مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى 28-دېكابىر خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى
مەركىزى ياۋروپادىكى مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى، 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن 28-دېكابىر خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، ئېتىپ تاشلانغان 7 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىل 28-دېكابىر كۈنى خوتەننىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن چېگرادىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەدە2 نەپەر ئايالنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەم نارەسىدە بالىلارنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىدار قىلىنغانلىقى ئەيىبلەندى.
تەپسىلاتى...