شاھىتلار 1988-يىلىدىكى «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

بۇ يىل 6-ئاينىڭ 15-كۈنى 1988-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار نامايىشى» نىڭ 32 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. بۇندىن 32 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىگە قارشى كوچىلارغا چىقىپ، كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

6-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇھاجىرەتتىكى مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئەينى زاماندىكى تەشكىللىگۈچىلىرى ھەم شاھىتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، د ئۇ ق مۇھاجىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەمەت توختى، ئامېرىكادىكى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دىلزات ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى شەۋكەت قاتارلىقلار توردا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ 32 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە يىغىنىدا يېڭى پىلانلىرىنى قارار قىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىدە يىلدا ئىككى قېتىم ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىپ، بۇ يىغىنلاردا ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسە قىلىش بىلەن بىرگە كېلەچەك 6 ئايلىق خىزمەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بۇ ھەقتە قارارلار ماقۇللاش كۆرسىتىلگەن. بۇ بەلگىلىمىگە ئاساسەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا ئۆتكەن 6 ئايلىق خىزمەت خۇلاسىلىنىپ ئالدىمىزدىكى 6 ئاي ئىچىدە قىلىنىدىغان خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلدى.

كورونا ۋىرۇسى تۈپەيلىدىن سىن كۆرۈنۈش ئارقىلىق چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، شۋېيتسارىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 33 نەپەر ھەيئەت، د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ۋە ئىشخانا مۇدىرلىرى قاتناشتى. 6-ئىيۇن كۈنى بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 2دە باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

تەپسىلاتى...

«4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاي دېموكراتلىرى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىمۇ تەكلىپ قىلدى.

3-ئىيۇن كۈنى شىمالىي ئامېرىكا، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيە قاتارلىق 4 قىتئەدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ۋىدېيولۇق تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، خوڭكوڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىلىرى ھەم چەتئەللىكلەر قاتناشقان. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رېشىت قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى يىغىن گېرمانىيەلىك پوپ رولاند كۈھنەنىڭ 1989-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا قىرغىن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىشى بىلەن باشلانغان. يىغىنغا «خىتاي مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى لياۋ تيەنچى رىياسەتچىلىك قىلغان. «4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نىڭ يېتەكچىلىرىدىن ۋاڭ دەن، تەيۋەننىڭ گېرمانىيەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش ئەلچىسى شيە جىۋېي، ياپونىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ماكىنو شىڭشۇ، د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رېشىت قاتارلىق 13 كىشى نۆۋەت بىلەن نۇتۇق سۆزلىگەن.

تەپسىلاتى...

پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن دولقۇن ئەيسانى سورىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

تۈركىيەنىڭ «ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى ئايخان ئەرەل ئەپەندى 2-ئىيۇل كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سوئال خېتى سۇنۇپ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇدىن «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورىدى. ئۇ، سوئال خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدىمۇ توختالغان.

11-مارت كۈنى تۈركىيەدە تۇنجى كورونا ۋىرۇسى كۆرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈركىيە پارلامېنتىدا تەتىل بولغانىدى. پارلامېنتنىڭ ئۇزۇن تەتىلدىن كېيىنكى تۇنجى كۈنى، يەنى 2-ئىيۇل كۈنى ئايخان ئەرەل ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىغا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ سوئال خېتى تاپشۇرغان. مەزكۇر خەتتە «شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قويۇلغان چەكلىمىنى قاچان ئەمەلدىن قالدۇرىسىلەر؟ ئۇنىڭ تۈركىيەگە كېلىشىگە قاچان رۇخسەت قىلىسىلەر؟» دەپ سورالغان.

تەپسىلاتى...

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «خۇاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلىش ۋە باستۇرۇشتا ئوينىغان رولى» ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەۋەرلەردە ئاشكارىلانغىنىدەك، خىتايدىكى خۇاۋېي شىركىتى خىتاينىڭ دۇنياۋى كېڭەيمىچىلىكىگە خىزمەت قىلىدىغان، تېخنىكا ئوغرىلىقى ۋە جاسۇسلۇققا چېتىشلىقى بار دەپ قارالغان چوڭ شىركەت بولۇپ، ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ شىركەتكە چەكلىمە قويغان ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى بۇ شىركەتتىن ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغانىدى.

ئەنگلىيە بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكانىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي خۇاۋېينىڭ 5G تور تېخنىكىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، كورونا ۋاباسىدىن كېيىن بۇ قارارىدىن ۋاز كەچكەن. ئەنگلىيە BBC تورىنىڭ 25-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيە تور بىخەتەرلىكى مەركىزى خۇاۋېينىڭ پەيدىن-پەي چېكىنىپ چىقىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن 29-ماي كۈنى خۇاۋېينىڭ خىتاي ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا ئويناۋاتقان رولى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق جىنايىتى ھەققىدە تور سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆھبەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق پروجېكت دىرېكتورى راھىمە مەخمۇت خانىم، جىنايى ئىشلار، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى مايكېل پولاك، خەلقئارا قانۇن، جۈملىدىن ياۋروپالىقلار قانۇنى ئادۋوكاتى، ئىستراتېگىيىلىك سودا ۋە بىخەتەرلىك تەتقىقاتى ئورنىنىڭ باشلىقى دوكتور ئارىس جورجپولۇس قاتارلىق كىشىلەر قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

دولقۇن ئەيسا: «يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلىم تىلى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. 7 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن 20 مۇتەخەسسىس دوكلات سۇندى ۋە دوكلات ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەزكۇر يىغىندا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بەردى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرىنىڭ چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات بەرگەنلىكىدۇر. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى خىتاي ئانا تىلدىكى مائارىپنى چەكلەۋاتقان، ئۇيغۇر تىلىنى قالاق تىل دەپ كەمسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ بىلىم تىلى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ يىغىننى چاقىرغانلىقىنى، بۇ يىغىن ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلىم تىلى ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كۈندە بىر يېرىم سائەتتىن 7 كۈن داۋاملاشقان مۇھاكىمە يىغىنىدا نۇقتىلىق ھالدا خەلقئارا ۋەزىيەت، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قاتارلىق دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بولغان تەسىرى» قاتارلىق ھەر خىل تېمىلاردا دوكلات بېرىلىپ مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلەرنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا چەتئەلدە تۇرۇپ دەۋاغا قانداق تۆھپە قوشۇش مۇھىم بىر مېتود مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر داۋاسىدىكى يېڭى قەدەم: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللاندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 14-ماي كۈنى بىردەك قارار ئېلىپ «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى-2020» نى ماقۇللىغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىدا دەسلەپكى قەدەمدە ئۈمىدلىك بىر نەتىجە بارلىققا كەلدى. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇملارنى خەلقئارادا بىر قۇدرەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭغا قارشى رەسمىي قانۇن چىقىرىش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىلدى. چۈنكى بۇ قانۇن لايىھەسى رەسمىي قانۇنغا ئايلانسا ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرى تۇنجى بولۇپ رەسمىي بىر شەكىلدە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ جازالاش تىزىملىكى بويىچە جازاغا ئۇچرايتتى.

بۇ قېتىم ئاۋازغا قويۇلغان قانۇن لايىھىسى ئىلگىرىكى ئىككى پارچە قانۇن لايىھىسىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە قىسمەن جايلىرىنى كېڭەيتىش ئاساسىدا تەييارلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم چېكىگە يېتىۋاتقاندا ماقۇللىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ خۇرسەن قىلدى. بولۇپمۇ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىش، بۇ ساھەدە خەلقئارانى چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىرلىككە كەلگەن ھېسداشلىق ۋە ئورتاق قوللاشنى كۆپلەپ قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھارماي-تالماي ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنىڭ ئازراق بولسىمۇ ھاردۇقىنى چىقاردى. ئەنە شۇ خىل پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا قانچىلىك سۆيۈنگەنلىكىنى قىزغىنلىق بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى قانۇن لايىھىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىنىشىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا مەھكۇم بولۇشىدەك 21-ئەسىردىكى ئەڭ زور «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشى» مۇھىم رول ئوينىغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلاردىكى «ھەركەتتە بەرىكەت» دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھەقلىقىنى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا سۈكۈتتىن كۆرە مەيدانغا چۈشۈشنىڭ ئەۋزەل بولىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلغان.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپلا قالماستىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتتىن 21 پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىس دوكلات بەرمەكچى. كۈندە بىر يېرىم سائەتتىن 7 كۈن داۋاملىشىدىغان مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ۋۇخەندىن دۇنياغا يېيىلغان كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇيغۇرلاردا ساغلاملىق مەسىلىسى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان، تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رولى قاتارلىق بىر تېمىلاردا دوكلات سۇنماقچى.

تەپسىلاتى...

يەھۇدىيلانىڭ ۋەدىسى: «بىز كۆرگەن كۈن باشقىلارنىڭ بېشىغا كەلگەندە قاراپ تۇرمايمىز»

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى رېنې كاسسىن يەھۇدىي كومىتېتى «بىرلىك ئىپتارى» نامىدا لوندوندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىرلىشىپ، توردا نەق مەيدان ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

رېنې كاسسىن كومىتېتىنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە بەرگەن ئۇقتۇرۇشىدا: «4-ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىپتار پائالىيېتىمىزنىڭ ئاساسىي مەقسىتى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئۈمىد بېرىش ئۈچۈندۇر،» دەپ يېزىلغان.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىس دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت ۋە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 70 دىن ئارتۇق كىشى توردىكى نەق مەيدانغا قاتناشقان.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا بازارلىرىغا خوتەندىن كەلگەن گۈزەل چاچلار ئەسلى كىملەرنىڭ؟ (1)

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان رەسمىي بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرى، خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى «ھاولىن (خاۋلىن) چاچ قوشۇمچە بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ تاۋارلىرىنى بىردەك تۇتۇپ قېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكانىڭ بۇ چەكلىمىنى ئىجرا قىلىشىغا، «خاۋلىن» مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلىدىغانلىقى سەۋەب بولغان، ئەمما ئىنساننىڭ چېچىدىن ياسىلىپ، تا خوتەن لوپتىن ئامېرىكا بازىرىغىچە كىرگەن بۇ بۇيۇملارنىڭ خام ئەشيا زەنجىرىنىڭ لاگېرلارغا تۇتۇشۇش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ، بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىغا دىققەت قىلغايسىز.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىليونلارچە كىشىنى لاگېرغا سولاش بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىپادىسى ياخشى دەپ قارالغانلارنى «كەسىپكە چىقىرىش» دېگەن نامدا، خىتايلار مەبلەغ سالغان زاۋۇت-كارخانىلاردا مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقىغا دائىر تەپسىلىي ئۇچۇرلار، يېقىنقى مەزگىللەردە كۆپلەپ ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. لاگېر قورۇسى ئىچىگە ياكى يېقىن جايلاردىكى سانائەت رايونلىرىغا خىتايلار قۇرغان كىيىم-كېچەك، تۇرمۇش بۇيۇملىرى، تازىلىق بۇيۇملىرى، ماشىنا زاپچاشلىرى، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىقلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ لاگېرلادىكى تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ۋە ھەقسىز ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى دەلىللەنمەكتە.

تەپسىلاتى...