گۇانتانامودىن ئەركىنلىككە چىققان ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-02-10

روشەن ئابباس خانىم 8 يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەم گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش ئىشلىرىغا خالىسانە ياردەم بېرىۋاتقان ئادۋوكاتلار ئۈچۈن تەرجىمانلىق خىزمىتى ئىشلەپ كەلدى.

روشەن ئابباس خانىم ئۆز ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، ھازىرغا قەدەر مەيلى گۇنتانامو تۈرمىسىدىن ئەركىنلىككە چىققان ئۇيغۇرلار بولسۇن، ۋە مەيلى نۆۋەتتە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بولسۇن ئۇلارغا داۋاملىق تۈردە ياردەم قىلىپ كەلمەكتە.

روشەن ئابباس خانىم، بۇ جەرياندا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە، ئۇنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى، ئادۋوكاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە سوتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئوينىغان رولى چوڭ بولدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىكى پۈتۈن قانۇن تارماقلىرىنىڭ ئاساسى كۈچىنى ‘3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىپ كەلمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

نۆۋەتتە ئۆلۈم ۋە ئېغىر قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بېشىغا، “3 خىل كۈچ ” دېگەن سىياسىي قالپاق كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، ئەگەر خىتاي سوتلىرىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن توقۇپ چىققان ئەيىبنامىلىرىنى يىغىنچاقلىساق، ئۇلارنىڭ ئاتالمىش “جىنايەت” لىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلىشىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانغا  پىلانسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەشنى توختىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئورنىدا ئازسانلىق ئورۇنغا  چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى؛

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەەتلىرىگە بىۋاسىتە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتقان “بىڭتۇەن “نى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ كونتروللۇقىدىكى يەر – زېمىن ۋە ئىقتىسادى ئەسلىھەلەرنى يەرلىككە قايتۇرۇپ بېرىش، بىڭتۇەن تەركىبىدىكى خىتايلارنى پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ئۆز يۇرتلىرىغا

تەپسىلاتى...

‘ئىنتېرنېت تۈرمىسىگە ئوخشىتىلغان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۇچۇر – ئالاقە ۋەزىيىتى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-02-10

5 – ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەن ئىدى. تېخى يېقىندا ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تېلېفون ۋە ئۇچۇر ئالاقىلىرىنى پەيدىن – ئەي ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارالىق تېلېفون لىنىيىلىرى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىنتېرنېت ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگىنى يوق.

بۈگۈن ب ب س خەۋەرلەر تورىدا بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان  بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئىنتېرنېت ئالاقىسىنىڭ ئەھۋالى “ئىنتېرنېت تۈرمىسى”گە ئوخشىتىلغان. بۇ ماقالىنى ئۇيغۇر رايونىدا ياشايدىغان جوش ئىسىملىك بىر ئامېرىكىلىق ئېلان قىلغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۈرۈمچىدە دىنىي كىتابلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2 – ئاي كىرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان ھالدا، دىنىي كىتابلارنى يىغىپ مۇسادىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 6 – فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى لەنجۇدىن ئېلىپ كېلىڭەن 13 توننا ئېغىرلىقتىكى دىنىي كىتابنى مۇسادىرە قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى داىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كىتابلارنى لەنجۇدىن يۆتكەپ كەلگۈچى روزى ئىسىملىك 26 ياشلىق ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇ، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسىدىن ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كىتابلارنى يۆتكەپ كەلگەن يەنە بىرەيلەننى بولسا ساقچى داىرىلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

تەپسىلاتى...

پالاۋ پرېزىدېنتى گۈەنتانامودىكى قالغان 5 ئۇيغۇرنىمۇ قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى

پالاۋ پرېزىدېنتى جوھنسون تورىبوڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە گۇەنتانامودا قېپقالغان 5 نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىمۇ پالاۋغا قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ ئۆتكەن يىلى 11 – ئايدا ئادىل نۇرى، ئېلى مۇھەممەد، ئابدۇغاپپار قاتارلىق 6 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغان ئىدى. بۇ قېتىم شۋېتسارىيە 2 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گۇەنتانامودا يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى.

پالاۋ پرېزىدېنتىنىڭ بۇندىن ئاۋۋالقى بىر قانچە قېتىملىق سۆزلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پالاۋغا ۋاقىتلىق ئورۇنلاشقان 6 نەپەر ئۇيغۇر، ئەتراپىدا ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان. ئۇلار يېڭى قوبۇل قىلىنغاندا،  پالاۋنىڭ سىياسەت سەھنىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر قىسىم ئۆكتىچى پىكىرلەرمۇ تېزدىن بېسىققان.

تەپسىلاتى...

ئۈرۈمچىدە يەنە 30 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ۋە مۇقىملىق ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقچى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى

خىتاي داىرىلىرى ئۈرۈمچىدە زور مىقداردا ساقچى ئاجرىتىپ يەنە 30 كۈنلۈك قوغلاپ تۇتۇش ۋە مۇقىملىق ساقلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى جاكارلىدى. شىخۇ ئاخباراتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ھەقتىكى چاقىرىق 8 – فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە چاقىرىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئاشكارىلانغان. 

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ھەرىكەتكە 1000 دىن ئارتۇق ساقچى قاتناشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، 10 – يانۋاردىن باشلاپ 30 كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلەشكە باشلىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك داىرىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدە چاغان بايرىمى ھارپىسىدا تېلېفون ئۇچۇرلىرىغا زەربە بېرىشنى قايتا تەكىتلەشكە باشلىدى.

8 – فېۋرال كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى داىرىلىرى 2 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە “ئويدۇرما تېلېفون ئۇچۇرى تارقاتقان” دېگەن جىنايىي نام بىلەن ئىككى كىشىنى تۇتقان ۋە باشقىلارنى جەمئىيەت ئامانلىقى بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلماقچى بولغان.

خىتاي ئاخباراتلىرى بۇ يىل 26 – يانۋار دا، خىتاي ساقچى داىرىلىرىنىڭ يانفون ئارقىلىق ساختا ئۇچۇر تارقاتقانلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقى ۋە زىيانلىق قىسقا ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ جىنايى قىلمىش دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىشىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۇۋەتكەن

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى 5″ ‏- ئىيۇل ۋەقەسى”دىن بۇرۇن، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىپ، ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش، سودا قىلىش ۋە ياكى ھەج قىلىش پاالىيىتىگە ئېغىر چەكلىمىلەرنى قويۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي 5″‏ – ئىيۇل ۋەقەسى”دىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ چەتەلگە چىقىشىنى تېخىمۇ قېيىنلاشتۇرۇۋەتكەن.

چەتەلگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلاردىن بورۇن تەلەپ قىلغاننى بەجا كەلتۈرۈشتىن باشقا يەنە بېجىرىش مۇمكىن بولمايدىغان تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشنى تەلەپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

خىتاي، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسىدە بۇ يىل 3 – فېۋرالغىچە ئاشۇرۇپ گاز توشۇشنى ئىزچىللاشتۇرغان

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گازنىڭ 70 پىرسەنتىنى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى تەمىنلەيدىكەن. مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىدە 22 ئورۇندا گاز تولۇقلاش بېكىتى 43 ئورۇندا پرېسلىغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا ئىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىنىشىچە، بۇ يىل 3 – فېۋرالغا قەدەر مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي قىسىمغا يۆتكەپ كېتىلگەن تەبىئىي گاز، 60 مىليارد كۇب مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتىنى 2010 – يىلىمۇ ئىزچىل ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى جەريانىدا بىر قىسىم قىرغىز قىزلىرىنىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەشكە يۆتكىگەنلىكى مەلۇم.

5 – فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۈەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان گۈلخەيرى قادىر، شۇ خىلدىكى قىرغىز قىزلىرىنىڭ بىر ئىكەن.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ قىزلىرىدىن ھەر يىلىغا 140 مىڭنى خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىدىكى شەھەر رايونلارغا يۆتكەپ كەلمەكتە ئىكەن.

تەپسىلاتى...