كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇر مۇساپىرنى سۈرۈشتۈردى
ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى
تايلاند مەزكۇر دۆلەتكە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن بىر كىشىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە خەلقئارا ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر دۆلەتكە قېچىپ چىقىپ پاناھلىق سورىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن نۇر مۇھەممەتنى 6-ئاۋغۇست خىتاي داىرىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىدلەپ، تايلاند ۋە خىتاي داىرىلىرىدىن نۇر مۇھەممەت بىلەن دەرھال كۆرۈشۈشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تايلاند كۆچمەنلەر داىرىلىرى نۇرمۇھەممەتنى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ياكى ھازىرغا قەدەر تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەسكەن. لېكىن مەزكۇر تەشكىلات تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، نۇر مۇھەممەتنىڭ خىتايدەك ئۇيغۇرلارغا تەن جازاسى بېرىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش خاتىرىسىگە ئىگە بىر دۆلەتكە قايتۇرۇلۇشى، ئۇنى تەن جازاسىغا ئۇچراشتىن ئىبارەت ئېغىر خەۋپكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلات تايلاند داىرىلىرىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭدەك خەلقئارا تەن جازاسىغا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بىر دۆلەتنىڭ كىشىلەرنى «تەن جازاسىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بىر دۆلەتكە قايتۇرۇشى» چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەپسىلاتى...