قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىنىڭ 50-يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتەقەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىنىڭ 50-يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. يېقىنقى زامان تارىخىدا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىشى 1949-يىلىدىن كېيىنكى مەزگىللەرگە توغرا كېلىدۇ.

بۇندىن 50 يىل بۇرۇن قەشقەر، يەكەن ۋە غۇلجىدىن يولغا چىقىپ تۈركىيىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنى، تۈرك ھۆكۈمىتى قەيسەرى شەھىرىنىڭ ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرغان. بۈگۈن 170 ئائىلە ئۇيغۇر بۇ مەھەللىدە ياشىماقتا. بۇ ئۇيغۇرلار بۇ يىل ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىنىڭ 50-يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.

تەپسىلاتى...

ئاۋسترالىيىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى

ئاۋسترالىيەنىڭ كامبېرا شەھىرىگە جايلاشقان ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى 3-4-نويابىر كۈنلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەۋجۇت سىياسىي، ئىجتىماىي-ئىقتىسادىي ، مەدەنىيەت ۋە باشقا مەسىلىلىرى بويىچە بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مۇھاكىمە يىغىندا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي دوكلاتلىرىنى ئوقۇيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە تەتقىقات قىلىپ كېلىۋاتقان 10 نەچچە نەپەر مۇتەخەسسىس يىغىندا ئۆز دوكلاتلىرىنى ئوقۇيدىكەن.

تەپسىلاتى...

«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» گېرمانىيە سەھنىلىرىدە

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى

گېرمانىيدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەشكىللىگەن «كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» 14-ئۆكتەبىردىن باشلاپ گېرمانىيە سەھنىلىرىدە سەنئەت پائالىيەتلىرىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ پائالىيەت 22-ئۆكتەبىرگىچە داۋام قىلىدىكەن.

«كارۋان ئۇيغۇر ئانسامبىلى» نىڭ پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان نۇرنىسا مۇتەللىپ خانىمنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ پائالىيەتتە ئورۇنلىنىۋاتقان ناخشا-ئۇسۇل، چۆچەك، رىۋايەتلەر ۋە ئىلمىي دوكلاتلار گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشمەكتە ئىكەن.

مەزكۇر پائالىيەت گېرمانىيە ۋە گوللاندىيە سەنەتكارلىرىنىڭ بىرلىكتە رول ئېلىشى بىلەن سەھنىلەرگە چىقىۋاتقان بولۇپ، مىللىيچە كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەن سەنەتكارلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە قىياپەتلىرى تاماشىبىنلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان. نۇرنىسا خانىمنىڭ بايان قىلىشىچە، تاماشىبىنلار بۇ ئۇيغۇرچە نومۇرلارغا ئالقىش ياغدۇرۇپلا قالماي، دەم ئېلىش پۇرسەتلىرىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا بولغان قىزىقىشلىرىنى ئىپادىلىگەن.

تەپسىلاتى...

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى

كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرى جەيسون كېننېي كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق سىياسىي پائالىيەتچى ئۆمەرجان ئەپەندى قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇرنى قوبۇل قىلدى. ۋانكوۋېردىكى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېرىم سائەتلىك بۇ كۆرۈشۈشتە، ئۆمەرجان ئەپەندى مىنىستىر جەيسون كېننېيدىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، خىتايغا قوشنا بولغان دىكتاتور دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان، ھەر زامان خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان،ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا كانادانىڭ قۇچاق ئېچىشىنى، كاناداغا كۆچمەن قوبۇل قىلىشتا ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار بېرىشنى ۋە كانادالىق ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ كانادانى زىيارەت قىلىشىغا ۋىزا جەھەتتە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇرلار فرانكفورت خەلقئارا كىتاب يەرمەنكىسىدە

ر ف ئا خەۋىرى
‎2011-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى

يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان فرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسى دۇنيادىكى تەسىرى ھەم كۆلىمى ئەڭ چوڭ يەرمەنكە.

بۇ يەرمەنكىگە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن ئوخشىمىغان ئىرق، مىللەتلەردىن بولغان مىڭلىغان كىشىلەر قاتارىدا بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

ئىگىلىگەن مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى كىتاب يەرمەنكىسىگە ئۇيغۇرلاردىن باش شتابى شۋېتسىيىنىڭ سىتوكھولم شەھىرىدە بولغان خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى، ئورنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە بولغان تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى، باش شتابى گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، مەركىزى گېرمانىينىڭ فرانكفورت شەھىرىدە بولغان شەرقىي تۈركىستان كۈلتۈر مەركىزى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە رەھبەرلىرى قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

توكيودا چاقىرىلغان بىر يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

توكيو ئائىلە پسىخىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 10-ئاينىڭ 11-كۈنى «توكيودا ئاپەتتىن كېيىنكى ياپونىيە ۋە خىتاينىڭ ياپونىيىگە قاراتقان يەر سېتىۋېلىش سىياسىتى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.

بۇ يىغىندا داڭلىق ژۇرنالىست ۋە يازغۇچى كاورى ئارىموتو خانىم، داڭلىق ئائىلە مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى، توكيو ئائىلە پسىخىكىسى تەتقىقات ئورنى مۈدۈرى ھىرومى ئىكەۇچى خانىم، ياپونىيە پارلامېنتى ئەزاسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى پارلامېنت سىياسەت كومىتېتىنىڭ باشلىقى سابىق تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى ئىچىرو ئاىساۋا ئەپەندى، داڭلىق ئادۋوكات، سابىق قانۇن مىنىستىرلىقىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى تاداتاكا ھاياكاۋا ئەپەندى توكيو ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىدىن تۇرمۇھەممەت ھاشىم قاتارلىق كىشىلەر يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ بويىچە قاتنىشىپ سۆز قىلدى. يىغىنغا تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە سىياسەتچىلەردىن بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئىشلار ئىجراىيە كومىتېتى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونغا باش سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەڭەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى جۇڭگو ئىشلار ئىجراىيە كومىتېتى 2011‏-يىللىق دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كەڭ ئورۇن بەرگەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونغا باش سېكرېتار قىلىپ تەيىنلەڭەن 2010‏-يىلى 4‏-ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە تۈرلۈك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ داۋاملىق تاجاۋۇزغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاينى جازالايدىغان قارار ماقۇللىدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن (سەيشەنبە كۈنى) ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتى مەسىلىسى ئۈستىدە 35 كە قارشى 63 ئاۋاز بىلەن بىر قارار ماقۇللىدى.

بۇ، پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان خىتاينىلا ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋالغان ھەر قانداق باشقا دۆلەتنى جازالايدىغان قارار.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىرىلەردە كۆپ قىسىم ئەزالار، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پۇل سىياسىتى، پۇلنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى كونترول قىلىۋېلىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنى بۇلاڭ-تالان قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىياسەت، دەپ قارىغان ئىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ ئۆتكەن ھەپتىدە، خىتاي ھازىر ئېكسپورتتا پايدا قازىنىش ئۈچۈن، «پۇل ئويۇنى» قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. ئەمما ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ بولغان بۇ قارار، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىمۇ يەنە ئاۋاز قويۇپ قارار ماقۇللىنىپ، ئاخىرىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىمزا قويغاندا ئاندىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قارارىغا قاتتىق غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قارارى ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان سالىدىغان قارار بولۇپلا قالماي، بەلكى بىۋاسىتە سودا ئۇرۇشىنى پەيدا قىلىدىغان قارار، دەپ نارازىلىق بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا جەنۋەدىكى يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تىلغا ئالدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ جەنۋەگە ئېچىلىۋاتقان 18-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات سۇنغان بولۇپ، ئامېرىكا دوكلاتىدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلغان.

ئۇنىڭدا، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادوۋكاتلىرى، پاالىيەتچىلەر، يازغۇچىلارنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەتتا تىنچلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشلارنىمۇ قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار پاش قىلىنغان.

ئامېرىكا جەنۋەدىكى باياناتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى ۋە مەدەنىيىتىنى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى داۋام قىلدۇرماقتا. خىتاي بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگىمۇ بېسىم ئىشلىتىپ، 3-بىر دۆلەتتە ئىلتىجا قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئەكەتمەكتە.

تەپسىلاتى...

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ 4 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2011-9-ئاينىڭ 15-كۈنى

خىتاي سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى قارار چىقىرىپ، 4 ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بىراق خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقارغان قارارى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى چارشەنبە كۈنى ئابدۇغېنى يۈسۈپ، ئابلىكىم ھەسەن، مۇختەر ھەسەن ۋە مۇھەممەتنىياز تۇرسۇن قاتارلىق 4 ئۇيغۇرنى خوتەن ناۋاغ، قەشقەر يېڭى بازار ۋەقەلىرىدە ئوينىغان رولى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى تېررورلۇق تەشكىلات قۇرۇپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش، قانۇنسىز پارتلاتقۇچ ياساش، ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قانداق سوتلانغانلىقى، خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلالىغان-قىلالمىغانلىقى، ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقى، يول قويۇلغان بولسا قانداق ئاقلىغانلىقى قاتارلىق سوت جەريانىغا داىر تەپسىلىي دېتاللار تىلغا ئېلىنمىغان.

تەپسىلاتى...