يوللانغان ۋاقتى:2020-09-25| سەھىپە: د ئۇ ق تەرىپىدىن چىقىرىلغانلار د ئۇ ق غا ئالاقىدار خەۋەرلەر
2020 – يىلى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى
مەزكۇر كېلىشىمنىڭ يادرولۇق مەقسىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن خەلقئارا ئىماملار كېڭىشى ئارىسىدا ھەمكارلىشىش ۋە ياردەملىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇ ئىككى ئورۇن ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ رولى ۋە ماھىيىتىگە ئوچۇق ئىزاھات بېرىش ھەمدە مەزكۇر ھەمكارلىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇزۇن مەزگىل ئورتاق ئۈنۈم يارىتىشتىن ئىبارەت. ھەر ئىككى تەرەپ بىر ھەپتە مۆھلەت ئىچىدە يازما شەكىلدە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى توختىتىش ھوقۇقىغا ئىگە.
مەزكۇر كېلىشىم 2020 – يىلى 10 – ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە خالىغان بىر تەرەپ تاكى ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلىشنى توختاتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان پرىنسىپلار ئاساسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى ماقۇللىدى:
1. ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولغان كرىزىس ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتى ھەققىدە خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنى توغرا ۋە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەش.
2. دەۋا پائالىيەتلىرى ۋە ھەمكارلىشىش ئېھتىماللىقى بولغان پائالىيەت پىلانلىرى توغرىسىدا خەلقئارا ئىماملار كېڭىشى بىلەن داۋاملىق زىچ ئالاقىنى ساقلاش.
3. خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنىڭ تىنىچ بىرگە ياشاش، ئۆز-ئارا يول قويۇش، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە دىنىي جامائەتلەر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت نىشانىغا يېقىندىن ئەگىشىش.
4. خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولىۋاتقان كرىزىس توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تىرىشچانلىقلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ھەمدە خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنى ئالاقىدار سۆھبەتلەرگە داخىل قىلىش.
5. دىنىي ئەركىنلىك، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۆز-ئارا يول قويۇشنى قوغداش يولىدا بىرلىكتە خىزمەت قىلىش.
6. مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا زۇلۇم تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتىگە رەسمىي ھەم قائىدىلىك يوسۇندا خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىگە ئىمتىياز بېرىش.
خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىمۇ تۆۋەندىكى نۇقتىلار ماقۇللىدى:
1. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاش، شۇنداقلا خىتايغا قايتۇرۇلۇش ۋە ئۇ يەردە جازالىنىش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ھەم سىياسى پاناھلانغۇچىلارنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلارغا ياردەملىشىش.
2. نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت قىلمىشلىرىنى توختىتىش يولىدا داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلارنى قوللاش، بۇ ھەقتە رەسمىي مەتبۇئات باياننامىلىرىنى ئېلان قىلىش، ئىسلامىي پەتىۋا چىقىرىش ھەمدە زۆرۈر تېپىلغاندا باشقا مۇۋاپىق چارىلەرنى قوللىنىش.
3. لوبىيچىلىق ھەم ئاممىۋى مۇناسىۋەت خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسىنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىگە ۋە دىننىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا قارىتا دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغاش، مۇسۇلمان دىنىي ۋە سىياسى رەھبەرلەرنى كرىزىسلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم پرىنسىپال يوسۇندا ئىنكاس قايتۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش.
4. خەلقئارا ئىماملار كېڭىشى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئاممىۋىي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە باشقا دىن گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرلەشمە پائالىيەتلىرىگە ھەمدەمدە بولۇش، ئىنسان ھەقلىقىگە ھۆرمەت قىلىش، دىنىي زۇلۇملارنى توختىتىش توغرىسىدا خىتايغا قارشى بىرلىكتە چاقىرىق قىلىش.
5. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى دىنىي ۋە سىياسىي رەھبەرلەر، پائالىيەتچىلەر، ئاممىۋىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە باغلىشىغا ھەمدەمدە بولۇش.
6. ئۇيغۇر خەلقى دۇچار بولىۋاتقان كرىزىسىنى خەلقئارالىق مۇئەسسەسەلەرگە، جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتىغا ئاڭلىتىش، باشلامچى دىنىي رەھبەرلەرنى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە قارىتا ئادالەت ۋە ياردەم چاقىرىقىدا بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىش.
7. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مۇسۇلمان ھەمدە غەيرى مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا يېقىندىن ھەمكارلىشىش.
مەزكۇر كېلىشىم 2020 – يىلى 9 – ئاينىڭ 17 – كۈنى ئىمزالاندى.
خەلقئارا ئىماملار كېڭىشىنىڭ ئۇشبۇ تامغىسى نىزامنامىسىغا ۋە رەئىسنىڭ ئىجازىتىگە ئاساسەن مۆھۈرلەندى.
ئىمام مۇھەممەت ئەل بۇدەيرى
2020 – يىلى 17 – سېنتەبىر،
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئۇشبۇ ئىمزاسى بىلەن مۆھۈرلەندى.
دولقۇن ئەيسا
2020 – يىلى 17 – سېنتەبىر
ئەسلى تېكىستنى تۆۋەندىكى ئادرىس ئارقىلىق كۆرەلەيسىز:
تەپسىلاتى...