ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

2011‏-يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ئاچقۇچلۇق ساھەلەردە داۋاملىق ناچارلاشقان. ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي ھوقۇقى داۋاملىق باستۇرۇشقا ئۇچرىغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2012‏-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ بىر يىلدا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت داۋاسىغا ئارىلاشقان تەشكىلات، شەخسلەرنى باستۇرۇش ۋە ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىش بىر خىل «دائىملىق تەدبىر» بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تەپسىلاتى...

تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى: ئۇيغۇر داۋاسى تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق دەۋاسى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى

14-18-ماي كۈنلىرى ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيودا 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چاقىرىلغان ئىدى. قۇرۇلتايغا ياپونىيە، ئىتالىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن پارلامېنت ئەزالىرى قاتناشقان ئىدى.

ئۇلار قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ پارتىيىسىنىڭ شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدى. تۆۋەندە تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەمەت شاندىرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قىلغان نۇتقىدىن مەلۇمات بېرىمىز.

تەپسىلاتى...

2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق خەلقارالىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى

2012-يىلى 5-ئاينىڭ 17، 18-كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلغان 2-نۆۋەتلىك «ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ ئاڭلىتىلدى.

تۈرك فوندى، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىقى تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق ئىدارە ۋە ئورگانلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل قۇرۇلتاي مەركىزى يىغىن زالىدا، 2-نۆۋەتلىك ئىستانبۇل دۇنيا سىياسەت مۇنبىرى ناملىق خەلقارالىق يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىنغا دۇنيادىكى 56 دۆلەتتىن، مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى، سىياسىيونلار، يازغۇچىلار، ئاكادېمىكلار ۋە ئاخباراتچىلار بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

بۇ يىغىنغا ئامېرىكىدىكى ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلدى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر دىيارىدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى

يېقىندا تۈركىيىدە چىقىدىغان «ئاكادېمى» گېزىتىنىڭ تور بېتىدە، «قەشقەردە نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.

بۇ ماقالىنى ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت يازغان. ماقالىدە يېقىندىن بۇيان قەشقەر، خوتەن، گۇما، قاغىلىق ۋە كورلا قاتارلىق شەھەرلەردە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ۋە بۇ ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا پىكىر-ئانالىز يۈرگۈزۈلگەن.

ماقالىدە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ، قوللىرىدا قورال يوق ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى كىنايە ئارقىلىق تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: 2012-يىلى 2‏-ئاينىڭ 28-كۈنى قەشقەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ 21 كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ھۇجۇمچىلارنىڭ قوللىرىدا پىچاق بار ئىدى. ساقچىلارنىڭ قوللىرىدا بولسا ئاپتوماتىك قوراللار بار ئىدى. جەمىي 21 كىشى نەق مەيداندا جان بەردى. ھۇجۇمچىلارنى تىرىك تۇتۇپ، سوتقا تارتقىلى بولاتتى، ئەمما ئۇنداق قىلىنمىدى، چۈنكى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىگە سۇلاپ، سۇ ۋە تاماق بېرىش، كېيىن نەچچە ئاي سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى كۈتۈش بىر ئاۋارىچىلىك ئىش ئىدى. قانداق بولۇشتىن قەتىي نەزەر سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۇلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى.

تەپسىلاتى...

مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى 28-دېكابىر خوتەن ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەركىزى ياۋروپادىكى مەزلۇملار ئەركىنلىكى ئۈچۈن يۈرۈش تەشكىلاتى، 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا يۈز بەرگەن 28-دېكابىر خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، ئېتىپ تاشلانغان 7 نەپەر ئۇيغۇر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 2011-يىل 28-دېكابىر كۈنى خوتەننىڭ مۇكۇيلا يېزىسىدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن چېگرادىن قېچىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا ئوق چىقىرىپ، ئۇلاردىن 7 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، ۋەقەدە2 نەپەر ئايالنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەم نارەسىدە بالىلارنىڭمۇ ساقچىلارنىڭ ئوقىدا يارىدار قىلىنغانلىقى ئەيىبلەندى.

تەپسىلاتى...

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2012 – يىللىق دوكلاتىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى قاتارىدا تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى مەخسۇس توختىلىنغان.

بۇ مەسىلىلەرگە ئائىت مەزمۇنلار بەك كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما دوكلاتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئائىت بېتىدىكى مەزمۇنلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدا 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مەسىلىسى، تۈرمىلەردىكى قىيناش ۋە ئادىل بولمىغان سوت قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا يەنە 2011 – يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنىڭ چېقىلىشىنىڭ داۋاملىشىپ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئاىلىلىرىنىڭ مەجبۇرىي كۆچۈرىۋېتىلىپ، خىتاي نوپۇسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن يېڭى شەھەر رايونى پەيدا قىلىنىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2011 – يىلى، 18 – ئىيۇلدىكى خوتەن ۋەقەسى، 30 – 31 – ئىيۇلدىكى قەشقەر ۋەقەسى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلارمۇ ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن.

تەپسىلاتى...

ۋىكىلىكىس: قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى خىتايدا ئويۇن قۇيۇشنى رەت قىلدى

2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
ئاپتور: كامىل تۇرسۇن

“ۋىكىلىكىس”تور بېتى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەت-ئالاقە ۋە دوكلاتلارمۇ خېلى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.“5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”يۈز بەرگەندىن كېيىن،قازاقىستاندىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خادىملىرى تەرىپىدىن ۋاشىنگتونغا يوللانغان “قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايغا ئويۇن قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى”ناملىق ئۇزۇن دوكلات بۇلاردىن بىرىدۇر.بۇ دوكلات 2009-يىلى 25-نويابىر كۈنى ۋاشىنگتونغا يوللانغان.

“قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار خىتايدا ئويۇن قويۇشنى رەت قىلدى”ناملىق بۇ دوكلاتتا،قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى،ئۇلارنىڭ قازاقىستان دائىرىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى،“ ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى”سەۋەبى بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقى، قازاقىستاندىكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ قازاقىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە بولغان ئىنكاسى ۋە خىتاينىڭ سىياسىي زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ۋەتىنىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان،ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئەھۋالى،خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى سىياسىي تەسىرى ۋە قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق قاتارلىقلار بايان قىلىنىدۇ.

تەپسىلاتى...

مەرھۇم لىدېر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات-پاالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسىنىڭ «تۈرك دۇنياسىدىن ئىزلار» ناملىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەرھۇم لىدېرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات-پاالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسى يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن پروگرامما تارقىتىشقا باشلىدى. ئۆتكەن ھەپتە نەسىردىن ئەپەندى توغرىسىدا پروگرامما تارقىتىپ، نەسرىدىن ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان لەتىپىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا پروگرامما تارقاتقان ئىدى. تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيىسى بۇ ھەپتە يەنە «تۈرك دۇنياسىدىن ئىزلار» ناملىق پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىن تارىخىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە، مەرھۇم لىدېر مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھايات-پاالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى.

بۇ پروگراممىدا ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن تەتقىقاتچى ئېلى ئەلىوغلى، دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوكتور ئۆمەر قۇل، پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت ۋە ھامۇت كۆكتۈرك، مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا ۋە كۈيوغلى يۈنۈس بۇغرا قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىپ، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پۈتكۈل ھايات پائالىيەتلىرىنى ئاڭلاتتى.

تەپسىلاتى...

گىلگىت-بالتىستان تەتقىقات مەركىزى خوتەن مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى

ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان گىلگىت-بالتىستان تەتقىقات مەركىزى، ئالدىنقى كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرىدا خوتەندە يۈز بەرگەن 7 ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلات پاكىستاننىڭ شىمالىي چېگراسىدا يەنى ئۇيغۇر ئېلىگە قوشنا بولغان گىلگىت بالتىستان رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تەشكىلات بولۇپ، ئۇ باياناتىدا، بىۋاسىتە قوشنىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۇزۇندىن بېرى كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

تەشكىلات باياناتىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خوتەندىكى ۋەقەدە ئىككى ئايال كىشىنىمۇ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بالىلارنى يارىلاندۇرغانلىقىنى «شەرقى تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ بىر پارچىسى» دەپ بايان قىلغان.

تەشكىلات باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستان زېمىنىدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنى خوتەندىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

تەپسىلاتى...

باياناتچى دىلشات رىشىت قۇمۇل ۋەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىغا سۇنغان تەكلىپىنى يوللۇق تەكلىپ دېدى

ر ف ئا خەۋىرى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى

ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان ئۇيغۇر رايونلۇق 11-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-ئومۇمى يىغىنىدا، قۇمۇل ۋەكىللەر گۇرۇپپىسى، بىر قىسىم ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭمۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا ئاتچوت قىلىنىدىغان دورىلار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، قۇمۇل ۋەكىللىرى مەزكۇر تەكلىپنى سۇنغاندا، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئاتچوت قىلىنماسلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي تېبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر توسالغۇ دەپ كۆرسەتكەن.

يىغىننى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، مەزكۇر يىغىندا گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ جىددىي مەسىلىلىرى ۋە تۈپ مەنپەەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا خاس بولغان بىر مەسىلىنىڭ بولسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى رايوندا ئېچىلىۋاتقان يىغىنلارنىڭ ئەنئەنىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭىلىق ۋە ئىلگىرىلەش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...