر كىشى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن.

مەرھۇمنىڭ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دوستى ئابدۇرېيىمجاننىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ساقچىلار مەرھۇمنىڭ ئاىلىسىگە ئوغلىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بۇنىڭدىن 20 – 25 كۈن ئىلگىرى خەۋەر قىلغان ۋە ئۈرۈمچىگە چاقىرتقان.

مەرھۇم مۇھەممەد كېرىمنىڭ ئاىلىسى ئۈرۈمچىگە بارغان ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ساقچىلار جەسەتنى كۆرۈشكە رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ ئاىلىسىگە قايتۇرۇپ بەرمەي ئۈرۈمچىدە بىر قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىپ ئاىلىسىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆمۈۋەتكەن.

تەپسىلاتى...

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۇنتانامودىكى 2 ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلىش قارارى ئالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

3 – فېۋرال شۋېتسارىيە فېدېراتسىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، گۈەنتانامودىكى ئىككى ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى. مەزكۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى بۇ قارارىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ ئۇزۇنغا  قالماي شۋېتسارىيىدە يەرلەشتۈرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى 3 – فېۋرال ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: “بۈگۈن فېدېراتسىيە كېڭىشى ئامېرىكىنىڭ گۇنتانامو تۈرمىسىدە بىگۇناھ ھالدا يىللاپ تۇتۇپ تۇرۇلغان ئىككى نەپەر خىتاي پۇقراسى ئۇيغۇرنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەجىدىن قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلدۇق.”

تەپسىلاتى...

خىتاي، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

ئۈرۈمچى “5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى” يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز ۋەقە يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىلا مۇقىملىق ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە بىر قاتار چارە ‏- تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپلا قالماستىن، پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئالاھىدە “نىزام ” بەلگىلەپ يولغا قويۇشنى، بولۇپمۇ مۇقىملىققا ئاساسلىق تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى “ئۈچ خىل كۈچلەر” گە قاتتىق زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئۇيغۇر ئىلىدە مۇقىملىقنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ھازىرقى سىياسەت بىلەن ھېچقاچان ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنسانغا  ئوخشاش ياشاش ئىمتىيازلىرىغا ئېرىشكەندىلا ئاندىن “مۇقىملىق”تىن سۆز ئېچىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەقىدە بۇ ھەقتە سىلەرگە مەلۇمات بېرىدۇ.

تەپسىلاتى...

شۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى گۈەنتانامودىكى ئاكا – ئۇكىلار ئۈستىدە 3 – يانۋار بىلەت تاشلايدۇ

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى

2 – فېۋرال سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، شۋېتسارىيىنىڭ يۇرا شتاتلىق ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، گۈەنتانامودىكى بەختىيار مەخمۇت ۋە ئەركىن مەخمۇت قاتارلىق ئاكا – ئۇكا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى ئۆز شتاتىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

مەزكۇر ئاكا – ئۇكىلارنىڭ ئادۋوكاتىنىڭ ئېيتىشىچە 3 – فېۋرال شۋېتسارىيە دۆلەت كېڭىشى بۇ ھەقتە رەسمىي قارار ئالىدىكەن.

ئەركىن ۋە بەختىيارنىڭ ئادۋوكاتى گىلسون خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇرا شتاتىدا تاشلانغان  بېلەت، پەقەت بۇ بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەييارلىق ئەھۋالى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان ‘مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى’ قانۇنى تەنقىدكە ئۇچرىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەرلىك ھۆكۈمىتى 1 – فېۋرالدىن باشلاپ، “مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى نىزامى” ھەم ” جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش نىزامى”نى رەسمىي يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، بۇ قانۇنغا  نىسبەتەن چەتئەللەردىكى ئۆكتىچى كۈچلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەم دېموكراتىك ئىدىيىدىكى زىيالىيلار، بۇ قانۇننى، “خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى،” دەپ تەنقىدلىدى.

بۇ قانۇندا، “ھەر قانداق شەخس ۋە ئورگاننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز گەپ – سۆزلەرنى تارقىتىش، يىغىش، تەمىنلەش، بېسىش، ئېلان قىلىشىغا ياكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز ئۇچۇرلارنى تارقىتىشىغا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە كۈشكۈرتىدىغان ھەرىكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى” ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ‘5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى

خىتاي داىرىلىرىنىڭ “5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى”نى باستۇرۇش جەريانىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر “بوشۈن” خەۋەرلەر تورىدا 30 – يانۋار ئاشكارىلانغان.  خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىم داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نامايىش قىلىش خەۋىرىنى 3 كۈن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان يول ئېغىزلىرىدا باستۇرۇش تەييارلىقى كۆرگەن.

تەپسىلاتى...