ئامېرىكىدىكى «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى ئۇيغۇرلارنى يېقىندىن قوللىماقتا
ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى
ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان تۈرك، ئەزەربەيجان قاتارلىق تۈركىي مىللەت قېرىنداشلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ مىللىي داۋاسىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە.
ئامېرىكىدىكى «ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن نيۇيوركتىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2011-يىلى ئىيۇل.
ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي داۋاسىنى، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ئامېرىكا جاماىتىگە ئاڭلىتىش، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تۇلگا تەكمان ئەپەندى مۇخبىرىمىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن تونۇشۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆزىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئوقۇش ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان تۈركلەرنىڭ سانى 5 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ تۈركلەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە جاماەتلىشىش، جەمىيەتلىشىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كىملىكى، ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە شۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھەرقايسى تۈرك جەمئىيەتلىرى ھەم قېرىنداش مىللەت جەمئىيەتلىرى بىلەنمۇ قويۇق ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ پاالىيەتلىرىگىمۇ قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ كەلگىنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پاالىيەتلىرىگە ۋە باشقا جامائەت پاالىيەتلىرىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نېۋ جېرسېي شتاتىدا بولغان «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمىيىتىدۇر. ئامېرىكىدا يوڭ تۇركس دەپ بىلىنىدىغان بۇ جەمئىيەت 1992-يىلى 3-ئاۋغۇست كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، 19 يىلدىن بېرى «قەلبىدە ۋەتەن ئىشقى بولغانلارنى قوينىغا ئېلىش، ئاتاتۈرك قۇرغان دۆلەتكە ۋە ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە ئىگە چىقىش» پرىنسىپى بويىچە پائالىيەت قىلىپ كەلگەن. «ۋەتەنسۆيەر ياش تۈركلەر» جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە جەمئىيەت باشلىقى تۇلگا تەكمان ئەپەندى سۆھبىتىمىزدە بىزگە بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى:
تەپسىلاتى...