ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كالىفورنىيىدە تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈردى

ر ف ئا خەۋىرى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھەمراھى، ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ لوس – ئانجېلېس شەھىرىدە “تەيۋەن دوستلىرى” جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا  تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

بۇ يىغىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنى چۈشىنىش پۇرسىتى بولدى، شۇنداقلا تەيۋەنلىكلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈردى.

ئالىم سېيىتوف ۋە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىلەر يىغىندا يەنە ئايرىم – ئايرىم نۇتۇق سۆزلەپ، تەيۋەنلىكلەرگە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/tepsili_xewer/uyghur-teywen-munasiwiti-12232009190754.html/story_main?encoding=arabic

تەپسىلاتى...

خىتاي، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدايمىش !

2009-يىلى12-ئاينىڭ 22-كۈنى

خىتاي، 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدايمىش !
خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك ئىنكاسى، خىتاينى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن 2 – قېتىم بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا، كامبودژادىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچ بىر دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.
12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باي جىڭدا مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، “كامبودژادىن قايتۇرۇلغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى قانۇن ئورگانلىرىمىز ئۆزى بېكىتىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىلجىرلاش ھوقۇقى يوق” دەپ چالۋاقىدى.
باياناتچى بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش ” جىنايىتى ” ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، ئۇلارنىڭ، ” جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ – چىقىشىنى باشقۇرۇش قانۇنى ” غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەپسىلىي ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى.
http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/12-22/2032546.shtml
د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى

خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كامبودژادىن قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆرسەتكەن كۈچلۈك ئىنكاسى، خىتاينى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن 2 – قېتىم بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇر قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدىنقى قېتىم ئېلان قىلغان باياناتىدا، كامبودژادىكى 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، ئەمما بۇ ھەقتە ھېچ بىر دەلىل – ئىسپات كۆرسىتەلمىگەن ئىدى.

12 – ئاينىڭ 22 – كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى باي جىڭدا مۇخبىرلارنى كېتىۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، “كامبودژادىن قايتۇرۇلغان جۇڭگو پۇقرالىرىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىشنى قانۇن ئورگانلىرىمىز ئۆزى بېكىتىدۇ، بۇ بىزنىڭ ئىچكى ئىشىمىز، چەتئەللىكلەرنىڭ بۇ ھەقتە بىلجىرلاش ھوقۇقى يوق” دەپ چالۋاقىدى.

باياناتچى بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش ” جىنايىتى ” ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ، ئۇلارنىڭ، ” جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ – چىقىشىنى باشقۇرۇش قانۇنى ” غا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ بۇلارنى قانۇن بويىچە بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تەپسىلىي ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ چىققان ئىدى.

http://www.chinanews.com.cn/gn/news/2009/12-22/2032546.shtml

د ئۇ ق تەشۋىقات مەركىزى

تەپسىلاتى...

كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ خىيانىتى خەلقئارانىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى

2009-يىلى12-ئاينىڭ 22-كۈنى

كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 1951 – يىلى ئۆزى ئىمزا قويغان ب د ت مۇساپىرلار خەلقئارا ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا تامامەن خىلاپ ھالدا 19 – دېكابىر كۈنى 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىك قىلمىشى خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە غەزىپىنى قوزغىدى.

بۇ ۋەقەنى ئەڭ مۇھىم ھادىسىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان غەرب مەتبۇاتلىرى، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئېلىۋاتقان ئىقتىسادى مەنپەەتلەر بەدىلىگە 20 نەپەر ئۇيغۇر سىياسىي قاچقۇننى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، خەلقئارالىق قانۇن – پرىنسىپلارنى ئوچۇقتۇن – ئوچۇق دەپسەندى قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

كامبودژانىڭ بۇ غەيرىي ئىنسان قىلمىشى، ب د ت نىڭ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.

   ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومۇسسارلىقىنىڭ باياناتچىسى بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە،  كامبودژا، 1951 – يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان دۆلەت بولۇشى سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى كېرەك ئىدى، خىتايغا قايتۇرۇلغان 20 ئۇيغۇرنىڭ ۋە كامبودژادا غايىب بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي كامبودژا ھۆكۈمىتى جاۋابكار  دەپ كۆرسەتتى.

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىم، كامبودژا ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيانى ئالدىدى دەپ كۆرسەتتى

009-يىلى12-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم، كامبودژادىكى 20 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە، كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار خەلقئارا ئەھدىنامىسىگە ئىمزا قويغان بىردىن – بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ  ئۈچۈنمۇ دەسلىپىدە ۋيېتنامغا قېچىپ چىققان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ كامبودژاغا يۆتكەپ كېلىنىپ بۇ يەردىكى ب د ت ئورگىنىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى،  22 نەپەر ئۇيغۇر كامبودژادا تۇرۇۋاتقان مەزگىللەردە كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن 3 قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ب د ت مۇساپىرلار خەلقئارالىق ئەھدىنامىسىنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ب د ت نىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەسئۇللىرىغىمۇ بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، ئەمما 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنىگە كەلگەندە ئىلگىرى خەلقئاراغا بەرگەن ۋەدىسىدىن تامامەن يېنىۋېلىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرى بەدىلىگە 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا ساتقانلىقىنى بايان قىلدى.

رابىيە خانىم،  كامبودژا ھۆكۈمىتى پۈتۈن دۇنيانى ئالدىدى ۋە ئۆزلىرى 1951 – يىلى ئىمزا قويغان ب د ت مۇساپىرلار خەلقئارالىق ئەھدىنامىسىگە خىيانەت قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جامائەتچىلىك كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ غەيرىي ئىنسان قىلمىشىدىن ھېساب سوراش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

دۇق تەشۋىقات مەركىزى

تەپسىلاتى...

رابىيە خانىمنىڭ ياۋروپادىكى 7 دۆلەتكە قىلغان زىيارىتى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، دۇق باياناتچىسى ئالىم سەيىتوف ئەپەندىمنىڭ ھەمراھلىقىدا 11 – ئاينىڭ 20 – كۈنى باشلىغان بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتىنى، 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ئامېرىكىغا قايتىپ كەلدى.

رابىيە خانىم بۇ قېتىمقى ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىتالىيە، شۋېتسىيە، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، ئاۋسترىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋەكىللىرى، بۇ ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت مەسئۇللىرى، شۇنداقلا تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سىياسىي پارتىيىلەر ۋە ئاممىۋى گۇرۇپپىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچۇرۇشۇپ، ئۇلارغا 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ھەقىقىي جەريانى ۋە ماھىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيە مەتبۇاتلىرىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنتېرنېت – تېلېفون ئالاقىسىنى قامال قىلىش سىياسىتى ئەيىبلەندى

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن بۇيان ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون ئالاقىسىنى ئۈزۈش ۋە قامال قىلىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە چەتئەل مەتبۇاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

تەپسىلاتى...

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى تەبرىكلەيمىز

2009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

بۈگۈن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال باياننامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  61 – يىللىق خاتىرە كۈنى.

دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقىگە ئوخشىغان ئېزىلىۋاتقان، خورلىنىۋاتقان ئەسىر مىللەتلەر ئۈچۈن 10 – دېكابىر ئىنتايىن زور تارىخىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈندىن ئىبارەت !

تەپسىلاتى...

گېرمانىيىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش

Germaniye namayish3.2009.12.102009-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى

دۇق مەركىزى ئورگىنى ۋە دۇق تەركىبىدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ  61 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مەخسۇس نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.

تەپسىلاتى...

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى گېرمانىيىدە قۇربان ھېيتلىق چاي بەردى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى

قۇربان ھېيت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىڭ يىلدىن بۇيان ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش بىلەن تەبرىكلەپ كەلگەن دىنىي ۋە مىللىي بايرىمى .مۇشۇ مۇبارەك كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن،ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى ميۇنخېن شەھىرىدە 29 –نويابىر كۈنى گېرمانىيىدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇبارەك بايرىمىنى تەبرىكلەپ قوي سويۇپ چاي بەردى.

تەپسىلاتى...

گېرمانىيدىكى ياشلار بىرلىكتە قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى

2009-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى

ھەر سەۋەبلەر تۈپەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ 80- يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ گېرمانىيىگە كېلىپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرى نۆۋەتتە ئالدى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرتلىرىغا قوبۇل قىلىنىپ ۋە بەزىلىرى ھەر خىل ئۆتكۈر كەسىپ تۇرلىرى بويىچە تەربىيىلىنىش قەدىمىنى باشلىدى.

تەپسىلاتى...