دالاي لامانىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسىنى قوللۇنۇشى خىتاينىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لامانىڭ ئالدىنقى كۈنى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن دارامسالادىكى بىر مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان، نامىنى قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن تەۋرەنمەي بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشى خىتاي داىرىلىرىنىڭ تېز ئىنكاسىنى قوزغىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ دالاي لامانىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، دالاي لامانىڭ سۆزى ” ئۇنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەبىىتىنى نامايان قىلدى” دېگەن. دالاي لاما ئالدىنقى كۈنى دارامسالادىكى مۇراسىمدا 3000 كىشىلىك ئاممىغا سۆز قىلىپ، “بىز يەنە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بەاستۇرۇش ۋە ئېغىر قىيىنچىلىقلارغا مۇپتالا بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك” شۇنداقلا ” ئۇيغۇرلارغا ھەمدەم بولىدىغانلىقىمنى ھەم ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمەن،” دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...

دالاي لاما ‘شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قەتىي بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما چارشەنبە كۈنى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇتۇق سۆزلەپ، “شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن قېتى بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقى”نى بىلدۈردى.

دالاي لاما دارامسالادا 3 مىڭ كىشىلىك مۇخلىسىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. ئانالىزچىلار دالاي لامانىڭ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشى بېيجىڭغا بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر، دەپ قارىماقتا.

تىبەت خەلقىنىڭ ھىندىستاندا سۈرگۈندىكى روھانىي داھىيسى دالاي لاما چارشەنبە كۈنى دارامسالادا مۇخلىسلىرىغا سۆزلىگەن نۇتقىدا تۇنجى قېتىم ئاشكارا “شەرقىي تۈركىستان” ۋە “شەرقىي تۈركىستان خەلقى” دېگەن ئاتالغۇنى قوللاندى. دالاي لاما تىبەت قوغىلىڭىنىڭ 51 يىللىقى ۋە لخاسا ۋەقەسىنىڭ 2 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 3 كىشىلىك مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، “ئېغىر قىنچىلىقلار ۋە كۈنسېرى جىددىي باستۇرۇشلارغا مۇپتالا بولۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك”. “مەن ئۇلارغا ھەمدەمچى ئىكەنلىكىم ۋە ئۇلار بىلەن قەتىي بىللە تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيمەن” دېگەن.

تەپسىلاتى...

8 ‏- مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر ئاياللىرى تىلغا ئېلىندى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى

8 ‏ – مارت دۇنيا ئاياللار بايرىمىنىڭ 100 ‏ – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ فىلوريا رايونىدىكى كۆركەم كىلىس سوفراسى دېگەن رېستوراننىڭ زالىدا بايانات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
 
بايانات ئېلان قىلىش يىغىنىغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، ئىستانبۇل ۋالىيىلىكىگە قاراشلىق تۈرك دۇنياسى قېرىنداش خەلقلەر بۆلۈمى، ئايدىڭلار ئوجاغى، تۈركمەنلەر ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيىتى، ياۋرو ‏ – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيىسى، ياۋروپا ئايدىنلار ئوجاغى جەمئىيىتى، غەربىي تىراكىيە تۈركلىرى جەمئىيىتى، قىرىم تۈركلىرى مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى، ئاناتولىيە ئايدىڭلار ئوجاغى، بۇلغارىستان تۈركلىرى ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تاتار جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، ئەزەربەيجانلىقلار جەمئىيىتى، قانۇنشۇناسلار بىرلىكى قاتارلىق 16 ئاممىۋى تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. يىغىنغا  يەنە رادىئو ‏ – تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت ‏ – ژۇرناللارنىڭ مۇخبىرلىرى ۋە يازغۇچى ‏ – شاىرلار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ1 – مارتتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بۈگۈن دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئالىي سوتى گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنىڭ قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەرزى ئۇلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە سۇنۇلغان بولۇپ، ئەرزدە ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ھازىرغا قەدەر بىرەر دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلماي گۈەنتانامودىكى لاگېردا ئۈزلۈكسىز تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 7 نەپەر ئۇيغۇرنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان  ئىدى.

ئامېرىكا رايونلۇق فېدېرال سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئوربىنا قاتارلىقلار 2008 ‏ – يىلى 10 ‏ – ئايدا قارار چىقىرىپ، لاگېردىكى “دۈشمەن جەڭچىسى ئەمەس” دەپ جاكارلانغان  بولسىمۇ، يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قويۇپ بېرىشكە بۇيرۇغان ئىدى. لېكىن بوز ھۆكۈمىتى فېدېرال ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، فېدېرال رايونلۇق سوتنىڭ قارارىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

تەپسىلاتى...

ياپونىيىلىك ئۇيغۇر تەتقىقاتچى خىتاي چېگرىسىدىن كىرگۈزۈلمىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى

خىتاي ھۆكۈمىتى 27 ‏- فېۋرال كۈنى ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ناوكا مىزۇتانى خانىمنىڭ، خىتاي چېگرىسىدىن كىرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، ناوكا خانىم خىتاينىڭ چېگرىدىن كىرگۈزمىگەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتچىلىرى بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە زىيارەت ئېلىپ بېرىشىغا ھەمكارلاشقانلىقى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
 
ناوكا خانىم رادىومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاداققىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

28 ‏- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، ياپونىيىلىك تەتقىقاتچى ناوكا مىزۇتانى خانىمنىڭ، بېيجىڭدىكى خەلقئارا ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنىپ ياپونىيىگە قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر، ياپونىيىدىكى كۆپلىگەن مەتبۇاتلاردا مۇھىم خەۋەر سۈپىتىدە ئېلان قىلىندى.

تەپسىلاتى...

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ج خ نازارىتى بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە يەنە “3 خىل كۈچلەر” گە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىگەن.

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى

12 فېۋرال شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، ج خ نازارىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىدىن “زەربە بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىشى تەدبىرلىرىنى كەسكىن يۈرگۈزۈپ، چېگرا ئىچ – سىرتىدىكى ‘ 3 خىل كۈچلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى مەركەز قىلىش” نى تەلەپ قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ تەلەپلىرىدە يەنە “ھەرخىل كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ، ئىستىخبارات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئامىلىنى ئالدىن ئالا يوقىتىش” ئالاھىدە تەكىتلەڭەن.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى

ئۇيغۇر ئىلىدىن چەتئەللەرگە چىققان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى يەنىلا قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا.

يېقىندا چەتەلگە چىققان بىر نەپەر ئۇيغۇر پۇقراسى مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۆزىنىڭ نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

بۇ يىللىق چاغان مەزگىلىدە يەنە ‘3 خىل كۈچلەر’ گە قاتتىق زەربە بېرىش تەكىتلەڭەن

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدە تېلېفون ۋە ئىنتېرنېت ئابونتلىرىدىن كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچۇر ئالاقە سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىدە، تېلېفون ھەم ئىنتېرنېت ئابونتلىرىدىن ئۆزىنىڭ كىملىكى بويىچە تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنماقتا ئىكەن.

بۇ خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت ھازىر سېرىق مەزمۇندىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار، توردىكى ئالدامچىلىق ھەم دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان بولغان سەزگۈر تېمىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالاردىن كىملىكى بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋېتىپتۇ ھەم مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىپ نازارەتچىلەرنى كۆپەيتىۋېتىپتۇ.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ياش – ئۆسمۈرلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان 30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، نۇقتىلىق ھالدا ياش – ئۆسمۈرلەر تۇتقۇن قىلىنىۋاتماقتا ئىكەن. ئاقسۇ ساقچى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر ئاقسۇدا چاغان مەزگىلىدىكى 30 كۈنلۈك قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، چاغاننى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ياش – ئۆسمۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا قاتتىق تەكشۈرۈش داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەم گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىگە ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى ئاساس قىلىپ ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشنى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن.

تەپسىلاتى...

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇر ئۆز مىللىي كىملىك تۇيغۇسى كۈچەيمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2010-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان قازاقىستان مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور رۇسلان ئارزىيېۋنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە مىللىي كىملىكىنى قەدىرلەش ئىدىيىلىرى كۈچەيمەكتە.

بۇ خىل قىزغىنلىق ئۆتكەن يىلى 5 – ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيگەن بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە جەريانىدا تىنچ نامايىشقا چىققان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلۇشى قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلغان شۇنىڭدەك بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى قەدىرلەش ھەم ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ قوزغىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان.

تەپسىلاتى...