رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، ئۇيغۇر زىيالىيسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى
2019-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى ​

بىز بۈگۈن رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى،مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىسى شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ تۆنۈگۈن، يەنى 2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە موسكۋادا تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى بىلىپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۆمدۇق.

شېرىپ ئەخمەدوف ئاكىنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى ئەسلى قەشقەرنىڭ بەشكىرەم تەۋەسىدىن بولۇپ، ئوزى 1939-يىلى،10-ئاينىڭ 26-كۈنى شەرقى تۇركىستاننىڭ شىخۇ ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

تەپسىلاتى...

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئۇيغۇرلار، خىتاي دېموكراتلىرى ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

5-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى، ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇنداقلا دېموكرات خىتاي ۋەكىللىرى، خرىستىئان ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرى ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

مەزكۇر ئۇچرىشىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى باشلىقى ئۆمەر قانات ئەپەندى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇچرىشىش ئەتىگەن سائەت 11 دە باشلىنىپ، بىر سائەت داۋام قىلغان. ئۆمەر قانات ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش مۇئاۋىن پرېزىدېنت مايك پەنس ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدىغان مۇھىم بىر پۇرسەت بولغان. 

تەپسىلاتى...

«ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇنياۋى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. 8-ئاينىڭ 2-3-4-كۈنلىرى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئەھمەدىيە مۇسۇلمان جەمئىيىتى» نىڭ يىللىق يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىشى دەل بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 40 مىڭغا يېقىن مۇسۇلمان جامائىتى قاتناشقانلىقى مەلۇم. بۇ يىغىنغا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن سەككىز كىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئالتە كىشىلىك بىر ھەيئەتمۇ قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر يىغىنغا يەنە ئەنگلىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، برازىلىيە ۋە پاكىستان قاتارلىق 37 دۆلەتتىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان. 

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايدىكى سەرگۈزەشتلىرى ۋە چەتئەللىك گېن تەتقىقاتچىسىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيوسى 19-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر رادىئو پروگراممىسى تارقاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكادىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنىدۇ ۋە خىتاي بىلەن گېن تەتقىقاتىدا ھەمكارلاشقان چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن يوشۇرۇن زىيىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.

«ئامېرىكالىقلار قانداق قىلىپ بىلىپ-بىلمەي خىتايدىكى نازارەتنىڭ كۈچىيىشىگە ھەمدەمدە بولۇپ قالىدۇ؟» ناملىق بۇ رادىئو پروگراممىسىنىڭ ئالدىنقى بۆلىكى نۆۋەتتە ئامېرىكادا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان، ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىغا تەتىل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتقاندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن 28 كۈن سولاپ قويۇلغان ئۇيغۇر ياش ئالىم (يالغان ئىسىم) نىڭ ھېكايىسى بىلەن باشلىنىدۇ. پروگرامما تۆۋەندىكىدەك داۋاملىشىدۇ: 

تەپسىلاتى...

ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

24-ئىيۇل ئەنگلىيە پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 24-ئىيۇل ئەنگلىيە پايتەختى لوندونغا يېتىپ كېلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋەزىيىتى ۋە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش» يىغىنىغا قاتناشقان.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24-ئىيۇل كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە يىغىن خاتىمىسىدە «بارلىق پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋاز قوشۇشى» بىلەن «ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغان.

تەپسىلاتى...

گېرمان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

گېرمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە جىددىي قىزىقىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈزلۈكسىز ئېلان قىلىنىۋاتقان خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار گېرمانىيەدىكى ھەر ساھە مەكتەپلەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان قىزىقىشنى كۈچەيتىپ بارماقتا.

گېرمانىيەنىڭ فۈرستېنفېلدبرۇك رايونىدىكى يۇقىرى مەكتەپ (گىمنازىيۇم) نىڭ تەلىپىگە بىنائەن 23-ئىيۇل كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى «قەشقەر ئۇيغۇر رېستورانى» دا مەزكۇر مەكتەپنىڭ 12 نەپەر ئوقۇغۇچىسىغا ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدا 2 سائەت دوكلات بېرىلدى.

تەپسىلاتى...

د ئۇ ق رەھبەرلىرى خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» غا رەددىيە قايتۇردى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان «ئاق تاشلىق كىتابى» تۈرلۈك رەددىيەلەرگە دۇچ كەلمەكتە.

22-ئىيۇل كۈنى خىتاي ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى «ئاق تاشلىق كىتاب» غەرب مەتبۇئاتلىرىدا تۈرلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت شۇ كۈنى «مەركىزى ئاگېنتلىق» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينى «تارىخنى بۇرمىلاش، ئاق-قارىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش» بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۈگۈن د ئۇ ق رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئەركىن ئەكرەم ۋە پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ «ئاق تاشلىق كىتابى» غا قارىتا رەددىيەلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تەپسىلاتى...

لوندوندا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئاڭلىتىلدى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ئەنگىلىيەدىكى «لوندون ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» دە جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا دوكلات تەقدىم قىلدى.

21-ئىيۇل ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىكى «لوندون ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» دە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى-خەلقئارا ئىنكاسلار ۋە ئەخلاقىي مەجبۇرىيەت» ناملىق يىغىن چاقىرىلغان. يىغىندا د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا، رەئىس ۋەكىلى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن قاتارلىقلار دوكلات تەقدىم قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.

تەپسىلاتى...

ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتى ميۇنخېندا ئالقىشقا ئېرىشتى

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

6-ئىيۇل گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى تەركىبىدە 80 تەشكىلاتى بولغان «ئىختىيارىي مۇلازىمەت تەشكىلاتلار بىرلىكى» شەھەرنىڭ ئاۋات سودا رايونى بولغان مەريەم مەيدانىدا «ئۆزىگە ياردەم» نامىدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتىنى كۆرەك قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. ھەر 2 يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ پائالىيەتتە ميۇنخېن شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە مۇكەممەللىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى» بىلەن «گېرمانىيە ئۇيغۇر ئانىلار بىرلىكى» نومۇر كۆرسىتىپ، يەرلىك ئاۋام ۋە چەتئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرىغا سازاۋەر بولغان.

تەپسىلاتى...

دۇنيادىكى 14 دۆلەت، 22 شەھەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقى خاتىرىلەنمەكتە

خەۋەر مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 10 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى.

چاقىرىقتا «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش ۋە بۇ ئارقىلىق كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسىتىنى شۇنداقلا مىللىي مەۋجۇتلۇقى تارىختىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە جىددىي تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقان خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەم جانلىق شەكىلدە ئاڭلىتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىمىزدىن ئىبارەتتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.

تەپسىلاتى...