«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» ھەققىدە ئوچۇق مەكتۇپ ئېلان قىلىندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇر دىيارىدىكى بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان سىياسىي باستۇرۇشلار ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەت كۈچلۈك غۇلغۇلا قىلىۋاتقاندا بارغانسېرى كۆپ ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ھەمدە قولىدىن كېلىشىچە بۇنىڭغا ھەمدەم بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى 14-يانۋار كۈنى يېڭىۋاشتىن ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتنىڭ سورىقىنى قىلىش» مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپ بۇ ھالنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

مەكتۇپتا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە باشقا 51 تەشكىلات ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئاشكارا يۈز بېرىشى» دەپ قارايدىغانلىقى، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ مۇدھىش ئاپەتكە دىپلوماتىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە باشقا تىنچلىق ئۇسۇللىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇش ھەمدە ئۇلارنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقى تەپسىلىي شەرھلەندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا خاس بارلىق مەدەنىيەت كىملىكى يوقىتىلىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىكى، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى جۇدالىققا گىرىپتار قىلىش ۋە قىز-چوكانلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنىڭ ھازىر بەكمۇ ئومۇملاشقان بىر ھادىسە ئىكەنلىكى، مۇشۇنداق ئاشكارا قىرغىنچىلىق يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقان رېئاللىق ئالدىدا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئاراغا ئورتاق بولغان قانۇن ۋە نىزاملارغا بىنائەن ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى لازىملىقى كەسكىن تەكىتلەندى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق تۈركىيە رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىماسلىققا چاقىرماقتا

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزگەن «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدىكى سىن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى ماي.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈركىيە رەھبەرلىرى، ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ رەئىسلىرى ۋە تۈركىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى بىلەن ئەدلىيە كومىتېتى مەسئۇللىرى ھەم ئەزالىرىغا خەت ئەۋەتىپ، ئۇلارنى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نى ماقۇللىماسلىققا چاقىرماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ نامى بىلەن ئەۋەتىلگەن ۋە ئەۋەتىلىۋاتقان خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان: «مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قول قويغان نۇسخىسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئىكەنلىكى تۈركىيەدە ۋاقىتلىق تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەندىشە پەيدا قىلدى. تۈركىيە بۇ كېلىشىمنى فېتو ۋە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنى نىشان قىلىپ تۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، خىتاينىڭ مەقسىتى تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، بىگۇناھ، مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدى بولغان تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش، دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ نەزىرىدە تۈركىيەنىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرۈشتىن ئىبارەت. خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ كېيىنكى يىللاردا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئايلانغانلىقىنى نەزەردە تۇتساق، كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانسا، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ زور ئىنسانلىققا قارشى جىنايەتنىڭ سادىر بولىدىغانلىقى ئېنىق».

تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن «جىنايەتچىلەرنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى» نىڭ 2017-يىلى ئىككى دۆلەت مىنىستىرلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغانلىقى، 2019-يىلى تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغان قول قويغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەنلىكى، مەزكۇر كېلىشىمنىڭ 26-دېكابىر كۈنى خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن ماقۇللانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى 27-دېكابىر كۈنى جىددىي يىغىن چاقىرىپ، بۇ كېلىشىمنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنى توسۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان ۋە ئەردوغان قاتارلىق تۈركىيە رەھبەرلىرى، پارلامېنت كومىتېتلىرى، ئەزالىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلارغا خەت ئەۋەتىشنى بېكىتكەنىدى.

تەپسىلاتى...

بۇ يىلى ئۇيغۇرلار مىللىي داۋا ھەرىكىتىدە نېمىگە ئېرىشتى ھەم كېلەچەكتە نېمىنى ئۈمىد قىلىدۇ؟

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

كېيىنكى يىللاردا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مىللىي داۋا يولىدا كۆپلىگەن ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەمدە ئىجتىمائى تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، ھوقۇق قوغدىغۇچىلارنىڭ، ئايرىم مەملىكەتلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى بارغانسىرى كۈچەيمەكتىكەن. ئۇنداقتا، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن بىرلىكتە 2020-يىلنى ئۇزىتىپ، 2021-يىل ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي داۋا ھەرىكىتىدە نېمىلەرگە ئېرىشتى ھەمدە كېلەچەكتە نېمىلەرنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان بىر قاتار ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئىگىلىدۇق.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللىي داۋا ھەرىكىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بۇ ھەرىكەتنىڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ، كۈچىيىپ، ھازىر خەلقئارادىكى مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشكە بولىدۇ. شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ھەرىكەتكە ئۆزلىرىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ كەلمەكتىكەن.

تەپسىلاتى...

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى سىياسەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ۋال-سىترىت ژورنىلى: «ئامېرىكا قانداق قىلىپ شى جىنپىڭنى خاتا مۆلچەرلىدى-ئارزۇ قىلىنغان گلوبالىست ۋە ئوتتۇرىغا چىققان دېكتاتور»

ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا خىتاي تەھدىتى دەيدىغان تونۇشنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى قوپاللىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان، ئۇ يەردىكى 2 مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغان ۋە خوڭكوڭدا زوراۋانلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرمۇ كۈچەيمەكتە.

يېقىندا «ۋال-سىترىت ژورنىلى» دا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا قانداق قىلىپ شى جىنپىڭنى خاتا مۆلچەرلىدى-ئارزۇ قىلىنغان گلوبالىست ۋە ئوتتۇرىغا چىققان دېكتاتور» ماۋزۇلۇق ماقالىدە دەل ئامېرىكانىڭ شى جىنپىڭنى خاتا پەرەز قىلىشى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ھاكىممۇتلەق، مۇستەبىت رەھبەر بولۇپ چىقىشىنىڭ سەۋەبلىرى مۇلاھىزە قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شى جىنپىڭ 2012-يىلى ھوقۇقنى ئېلىشتىن بۇرۇن بۇ كىشىنىڭ قانداق بىر لىدىر بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنى بىر قانچە قېتىم «يوقلاپ» باققان. خىتايدىكى ۋە ئامېرىكادىكى بىر قانچە قېتىملىق ئۇچرىشىشلار نەتىجىسىدە ئامېرىكا ئۇنى بىز بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى ۋە دۇنيا تەرتىپىگە ماسلىشىشنى خالايدىغان بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ خۇلاسە چىقارغان. بەزىلەر ھەتتا شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشقان.

بىراق ئاپتور ماقالىسىدە بۇ يەكۈنلەرنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيىلىك خاتا پەرەزلەرنىڭ بىرى» دەپ باھالىغان. ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭ پەرەز قىلىنغاننىڭ دەل ئەكسىچە ھەرىكەتلەردە بولغان. ئاپتور مۇنداق دېگەن:

تەپسىلاتى...

خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى (IPAK) ئەنگلىيە ئەزالىرى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق تەكلىپلەر سۇندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېقىنقى مەزگىلدە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئەنگلىيەدە كۈنتەرتىپتىن چۈشمەي كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاي بىلەن سودا قىلىشتىن ۋاز كېچىش تاللىشىدا مۇھىم قەدەملەرنى باستى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ كېلىۋاتقان خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى بۇ جەھەتتە ئۆز رولىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرماقتا.

يېقىندا خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى خەلقئارا بىرلىكى (IPAK) نىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى 46 نەپەر ئەزاسى بىرلىشىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى ئۈچۈن ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بىر يۈرۈش تەكلىپلەرنى سۇنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلەرنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ تۈرتكىسى ۋە خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەپسىلاتى...

مۇسۇلمانلار جامائىتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا چاقىردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خەلقئارادىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش ساداسى بارغانسېرى يۇقۇرى كۆتۈرۈلىۋاتقاندا ئەڭ چوڭ ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ ئېغىر باستۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى ئىزچىل خەلقئارانىڭ تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇنداق ئاچچىق رېئاللىققا قارشى ئورتاق سادا ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 140 تىن ئارتۇق تەشكىلات ۋە 25 دۆلەت ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇ خىل تىرىشچانلىقنىڭ بىرى 17-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا مۇسۇلمان تەشكلاتلار كېڭىشى، «ئۇيغۇرلارغا تېزدىن ئازادلىق» قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئاچقان تور مۇھاكىمە يىغىنى بولدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن رىياسەتچى ئايۇب رازىق سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەققىدە ھېچقانچە چۈشەنچىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇ ھەقتىكى رېئاللىقنى تېخىمۇ كۆپ مۇسۇلمانلار جامائىتىگە بىلدۈرۈش ئارزۇسىنىڭ مۇشۇنداق بىر تور مۇھاكىمىسى ئېچىشنىڭ جىددىي زۆرۈرىيەتلەردىن بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە كۆرسەتتى.

تەپسىلاتى...

يەھۇدىي جامائىتى «خانۇككا بايرىمى» نى ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە تەبرىكلىدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

«خانۇككا بايرىمى» (يورۇقلۇق بايرىمى) يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىدىن بىرىدۇر. بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن يەھۇدىي جامائىتى ئۇيغۇرلارنىمۇ تەكلىپ قىلىپ، يەھۇدىيلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان تارىخىي كەچمىشلىرى، ئۇيغۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى پاجىئەسى ۋە بۇنىڭغا بىرلىكتە خاتىمە بېرىش تېما قىلىنغان مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «خانۇككا بايرىمى» مىلادىيەدىن ئىلگىرى 164-يىلى يەھۇدىيلارنىڭ ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغانلىق غەلبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بايرام بولۇپ، ئىبرانى كالېندارى بويىچە، ھەر يىلى نويابىرنىڭ كېيىنكى 15 كۈنىدىن دېكابىرنىڭ كېيىنكى 15 كۈنىگىچە خالىغان كۈندە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ بايرام دائىم يىل ئاخىرىدىكى مىلاد بايرىمى بىلەن بىللە كەلگەچكە، ئۆز نۆۋىتىدە يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت بايراملىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بايرام ئۆتمۈشتىكى شانلىق تارىخىنى ئەسلەش، شۇنداقلا تارىختا ئۇچرىغان تراگېدىيەلىرىنى ئۇنتۇماسلىق بايرىمى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ يەردىكى يورۇقلۇق ئۈمىد ۋە غەلىبىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇلار ئادەتتە قەندىل (چىراغ) يېقىش، شام ياندۇرۇش، بايرام ناخشىسى ئېيتىش، ياغلىق يېمەكلەرنى يېيىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدىكەن.

يېقىندا ئەنگىليەدىكى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى «خانۇككا بايرىمى» نى بىرلىكتە تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. توردا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە ئىككى جامائەتنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىكتە شام ياقتى ۋە بايراملىق تىلەكلىرىنى بىلدۈردى. ئالدى بىلەن يەھۇدىي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى رېنى كاسسىن (Rene Cassin) نىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى مىيا خانىم 10-دېكابىر «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ بايرامنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تىلغا ئالدى، ئاندىن بۇ بايرامنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى بايان قىلىپ، قەدىمقى گرېكلارنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىشغال قىلىپ يەھۇدىيلارنى قىرىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مىليونلىغان يەھۇدىيلارنى قىرغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن «قايتا يۈز بەرمەيدۇ» دېيىلگەن بۇ بۇ قەبىھ جىنايەتنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز بۇ ئاخشام بۇ يەردە بۇ زۇلۇملارنى سۆزلەش بىلەنلا قالماي، ئۆزئارا دوستلۇقىمىزنى تەبرىكلەيمىز؛ مەدەنىيىتىمىز، دىنىمىز ۋە ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىمىزدىن بىرلىكتە زوق ئالىمىز. كىملىكىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تېخىمۇ ياخشى تونۇشتۇرىمىز. بۇ بايرام ئارقىلىق ئۈمىد ۋە يورۇقلۇقنى بىرلىكتە تەبرىكلەيمىز».

تەپسىلاتى...

ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلەندى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن مەشھۇر «3 ئەپەندىلەر» نىڭ بىرى بولغان ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقىنى خاتىرىلەش تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

17-دېكابىر د ئۇ ق نىڭ ئۇيۇشتۇرىشى بىلەن تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ۋاپاتىنىڭ 25 يىللىقى خاتىرىلەندى ۋە ئۇنىڭ ھايات پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. يىغىنغا ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ تور مۇھاكىمە يىغىنىغا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندى 1995-يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن، سەپداش بولۇپ خىزمەت قىلغان ھەمدە مەخسۇس ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەر ۋە ئالىپتېكىن جەمەتىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان ئىدى.

يىغىندا ئالدى بىلەن ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىگەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى تارىخىدا ‹3 ئەپەندىلەر› دەپ ھۆرمەت بىلەن تەرىپلىنىدىغان ۋە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كېلىشىگە بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان» ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ كۆرەش تارىخىغا يۈكسەك باھالارنى بەردى. ئۇ سۆزىدە 1949-يىلى كوممۇنىست خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىشتىن ئىلگىرى ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان مۇھەممەدئىمىن بۇغرانىڭ ئۆز ۋاقتىدا خاتىرىسىگە مۇنۇلارنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ كوممۇنىست مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىشى بىلەن ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن 1950-يىلى ئەيسابەگ بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ، ۋەتەن دەۋاسى ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان قەتئىي ھەرىكىتىمىزنى تۆۋەندىكىدەك قارارلاشتۇردۇق: بىرى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلىش، ئىككىنچىسى، ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىدىيەسىگە مۇستەقىللىق پىكرىنى سىڭدۈرۈش، ئۈچىنچىسى، بۇ غايىنى مەقسەت قىلغان ھالدا تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىش، تۆتىنچىسى، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە شەرقىي تۈركىستاننى تونۇتۇش، ئانا ۋەتەندىكى خىتاي زۇلۇمىنى ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈش.»

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقىي ئىشلار كومىتېتى 15-دېكابىر «شىنجاڭ تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرى» ناملىق گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ئەنگىلىيە كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشىنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش، تاشقىي دۇنيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ۋەھشىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مېخانىزىمىنى قانداق كۈچيتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

ئەنگىلىيە پارلامېنتى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى تام تۇگېنخاتنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى يىغىندا پائالىيەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر گۇۋالىق بېرىپ، ئوزلىرىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەردىكى قارىشى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن. ئەنگىلىيە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىلىكىگە يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇردىمۇ، دېگەن سوئال يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلارنىڭ بىرى.

يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا گۇۋھالىق بېرىپ، ئەنگىلىيەنىڭ خىتاينى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر كونكىرېت ھەرىكەت قوللانمىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. دولقۇن ئەيسا مۇنداق دىگەن: «ئەنگىلىيەنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا رەخمەت ئېيتىمىز، بىراق ئۇ ھېچقانداق كونكىرېت ھەرىكەت قوللانمىدى. ب د ت مۇ ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق ئەھدىنامىسىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى. ئۇيغۇر كىرىزىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىسى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسى. ئەنگىلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى.»

تەپسىلاتى...

ياۋروپا پارلامېنتىدىن چىققان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ساداسى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش، ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلىغا ئايلانماقتا.

4-دېكابىر كۈنى ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلار خىتاي ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلماقتا» ناملىق خەۋەر كەڭ تارقالدى. خەۋەردە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بىر سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىنىڭ غەرب سىياسىيونلىرىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئاۋاز چىقىرىشقا مەجبۇرلاۋاتقانلىقى سۆز بېشى قىلىنغان.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نىكولا بەئېر بۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «بېيجىڭ ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا يارايدىغان بارلىق جازا تەدبىرلىرى بۈگۈن ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ھازىر بولۇشى لازىم» دېگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2008-يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ» دەپ ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانغان.

تەپسىلاتى...